باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ خەت ساندۇقى ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم





خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

توققۇز ياشلىق ئوغۇل بالا چۇڭچىڭ يازغۇچىلار بىرلەشمىسىگە ئەزالىققا كىرگەن، ئۇ ئېلان قىلغان ئەسەر 100 مىڭ خەتتىن ئاشقان

2012.12.24 13:49         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  ئالتە ياشتىن باشلاپ يېزىقچىلىق بىلەن شۇغۇللانغان، سەككىز يېشىدا تۇنجى شىئېرلار توپلىمى «چۈشتىكى توزىغان گۈللەر» ناملىق شېئىرلار توپلىمى نەشىردىن چىققان، بالىلار چۆچەكلىرى ۋە ھېكايىلىرى قاتارلىق ئەسەرلىرىنىڭ خەت سانى 100 مىڭدىن ئاشقان. 9 ياشلىق چۇڭچىڭلىق شۈ يى مۇشۇ ئاينىڭ 21-كۈنى چۇڭچىڭ شەھەرلىك يازغۇچىلار بىرلەشمىسىنىڭ ئەزالىقىغا رەسمىي كىرىپ، چۇڭچىڭ شەھەرلىك يازغۇچىلار جەمئىيىتىنىڭ ئەڭ كىچىك ئەزاسى بولۇپ قالغان.

  9 ياشلىق بالا يازغان شىئېر «شىئېرلار» ژۇرنىلىنىڭ باش باش بېتىگە بېسىلغان
  شۈ يى چۇڭچىڭ شەھەرلىك شۇرېن باشلانغۇچ مەكتىپى 4-يىللىقىنىڭ ئوقۇغۇچىسى بولۇپ، ئۇ جىنبونىڭ بالىلادالىرى ۋە «ئاندىرسون بالىلار ھېكايىلىرى»نى بەكمۇ ياخشى كۆرىدۇ. بىراق، شېئىر يېزىشتا، ئۇ دەسلەپتە دادىسىنىڭ تەلىپى بىلەن شىئېر يېزىشقا كىرىشكەن.

  شۈ يىنىڭ دادىسى شۈ يى ئالتە ياشقا كىرگەندە ئۇنىڭدا كىتاپ ئوقۇش ئادىتى يىتىلدۈرۈش ئۈچۈن، شۈيىگە ھەر كۈنى تەبىئەتنى كۆزىتىش تەلىپىنى قويغان ۋە كۆرگەنلىرىدىن خاتىرە قالدۇرۇشنى تەلەپ قىلغان، «بەزىدە يازالمىسام دادام قاتتىق ئاچچىقلايتى»، ئەمەلىيەتتە مەن «ئەۋلىيا بالا» ئەمەس، پەقەتلا كۆپرەك يازغانلىقتىن يېزىققا نىسبەتەن مېھىرىم پەيدا بولغان ـ دېدى شۈ يى. شۇنداق قىلىپ، ئۇ شىئېر يېزىشنى ئۆگىنىپ، يېزىشقا كىرىشىپ كەتسە ئۆزىنى تۇتالمايدىغان بولۇپ قالغان. «شىئېر مېنىڭ ئەتراپىمدىكى شەيئىلەرنى ھەقىقىي ئىپادىلىشىم.»شۈ يىنىڭ دادىسى مۇنداق دېدى، شۈيى ئىزچىل تۈردە ئەتىگىنى شېئىر ئوقۇش ئادىتىنى ساقلاپ كېلىۋاتىدۇ، كەچتە ھېكايە ياكى بالىلار چۆچەكلىرىنى ئوقۇيدۇ، ئۇنىڭدىن باشقا ھەپتە ئاخىرى شۈيى يەنە شىئېر يېزىشنى داۋاملاشتۇرىدۇ ، شۈيىنىڭ «چۈشتىكى توزىغان گۈللەر» ناملىق شىئېرلار توپلىمى ۋە «يامغۇر بۇلۇتنىڭ كۆز يېشى» ناملىق شىئېرىي ھىكايىلەر توپلىمى پات ئارىدا نەشىردىن چىقىش ئالدىدا تۇرىۋاتىدۇ.

  مەنبە: خەلق تورى

مەسئۇل مۇھەررىر : ھەبىبە