باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ خەت ساندۇقى ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم





خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

ئېلىمىزنىڭ ھەر قايسى جايلىرى ئېكولوگىيە مەدەنىيلىك قۇرۇلۇشى زور كۈچ بىلەن ئىلگىرى سۈردى

2012.12.21 09:31         مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  پارتىيە 18- قۇرۇلتىيى ئېچىلغاندىن كېيىن، ئېكولوگىيە مەدەنىيلىك قۇرۇلۇشىنى زور كۈچ بىلەن ئىلگىرى سۈرۈش مارشى ۋەتىنىمىزنىڭ ھەر قايسى جايلىرىدا ياڭرىدى. ئومۇميۈزلۈك ھاللىق جەمئىيەت قۇرۇش مۇساپىسىدا گۈزەل جۇڭگو قۇرۇش ئىشلىرىمۇ دەۋرنىڭ جۇڭخۇا پەرزەنتلىرىگە تاپشۇرغان تارىخىي بۇرچىغا ئايلاندى. تيەنجىن شەھىرى 2011-يىلىدىن 2013-يىلىغىچە بولغان ئۈچ يىلدا 10 مىليارد يۈەنگە يېقىن مەبلەغ سېلىپ، سۇنى ساپلاشتۇرۇش قۇرۇلۇشى نامىدىكى سۇ مۇھىتىنى ئۇنۋېرىسال تىزگىنلەش تۈرىنى يولغا قويۇشنى بېكىتتى. جياڭسۇ ئۆلكىسىنىڭ جياڭجياگاڭ شەھىرى مەملىكىتىمىزدىكى تۈنجى دۆلەتنىڭ مۇھىت ئاسراشتىكى ئۈلگىلىك شەھىرى. ھازىر بۇ شەھەرنىڭ مۇھىت ئاسراشقا سالغان مەبلىغى ئىچكى ئىشلەپچىقىرىش ئومۇمىي قىممىتىنىڭ %3 نى ئىگىلەيدۇ. پۈتۈن رايوندىكى بىر تۈركۈم ئېغىر مۇھىت بۇلغايدىغان كارخانىلارنى تاقىدى؛ شەھەر ئىچىدە ئىس تۈتەك كۆرگىلى بولمايدۇ.

  خۇنەن ئۆلكىسىنىڭ ساڭجى ناھىيەسى دۆلەتنىڭ ۋۇلوڭ تېغىدىكى رايون تەرەققىياتى ۋە نامراتلارنى يۆلەش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش نۇقتىلىق ناھىيەسى. مەزكۇر ناھىيە يېشىللاشتۇرۇش يېتەكچىلىكىدە چىڭ تۇرۇپ، نىشانىنى يېشىل يېزا ئىگىلىكى، يېڭىچە سانائەت ۋە ئېكولوگىيە مەدەنىيەت ساياھەتچىلىكىگە قارىتىپ، كەسىپ ئارقىلىق ناھىيەنى گۈللەندۈرۈش، باغچە رايونى ئارقىلىق سانائەتنى گۈللەندۈرۈشتە تەۋرەنمەي چىڭ تۇردى. جياڭشى ئۆلكىسىنىڭ ۋەنئەن ناھىيەسى سۇ بۇلغايدىغان 20 دىن كۆپرەك كارخانا، بېجى كۆپ چوڭ كارخانىلارنى تاقىدى ۋە رەتكە سالدى. شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا، ئېنېرگىيە سەرپىياتى يۇقىرى ، مۇھىتنى ئېغىر بۇلغايدىغان، ئۈنۈمى تۆۋەن كارخانىلارنى قاتتىق تىزگىنلەپ، ناھىيە تەۋەسىدىكى جەنجياڭ دەرياسىنىڭ سۇ سۈپىتى ئۆلچىمىنى 2-تۈرلۈك سۈپەت ئۆلچىمىگە يەتكۈزدى.

مەسئۇل مۇھەررىر : ھەبىبە