باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ خەت ساندۇقى ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم





خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

ئاز سانلىق مىللەتلەر ۋە مىللىي رايونلارنىڭ تەرەققىياتىنى يەنىمۇ تېزلىتىپ، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى-تەرەققىياتى ئىشلىرىدا داۋاملىق يېڭى ۋەزىيەت يارىتايلى

2012.12.25 14:29         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 24-دېكابىر بېيجىڭدىن بەرگەن خەۋىرى: دۆلەت مىللەتلەر ئىشلىرى كومىتېتىنىڭ ئومۇمىي ھەيئەتلەر يىغىنى 24-چېسلا بېيجىڭدا ئېچىلدى، گوۋۇيۈەننىڭ مۇئاۋىن زۇڭلىسى خۇي لياڭيۈ يىغىنغا قاتناشتى ۋە سۆز قىلدى.

  ئۇ مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: 18-قۇرۇلتاينىڭ روھىنى ئەستايىدىل ئۆگىنىپ ۋە ئىزچىل ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، مۇھىم ئىستىراتېگىيەلىك پۇرسەت مەزگىلىنى چىڭ تۇتۇپ، ئاز سانلىق مىللەتلەر ۋە مىللىي رايونلارنىڭ تەرەققىياتىنى يەنىمۇ تېزلىتىپ، مىللىي مەسىلىنى ھەل قىلىشنىڭ جۇڭگوچە توغرا يولىدا قەتئىي تەۋرەنمەي مېڭىپ، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى-تەرەققىياتى ئىشلىرىدا داۋاملىق يېڭى ۋەزىيەت يارىتىشىمىز كېرەك.ج ك پ مەركىزىي كومىتېتى شۇجىچۇسىنىڭ شۇجىسى، دۆلەت مىللەتلەر ئىشلىرى كومىتېتىنىڭ مۇدىرى ياڭ جىڭ يىغىنغا رىياسەتچىلىك قىلدى.

  ياڭ جىڭ يىغىنغا رىياسەتچىلىك قىلغاندا مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: دۆلەتلىك مىللەتلەر ئىشلىرى كومىتېتىنىڭ ئەزالىق تۈزۈمىدە چىڭ تۇرۇپ ۋە مۇكەممەللەشتۈرۈپ، مۇۋەپپەقىيەت تەجرىبىلىرىنى ئۆزلۈكسىز يەكۈنلەپ، ھەرىكەت مېخانىزمىنى يەنىمۇ مۇكەممەللەشتۈرۈپ، ھەر قايسى تەرەپلەرنىڭ كۈچىنى مۇجەسسەملەپ، مىللەتلەر خىزمىتىنى بىرلىكتە ياخشى ئىشلەش لازىم. (جۇڭگو مىللەتلەر تەرجىمە ئىدارىسى تەرجىمىسى)

  مەنبە: خەلق تورى

مەسئۇل مۇھەررىر : قەدىرىيە