باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ خەت ساندۇقى ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم





خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

ئىچكىرى ئۆلكە ئاھالىلىرىنىڭ شياڭگاڭ، ئاۋمېن رايونلىرىغا بېرىپ تۇرۇشىنى تەستىقلاش چېكى ئېلان قىلىندى

2012.12.20 14:53         مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  يېقىندا، جامائەت خەۋپسىزلىكى مىنىستىرلىقى 2013-يىللىق ئىچكىرى ئۆلكە ئاھالىلىرىنىڭ شياڭگاڭ، ئاۋمېن رايونىغا بېرىپ تۇرۇشىنى تەستىقلاش چېكىنى ئېلان قىلدى.

  2013-يىلى ئىچكىرى ئۆلكە ئاھالىلىرى شياڭگاڭ ئاۋمېنغا بېرىپ تۇرۇشنى ئىلتىماس قىلغاندا ئەر خوتۇنلار جەم بولۇش تۈرىدىكىلەرنى قاراپ چىقىپ تەستىقلاش چېكى 146.1 نومۇر بولۇپ، 2009-يىلى 31-دېكابىردىن ئىلگىرى ئەر خوتۇنلار ئايرىلىپ تۇرغان بولۇشى؛ پەرزەنتلىرى ئاتا-ئانىلىرىنى قاراش تۈرىدىكىلەرنى قاراپ چىقىپ تەستىقلاش چېكى 60 نومۇر بولۇپ، ئىلتىماس قىلغۇچىنىڭ يېشى 18 ياشتىن 59 ياشقىچە بولۇشى، شياڭگاڭ ياكى ئاۋمېندىكى ئاتا-ئانىسىنىڭ يېشى بىردەك 60 ياشتىن يۇقىرى ھەمدە يېنىدا پەرزەنتى بولماسلىقى؛ پەرزەنتى ئاتا-ئانىسىغا پاناھلىنىش تۈرىدىكىلەرنى قاراپ چىقىپ تەستىقلاش چېكى 1 نومۇر بولۇپ، ئىلتىماس قىلغۇچى 18 ياشقا توشمىغان بولۇشى، ئاتا-ئانىسى بىردەك شياڭگاڭ ياكى ئاۋمېندا تۇرۇشلۇق بولۇشى؛ ئاتا-ئانىسى پەرزەنتىگە پاناھلىنىش تۈرىدىكىلەرنى قاراپ چىقىپ تەستىقلاشنىڭ چېكى 1 نومۇر بولۇپ، ئىلتىماس قىلغۇچىنىڭ يېشى 60 ياشتىن يۇقىرى بولۇشى ھەمدە ئىچكىرى ئۆلكىدە پەرزەنتى بولماسلىقى، شياڭگاڭ ياكى ئاۋمېندا تۇرۇشلۇق 18 ياشتىن يۇقىرى پەرزەنتىگە پاناھلىنىشقا ئېھتىياجلىق بولۇشى كېرەك.

  يۇقىرىقى شەرتلەرگە ئۇيغۇن كېلىدىغان ئىلتىماس قىلغۇچى قاراپ چىقىپ تەستىقلاشتىن ئۆتكەندىن كېيىن شياڭگاڭ، ئاۋمېن رايونىدا تۇرسا بولىدۇ.

مەسئۇل مۇھەررىر : ھەبىبە