باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ خەت ساندۇقى ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم





خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

مويەن يازغان ھۆسنىخەت يۇقىرى باھادا سېتىلدى

2012.12.24 13:40         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  يېقىندا 2012-يىللىق چۈەنشى كۈزلۈك كىم ئارتۇق قىلىپ سېتىش پائالىيىتى بېيجىڭدا ئۆتكۈزۈلدى. « يېقىنقى، ھازىرقى زامان كىشلىرىنىڭ ئۆز قەلىمى» مەخسۇس مەيدانىدا، مويەننىڭ بىر پارچە خېتى ۋە ئىككى پارچە ھۆسنىخەت ئەسىرى پۈتۈن مەيداندىكى يارقىن نۇقتىنىڭ بىرى بولۇپ قالدى ھەمدە بۇ ئۈچ پارچە بويۇمنىڭ ھەممىسى ئاساسىي باھا بېكىتىلمىگەن ھالەتتە كىم ئارتۇق قىلىپ ئوڭۇشلۇق سېتىپ چىقىرىلىپ، ئومۇمىي سوممىسى 117 مىڭ 300 يۈەنگە يەتتى. چۈەنشى جۇڭگو ھۆسنىخەت ۋە رەسىم ئەسەرلىرى بۆلۈمىنىڭ باش دېرېكتورى خەندۇ تونۇشتۇرۇپ مۇنداق دېدى :« ئاخىرقى پۈتۈشۈش باھاسى مۆلچىرىمىزدىكىدىن نەچچە ھەسسە يۇقىرى بولدى، بۇ ئۈچ بويۇمنىڭ ھەجىمى ئانچە چوڭ ئەمەس، ھەر بىر پارچىسىنىڭ چوڭلۇقى بىر ۋاراق A4قەغەز چوڭلۇقىدىلا بولۇپ، مويەن ھۆسنىخەتلىرىنىڭ بۇنىڭدىن كېيىنكى ئېشىش يوشۇرۇن قىممىتى يەنىلا ناھايىتى زور بولىدۇ.»

  مەنبە: خەلق تورى

مەسئۇل مۇھەررىر : ھەبىبە