باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ خەت ساندۇقى ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم





خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

بېيجىڭ-گۇاڭجۇ تېز سۈرئەتلىك تۆمۈر يولىنى ۋۇخەن تۈگۈنى بىلەن تۇتاشتۇرۇش ئوڭۇشلۇق بولدى

2012.12.24 16:50         مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى 24-دېكابىر بېيجىڭ خەۋىرى: 26-دېكابىر بېيجىڭ گۇاڭجۇ تېز سۈرئەتلىك تۆمۈر يولىنى ئومۇمىي لىنىيە بويىچە تۇتاشتۇرۇشقا ئاز قالغان پەيتتە، تەخمىنەن تۆت ئاي قۇرۇلۇش قىلىش ئارقىلىق، ۋۇخەن تۈگۈنىدە تۇتاشتۇرۇش قۇرۇلۇشى مۇۋەپپەقىيەتلىك تاماملاندى، بېيجىڭ-گۇاڭجۇ تېز سۈرئەتلىك تۆمۈر يولىنى ۋۇخەن تۈگۈنى بىلەن تۇتاشتۇرۇش ئوڭۇشلۇق ئىشقا ئاشتى. بۇ بېيجىڭ-گۇاڭجۇ تېز سۈرئەتلىك تۆمۈر يولىدىكى چاقماق پويىزنىڭ بۇندىن كېيىن بىۋاسىتە خەنكۇ پويىز ئىستانسىسىغا بارالايدىغانلىقىدىن دېرەك بېرىدۇ. بۇنىڭ بىلەن بېيجىڭ-گۇاڭجۇ تېز سۈرئەتلىك تۆمۈر يولىدا قاتناش باشلاش ۋە ئىسخىمىنى تەڭشەپ يۈرۈشكە پۇختا ئاساس سېلىندى.

  جۇڭگو پويىز قاتنىشىنى كونترول قىلىش سىستېمىسى تۆمۈر يول تىرانسپورتىدىكى مۇھىم ئەسۋاب بولۇپ، پويىزنىڭ ھەرىكىتىگە قوماندانلىق قىلىش، قاتناش بىخەتەرلىكىگە كاپالەتلىك قىلىش، تىرانسپورت ئۈنۈمىنى ئۆستۈرۈش، پويىزلارنىڭ ھەرىكىتىنى كونترول قىلىشنى زامانىۋىلاشتۇرۇشتىكى ئاساسلىق تېخنىكا ئەسۋابى بولۇپ ھېسابلىنىدۇ.

مەسئۇل مۇھەررىر : قەدىرىيە