باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ خەت ساندۇقى ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم





خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

دۆلىتىمىزنىڭ كۆپ قىسىم رايونلىرىدا تېمپىراتۇرا ئىزچىل تۆۋەنلىمەكتە

مۇتەخەسسىس: ئەڭ سوغۇق كۈنلەر تېخى ئالدىمىزدا

2012.12.24 16:13         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

23-دېكابىر، شىنجاڭدا بىر قاتناش ساقچىسى قاردا قاپسىلىپ قالغانلارنى قۇتقۇزماقتا.
  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 22-دېكابىر بېيجىڭدىن بەرگەن خەۋىرى: كۈچلۈك سوغۇق ھاۋانىڭ تەسىرىدە، ئېلىمىزنىڭ كۆپ قىسىم رايونلىرىدا تېمپىراتۇرا ئىزچىل تۆۋەنلىمەكتە. كۆزىتىشلەرگە كۆرە، بۈگۈن سەھەردە ئېلىمىزنىڭ كۆپ قىسىم رايونلىرىدا تېمپىراتۇرا قىش كىرگەندىن بۇيانقى ئەڭ تۆۋەن سەۋىيەگە يەتكەن. بۇنىڭ ئىچىدە ئىچكى موڭغۇلنىڭ تۇلىخې بازىرى (نۆلدىن تۆۋەن 43.4 گىرادۇس)، شىنجاڭنىڭ سانجى ئوبلاستى (نۆلدىن تۆۋەن 35.8گىرادۇس)، گەنسۇنىڭ سۇبېي ئوبلاستى(نۆلدىن تۆۋەن 25.5 گىرادۇس) قاتارلىق جايلاردا تېمپىراتۇرا تارىختىن بۇيانقى ئەڭ تۆۋەن سەۋىيە يارىتىلغان.

  مەركىزىي مېتېئورولوگىيە ئىستانسىسىنىڭ باش مەلۇماتچىسى خې لىفۇ مۇنداق دېدى: قۇتۇپ رايونىدا سوغۇق قاينامنىڭ كۈچلۈكرەك بولۇۋاتقانلىقى سەۋەبىدىن، شىمالدىكى رايونلاردا سوغۇق ھاۋانىڭ ھەرىكىتى كۆپىيىپ، جەنۇبتىكى رايونلارغىمۇ توختىماستىن يۆتكىلىۋاتىدۇ، بۇ ھاۋانىڭ سوۋۇپ كېتىشىنىڭ بىر سەۋەبى.

  لېكىن مۇتەخەسسىسلەر تەھلىل قىلىپ مۇنداق دېدى: بىر قىسىم رايونلارنىڭ تېمپىراتۇراسى قىش كىرگەندىن بۇيانقى ئەڭ تۆۋەن دەرىجىگە يەتكەن بولسىمۇ، لېكىن جەنۇبتىكى كۆپ قىسىم رايونلاردا تېخى قار ياغمىدى، بۇ بۇ يىل قىشتىكى ئەڭ تۆۋەن تېمپىراتۇرا ئەمەسلىكىدىن دېرەك بېرىدۇ.(جۇڭگو مىللەتلەر تەرجىمە ئىدارىسى تەرجىمىسى)

  مەنبە: خەلق تورى

مەسئۇل مۇھەررىر : قەدىرىيە