باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ خەت ساندۇقى ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم





خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

ئائىلە مۈلكى تۆۋەن كاپالەتلىك ئائىلىلەرنى تەكشۈرۈپ تەستىقلاش دائىرىسىگە كىرگۈزۈلىدۇ

2012.12.20 14:44         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  يېقىندا، خەلق ئىشلىرى مىنىستىرلىقى «ئەڭ تۆۋەن تۇرمۇش كاپالىتى بويىچە تەكشۈرۈپ تەستىقلاش چارىسى (سىناق نۇسخىسى)»نى ئېلان قىلدى. بۇ «چارە» ئېلان قىلىنغان كۈندىن باشلاپ يولغا قويۇلىدىكەن. «چارە» بويىچە، تۇرۇشلۇق جايىنىڭ دائىمي نوپۇسىدىكى ئاھالىلەردىن، ئائىلە ئەزالىرىنىڭ ئوتتۇرىچە كىرىمى شۇ جاينىڭ تۆۋەن كاپالەت ئۆلچىمىدىن تۆۋەن بولسا، ئائىلە مۈلۈك ئەھۋالى شۇ جايدىكى خەلق ھۆكۈمىتى بەلگىلىگەن شەرتكە ئۇيغۇن بولسا، تۆۋەن كاپالەتكە ئىلتىماس قىلىشقا بولىدۇ.

  نوپۇس ئەھۋالى، ئائىلە كىرىمى ۋە ئائىلە مال-مۈلكى تۆۋەن كاپالەت ئوبيېكتىنى بەلگىلەشنىڭ ئۈچ ئاساسىي شەرتى قىلىنىدىكەن. «چارە»دە، ئائىلە ئىقتىسادىي ئەھۋالى ئىلتىماس قىلغۇچى ۋە ئۇنىڭ ئائىلە ئەزالىرىنىڭ ئىلكىدىكى بارلىق كىرىم ۋە مال-مۈلۈكنى كۆرسىتىدىغانلىقى ئوتتۇرىغا قويۇلغان.

  ئائىلە مۈلكى ئاساسلىقى بانكىغا قويۇلغان ئامانەت پۇل ۋە ئاكسىيە، ماتۇرلۇق قاتناش قورالى (مىيىپلارنىڭ فۇنكسىيەلىك قەدەم ئېلىش قورالى قىلىنغان ماتۇرلۇق ۋاسىتىلەر بۇنىڭ سىرتىدا)، پاراخوت، ئۆي، ھەقدارلىق ۋە باشقا بىساتلارنى ئۆز ئىچىگە ئالىدىكەن. (پەن يۆ خەۋىرى)

  مەنبە: خەلق تورى

مەسئۇل مۇھەررىر : ھەبىبە