باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ خەت ساندۇقى ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم





خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

«بالىلارنى ئالداپ سېتىۋېتىش قىلمىشىغا زەربە بېرىش» ھەرىكىتىدە 89 بالا قۇتقۇزۇپ قېلىندى

2012.12.25 14:45         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

18-دېكابىر ، چۈەنچۇ ئەنشى ناھىيەسىدە ساقچىلار بالىلارنى ئالداپ-ساتقان جىنايەت گۇماندارىنى قولغا چۈشۈردى.
  خەلق تورىنىڭ 25-دېكابىر بېيجىڭدىن بەرگەن خەۋىرى. يېقىندا، جامائەت خەۋپسىزلىكى مىنىستىرلىقىنىڭ بىر تۇتاش يېتەكچىلىكىدە، فۇجيەن، سىچۇەن، يۈننەن، ئەنخۇي، گۇاڭدۇڭ قاتارلىق توققۇز ئۆلكىدىكى جامائەت خەۋپسىزلىكى ئورگانلىرى مەركەزلەشتۈرۈپ تۇتۇش ۋە مەركەزلىك قۇتقۇزۇش پائالىيىتىنى ماس قەدەمدە قانات يايدۇرۇپ، خەتىرى ئىنتايىن ئېغىر بولغان بالىلارنى ئالداپ ساتقان جىنايەتچىلەر گۇرۇھىدىن توققۇزنى يوقاتتى، جىنايەت گۇماندارىدىن 355نى تۇتۇپ، ئالداپ سېتىۋەتكەن 89 بالىنى قۇتقۇزدى. سۈرەتتە، 12-ئاينىڭ 19-كۈنى، چۈەنجوۋ شەھىرى ئەنرو ناھىيىسىدە ساقچىلار ئالداپ سېتىۋەتكەن بوۋاقنى قۇتقۇزدى.( خەلق تورى مۇخبىرى جاڭ ياڭ ماقالىسى، شىنخۇا ئاگېنتلىقىنىڭ مۇخبىرى ۋاڭ شېن فوتوسى)

مەسئۇل مۇھەررىر : قەدىرىيە