باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ خەت ساندۇقى ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم





خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

كارخانا، كەسپىي ئورۇنلارنىڭ كۈتۈنۈش تۈزۈمى بىرلىككە كەلتۈرۈلىدۇ

2012.12.20 14:38         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  ئادەم كۈچى بايلىقى ۋە ئىجتىمائىي كاپالەت مىنىستىرى خۇ شاۋيى مۇنداق دېدى: كارخانا ئىشچى-خىزمەتچىلىرىنىڭ ئاساسىي كۈتۈنۈش سۇغۇرتىسىنى ئۆلكە بويىچە بىرتۇتاش پىلانلاش ئارقىلىق، ئاساسىي كۈتۈنۈش سۇغۇرتىسىنى مەملىكەت بويىچە بىرلىككە كەلتۈرۈش ئەمەلگە ئاشۇرۇلىدۇ.ئورگان، كەسپىي ئورۇن خىزمەتچىلىرى بىلەن كارخانا خىزمەتچىلىرىنىڭ كۈتۈنۈش، داۋالىنىش قاتارلىق ئىجتىمائىي كاپالەت ئىشلىرىغا قارىتا يولغا قويۇلۇۋاتقان «قوش رېلىسلىق تۈزۈم» ئۇزۇندىن بۇيان جەمئىيەتنىڭ نارازىلىقىنى قوزغاپ كەلگەنىدى. كۈتۈنۈش سوممىسىنى مىسالغا ئالساق، «كارخانىدىن پىنسىيەگە چىققانلار مىڭ بىر جاپادا نەچچە يۈز يۈەن ئالىدۇ، ئورگانلاردىن پېنسىيەگە چىققانلار نەچچە مىڭ يۈەننى غىڭ قىلماي موك سوقىدۇ» دېگەن گەپنى پۈتۈنلەي توغرا دەپ كەتكىلى بولمىسىمۇ، ئەمما بۇنداق پەرق ھەقىقەتەن مەۋجۇت.

  18-قۇرۇلتاي دوكلاتىدا «تولۇق قاپلاش، ئاساسقا كاپالەتلىك قىلىش، كۆپ قاتلاملىق بولۇش، سىجىل بولۇش فاڭجېنىدا چىڭ تۇرۇپ، ئادىل بولۇش، يۆتكىلىشكە ماسلىشىشچان بولۇش، سىجىللىققا كاپالەتلىك قىلىشنى مۇھىم نۇقتا قىلىپ، شەھەر-يېزا ئاھالىلىرىنى قاپلىغان ئىجتىمائىي كاپالەت سىستېمىسىنى ئومۇميۈزلۈك بەرپا قىلىش كېرەك» دەپ بەلگىلەندى.خۇ شاۋيى مۇنداق دېدى: كۈتۈنۈش سۇغۇرتىسى تۈزۈمىنى مىسالغا ئالساق، 2008-يىل 2-ئايدا، گوۋۇيۈەننىڭ دائىمىي ئىشلار يىغىنىدا «كەسپىي ئورۇن خىزمەتچىلىرىنىڭ كۈتۈنۈش سۇغۇرتىسى تۈزۈمىنى ئىسلاھ قىلىش سىناق لايىھەسى» مۇزاكىرە قىلىندى ۋە پىرىنسىپ جەھەتتىن ماقۇللاندى، سەنشى، شاڭخەي، جېجياڭ، گۇاڭدۇڭ، چۇڭچىڭدىن ئىبارەت بەش ئۆلكە، بىۋاسىتە قاراشلىق شەھەردە سىناقنى ئالدىن قانات يايدۇرۇپ، كەسپىي ئورۇنلارنى تۈرگە ئايرىپ ئىسلاھاتى بىلەن تەڭ ئىلگىرى سۈرۈشنى بېكىتتى.«ئىجتىمائىي كاپالەت ئىشلىرىنىڭ 12-بەش يىللىق يىرىك پىلان پىروگراممىسى» دا «نۇقتىدا سىناق قىلىش ئاساسىدا، ئورگان، كەسپىي ئورۇنلارنىڭ كۈتۈنۈش سۇغۇرتىسى تۈزۈمى ئىسلاھاتىنى پائال، پۇختا قەدەم بىلەن ئىلگىرى سۈرۈش لازىم» دەپ ئوتتۇرىغا قويۇلدى.

  مەيلى كۈتۈنۈش ياكى داۋالىنىش بولسۇن، ئورگانلارنى ئۆز ئىچىگە ئالغان نۇرغۇن كەسپىي ئورۇنلارنىڭ ئىجتىمائىي سۇغۇرتا تۈزۈمى ئىسلاھاتى پۇختا قەدەم بىلەن ئىلگىرى سۈرۈلۈۋاتىدۇ، مەزكۇر ئورۇنلارنىڭ خادىملىرىمۇ كارخانا ئىشچى-خىزمەتچىلىرىگە ئوخشاش تۈرلۈك ئىجتىمائىي سۇغۇرتىلارغا قاتنىشىۋاتىدۇ. ئىجتىمائىي كاپالەت ئۆلچىمىنىڭ ئۆسۈشى ۋە ئىسلاھاتىنىڭ چوڭقۇرلىشىشىغا ئەگىشىپ، «قوش رېلىسلىق تۈزۈم»مۇ ئاخىرى بىرلىككە كەلتۈرۈلىدۇ. (جۇڭگو مىللەتلەر تەرجىمە ئىدارىسى تەرجىمىسى)

  مەنبە: خەلق تورى

مەسئۇل مۇھەررىر : ھەبىبە