باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ خەت ساندۇقى ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم





خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

تۆت ئۆلكە، ئاپتونوم رايوننىڭ ئاساسلىق مەسئۇللىرى تەڭشەلدى

2012.12.20 14:39         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 19-دېكابىر فۇجوۋدىن بەرگەن خەۋىرى: ج ك پ مەركىزىي كومىتېتى يېقىندا يولداش يوۋ چۈەننى فۇجيەن ئۆلكىلىك پارتكومنىڭ ئەزاسى، دائىمىي كومىتېت ئەزاسى، شۇجىسىلىققا تەيىنلەشنى قارار قىلدى. (فېي ۋېيۋېي خەۋىرى)

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 19-دېكابىر نەننىڭدىن بەرگەن خەۋىرى: ج ك پ مەركىزىي كومىتېتى يېقىندا يولداش گو شېڭكۈننى گۇاڭشى جۇاڭزۇ ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ شۇجىسى، دائىمىي كومىتېت ئەزاسى، ئەزاسىلىق ۋەزىپىسىدىن قالدۇرۇش، يولداش پېڭ چىڭخۇانى گۇاڭشى جۇاڭزۇ ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ شۇجىسى، دائىمىي كومىتېت ئەزاسى، ئەزاسىلىق ۋەزىپىسىگە تەيىنلەشنى قارار قىلدى. (شيې جيەنۋېي خەۋىرى)

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 19-دېكابىر تەييۈەندىن بەرگەن خەۋىرى: سەنشى ئۆلكىلىك 11-نۆۋەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ 33-قېتىملىق يىغىنى 19-چېسلا يولداش ۋاڭ جۈن خىزمىتى يۆتكەلگەنلىكى سەۋەبىدىن سۇنغان سەنشى ئۆلكىسىنىڭ باشلىقىلىق ۋەزىپىسىدىن ئىستېپا بېرىش ئىلتىماسىنى قوبۇل قىلدى، لى شياۋپېڭنى سەنشى ئۆلكىسىنىڭ مۇۋەققەت باشلىقلىقىغا تەيىنلەشنى قارار قىلدى. (ليۇ لياڭمىڭ، يى يې خەۋىرى)

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 19-دېكابىر چاڭچۈندىن بەرگەن خەۋىرى: جىلىن ئۆلكىلىك 11-نۆۋەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ 36-قېتىملىق يىغىنى 19-چېسلا يولداش ۋاڭ رۇلىننىڭ جىلىن ئۆلكىسىنىڭ باشلىقىلىق ۋەزىپىسىدىن ئىستېپا بېرىش ئىلتىماسىنى قوبۇل قىلدى، بايىن چاۋلۇنى جىلىن ئۆلكىسىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى، مۇۋەققەت باشلىقلىقى قىلىپ تەيىنلەشنى قارار قىلدى. (جۇڭگو مىللەتلەر تەرجىمە ئىدارىسى تەرجىمىسى)

  مەنبە: خەلق تورى

مەسئۇل مۇھەررىر : ھەبىبە