باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ خەت ساندۇقى ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم





خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

قاتناش تىرانسپورت مىنىستىرلىقى ۋە جامائەت خەۋپسىزلىكى مىنىستىرلىقى يېڭىدىن تۈزۈلگەن ماتورلۇق قاتناش ۋاسىتىلىرى شوپۇرلۇق ئوقۇتۇش قوللانمىسى ۋە ئىمتىھان پىروگراممىسىنى ئېلان قىلدى

2012.12.20 14:50         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 19-دېكابىر بېيجىڭدىن بەرگەن خەۋىرى: قاتناش تىرانسپورت مىنىستىرلىقى ۋە جامائەت خەۋپسىزلىكى مىنىستىرلىقى تۇنجى قېتىم يېڭىدىن تۈزۈلگەن «ماتورلۇق قاتناش ۋاسىتىلىرى شوپۇرلۇق ئوقۇتۇش قوللانمىسى ۋە ئىمتىھان لايىھەسى»نى بىرلىكتە ئېلان قىلدى.

  قاتناش تىرانسپورت مىنىستىرلىقىنىڭ مۇناسىۋەتلىك مەسئۇللىرى 19-چېسىلا مۇنۇلارنى بىلدۈردى، دۆلىتىمىز ھازىر ئاپتوموبىل جەمئىيىتىگە تېزلىكتە قەدەم قويماقتا، ئاممىۋى بىخەتەرلىك ساۋاتلىرى تەربىيەسى تېز ئۆزگىرىۋاتقان قاتناش ۋەزىيىتىگە ماسلىشالمايۋاتىدۇ، شوپۇرلۇق بىخەتەرلىك ئېڭى ئاجىز شوپۇرلارنى دائىم ئۇچراتقىلى بولىدۇ. بىخەتەر يۈرۈش ئىدىيەسى ۋە باشقا قاتناش ئىشىتراكچىلىرىنى تولۇق ئويلىشىدىغان مەدەنىي ئاڭ تېخىچە كىشىلەرنىڭ كاللىسىغا چوڭقۇر سىڭگىنى يوق. ئىستاتىستىكىغا ئاساسلانغاندا، %90 تىن يۇقىرى قاتناش ھادىسىسى شوپۇرلارنىڭ سەۋەنلىكىدىن كېلىپ چىققان. شوپۇر ئامىلى يول قاتنىشى ھادىسىلىرىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدىغان ئاساسلىق سەۋەب بولۇپ قالغان.

  مەنبە: خەلق تورى

مەسئۇل مۇھەررىر : ھەبىبە