باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ خەت ساندۇقى ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم





خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

جياڭشى ئۆلكىسى گۈيشى شەھىرىدە بالىلار باغچىسىنىڭ ئاپتوموبىلى ئۆرۈلۈپ كېتىپ، 11 بالا قازا قىلدى

2012.12.25 15:06         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  24-دېكابىر سائەت 9:00 ئەتراپىدا ، جياڭشى ئۆلكىسى گۈيشى شەھىرى بىنجياڭ بازىرى خۇڭتاڭ كەنتىدە 15 بالا ئولتۇرغان بىر مىنىبۇس ئۆرۈلۈپ كېتىپ سۇ كۆلچىكىگە چۈشۈپ كېتىپ، نەق مەيداندا ئۈچ بالا قازا قىلغان ، 12 بالا دوختۇرخانىغا ئېلىپ بېرىلغان بولۇپ، بۇنىڭ ئىچىدىكى سەككىز بالا قۇتقۇزۇش ئۈنۈم بەرمەي قازا قىلغان. نۆۋەتتە ، بۇ قېتىمقى ۋەقەدە 11 بالا قازا قىلغان بولۇپ، ھايات قالغان تۆت بالا شەھەرلىك خەلق دوختۇرخانىسىدا داۋالىنىۋېتىپتۇ.

  تونۇشتۇرۇلۇشىچە، ۋەقە يۈز بەرگەن سۇ كۆلچىكىدىكى سۇنىڭ چوڭقۇرلۇقى 3 - 4 مېتىر ئەتراپىدا بولۇپ، كۆلىمى تەخمىنەن 10 مو ئەتراپىدا كېلىدىكەن. ۋەقە يۈز بەرگەن مىنىبۇستا شوپۇردىن باشقا يەنە بىر نەپەر ئوقۇتقۇچىمۇ بار ئىكەن. نۆۋەتتە، ئاپتوموبىلنىڭ ئۆرۈلۈپ كېتىش سەۋەبى جىددىي تەكشۈرۈلمەكتە.

  مەنبە: خەلق تورى

مەسئۇل مۇھەررىر : ھەبىبە