باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ خەت ساندۇقى ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم





خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

دۆلەت ھالقىغان سودىدىكى ئېلېكتىرونلۇق سودا مۇلازىمەت سىنىقى ئومۇميۈزلۈك باشلاندى

2012.12.20 14:54         مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  دۆلەتلىك تەرەققىيات ئىسلاھات كومىتېتى، تاموژنا باش مەھكىمىسى بىرلىشىپ قانات يايدۇرغان دۆلەت ھالقىغان سودىدىكى ئېلېكتىرونلۇق سودا مۇلازىمەت سىنىقى خىزمىتى 19-دېكابىر جېڭجۇدا باشلاندى، بۇ ئېلىمىزنىڭ دۆلەت ھالقىغان سودىدىكى ئېلېكتىرونلۇق سودا تەرەققىياتىنىڭ يېڭى باسقۇچقا كىرگەنلىكىدىن دېرەك بېرىدۇ.

  تاموژنا باش مەھكىمىسىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى لۈ بىڭ باشلاش مۇراسىمىدا مۇنداق دېدى:«جېڭجۇ، شاڭخەي، چۇڭچىڭ، خاڭجۇ ۋە نىڭبودىن ئىبارەت بەش شەھەر ياخشى ئىقتىسادىي ۋە تاشقى سودا ئاساسىغا ئىگە بولۇپ، چېگرا ھالقىغان ئېلېكتىرونلۇق سودا مۇلازىمىتى سىنىقىنىڭ شەرتلىرىنى ھازىرلىغان».

  سىناق قىلىنغان شەھەرلەر ئالدى بىلەن يولغا قويۇپ ئالدى بىلەن سىناق قىلىدۇ، ئېلېكتىرونلۇق چېگرا ئېغىزى قۇرۇلۇش مېخانىزمى ۋە سەھنە ئەۋزەللىكىگە تايىنىپ، تاشقى سودىدىكى ئېلېكتىرونلۇق كارخانا ۋە چېگرا ئېغىزلىرىنى باشقۇرۇشقا ئالاقىدار تارماقلارنىڭ كەسىپ جەھەتتە ماسلىشىشى ۋە سانلىق مەلۇماتتىن تەڭ بەھرىمەن بولۇشىنى ئىشقا ئاشۇرۇپ، چېگرا ھالقىغان سودىدىكى ئېلېكتىرونلۇق سودا تەرەققىياتىنى چەكلەيدىغان چەكلىمە مەسىلىسىنى ھەل قىلىپ، تاموژنىدىن ئۆتۈشنى نازارەت قىلىپ باشقۇرۇش قېلىپىنى سەرخىللاشتۇرۇپ، تاموژنىدىن ئۆتۈشنى باشقۇرۇش ۋە مۇلازىمەت سەۋىيەسىنى ئۆستۈرىدۇ.

مەسئۇل مۇھەررىر : ھەبىبە