باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ خەت ساندۇقى ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم





خەلق تورى>> قانۇن -نىزاملار

يېڭىدىن تۈزىتىلگەن جىنايى ئىشلار دەۋا قانۇنىنىڭ ئەدلىيەلىك ئىزاھاتى ئېلان قىلىندى

2012.12.25 14:35         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 24-دېكابىر بېيجىڭدىن بەرگەن خەۋىرى: ئالىي خەلق سوت مەھكىمىسى بۈگۈن «<جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ جىنايى ئىشلار دەۋا قانۇنى>نى تەتبىقلاش ھەققىدىكى ئىزاھات»نى ئېلان قىلدى، بۇ ئىزاھات 2013-يىل 1-ئاينىڭ 1-كۈنىدىن باشلاپ يېڭىدىن تۈزىتىلگەن جىنايى ئىشلار دەۋا قانۇنى بىلەن تەڭ يولغا قويۇلىدۇ.

  ئىگىلىشىمىزچە، 24 باب، 548 ماددا، 70 مىڭدىن ئارتۇق خەتتىن تەركىپ تاپقان بۇ ئەدلىيەلىك ئىزاھات ئالىي خەلق سوت مەھكىمىسى تارىخىدىكى ماددىسى ئەڭ كۆپ، ھەجىمى ئەڭ چوڭ ئەدلىيەلىك ئىزاھات ئىكەن.

  ئالىي خەلق سوت مەھكىمىسىنىڭ مەسئۇلى مۇنۇلارنى بىلدۈردى: بۇ ئەدلىيە ئىزاھاتىنىڭ تۈزۈپ يولغا قويۇلۇشى تۈزىتىلگەندىن كېيىنكى جىنايى ئىشلار دەۋا قانۇنىنى توغرا، بىردەك، قاتتىق، ئۈنۈملۈك يولغا قويۇش، جىنايەتچىلەرنى تېخىمۇ ئۈنۈملۈك جازالاش، كىشىلىك ھوقۇقىغا تېخىمۇ كۈچلۈك كاپالەتلىك قىلىش، جەمئىيەت ئىناقلىقى ۋە مۇقىملىقىنى ھەقىقىي قوغداش، ئەدلىيەنىڭ ئىناۋىتىنى تۇرغۇزۇشتا مۇھىم ئەھمىيەتكە ئىگە. (بەي لۇڭ خەۋىرى؛جۇڭگو مىللەتلەر تەرجىمە ئىدارىسى تەرجىمىسى)

  مەنبە: خەلق تورى

مەسئۇل مۇھەررىر : قەدىرىيە