باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ خەت ساندۇقى ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم





خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

جياڭشى ئۆلكىسىنىڭ گۈيشى شەھىرىدە مىنىبۇس كۆلگە چۈشۈپ كېتىپ، 11 بالا قازا قىلدى

2012.12.25 14:36         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

قازا قىلغان بالىلارنىڭ سومكىسى.
  خەلق تورىنىڭ 25-دېكابىر بېيجىڭدىن بەرگەن خەۋىرى. 12-ئاينىڭ 24-كۈنى سائەت 9لاردا، گۈيشى شەھىرى بىنجاڭ بازىرىنىڭ خۇڭتاڭ كەنتىدە 15 يەسلى بالىسى ئولتۇرغان بىر مىنىبۇس ئۆرۈلۈپ كۆلگە چۈشۈپ كەتتى، ئۈچ بالا نەق مەيداندا قازا قىلدى، دوختۇرخانىغا ئاپىرىلغان 12 بالىنىڭ سەككىزى قۇتقۇزۇش ئۈنۈم بەرمەي قازا قىلدى. ھازىرغا قەدەر 11 بالا قازا قىلدى، ئامان قالغان تۆت بالىنىڭ ھاياتى خەۋپتىن قۇتۇلغان بولسىمۇ، تېخىچە دوختۇرخانىدا داۋالىنىۋاتىدۇ.

  تونۇشتۇرۇلىشىچە، ۋەقە سادىر بولغان كۆلنىڭ كۆلىمى ئون نەچچە مو، چوڭقۇرلۇقى ئۈچ-تۆت مېتىر كېلىدىكەن. ۋەقە يۈز بەرگەندە مىنىبۇستا شوپۇردىن باشقا يەنە بىر ئوقۇتقۇچىمۇ بار ئىكەن.(جۇڭگو مىللەتلەر تەرجىمە ئىدارىسى تەرجىمىسى)

مەسئۇل مۇھەررىر : قەدىرىيە