باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ خەت ساندۇقى ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم





خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

B تىپلىق جىگەر ياللۇغىنىڭ راكقا ئۆزگىرىشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدىغان خەتەرلىك گېن بايقالدى

2012.12.20 14:31         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  شاڭخەي قاتناش ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ پىروفېسسورى جاڭ لىپىڭ يېتەكچىلىكىدىكى تەجرىبىخانا يېقىندا خەلقئارا مىكرو ئورگانىزم ئېكولوگىيەسى جەمئىيىتىنىڭ ئورگان ژۇرنىلىدا ئىلمىي ماقالە ئېلان قىلىپ، تەجرىبە نەتىجىسى ئارقىلىق ئۈچەي باكتېرىيەسى توپىنىڭ سېمىزلىك، دىئابىت قاتارلىق كېسەللىكلەرنىڭ شەكىللىنىشى ۋە تەرەققىياتىغا قاتنىشىدىغانلىقىنى ئىلگىرى سۈرىدىغان «سوزۇلما كېسەللىكلەرنىڭ ئۈچەيدىن شەكىللىنىش قارىشى»نى ئەڭ بىۋاسىتە پاكىت بىلەن تەمىنلىدى. تەتقىقاتچىلار كىلىنكىلىق تەتقىقات جەريانىدا، ئىچكى زەھەر ئىشلەپچىقىرىدىغان بىر خىل شەرتلىك كېسەل پەيدا قىلغۇچى باكتېرىيەنىڭ بەدەن ئېغىرلىقى 175 كىلوگىرام كېلىدىغان سېمىز ئادەمنىڭ ئۈچىيىدە زىيادە تېز كۆپىيىپ،باكتېرىيە مىقدارىنىڭ ئۈچتىن بىر قىسمىغا يەتكەنلىكىنى بايقىغان. ئالاھىدە رېتسىپلىق ئۇزۇقلۇق ئارقىلىق تەسىر كۆرسەتكەندىن كېيىن، بۇ خىل باكتېرىيەنىڭ سانى تېز سۈرئەتتە ئازىيىپ، ئۆلچىگىلى بولمىغىدەك دەرىجىگە چۈشكەن. بىمارنىڭ بەدەن ئېغىرلىقى يېرىم يىلغا يەتمىگەن ۋاقىت ئىچىدە 51.4 كىلوگىرام چۈشكەن، قان قەنتى زىيادىلىشىش، يۇقىرى قان بېسىمى، قان مېيى زىيادىلىشىش قاتارلىق كېسەللىك ئالامەتلىرىمۇ يوقالغان.

  ماقالىنىڭ بىرىنچى ئاپتورى دوكتۇر جياڭ دېكې مۇنداق دېدى: بۇ تەتقىقات نەتىجىسىدىن پايدىلىنىپ، جىگەر راكى گېنىدىن ئالدىن ئاگاھلاندۇرۇش رىئاكتىپىنى تەتقىق قىلىپ ياساپ، جىگەر راكىدىن ئاسان يوقۇملىنىدىغانلارنى تەكشۈرۈپ تاپقىلى، بۇ ئارقىلىق ئاسان يوقۇملىنىدىغانلارغا قارىتا ئالدىنى ئېلىش تەدبىرى قوللىنىپ، جىگەر راكىغا گىرىپتار بولۇش خەتىرىنى تۆۋەنلەتكىلى بولىدۇ.

  مەنبە: خەلق تورى

مەسئۇل مۇھەررىر : ھەبىبە