باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ خەت ساندۇقى ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم





خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

شەخسى ئۇچۇرنىڭ ئاشكارىلىنىشىنى قانۇن بويىچە تۈزەش كېرەك

2012.12.19 15:59        

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  شەخسى ئۇچۇرنىڭ ئاشكارىلىنىشى كىشىلەرنىڭ نورمال تۇرمۇشىغا ئېغىر تەسىر يەتكۈزمەكتە. جەمئىيەت بۇنى قانۇن بويىچە تۈزەشنى كۈچلۈك مۇراجىئەت قىلدى. قانۇن بەلگىلىمىنى يەنىمۇ مۇكەممەللەشتۈرگەندە، بۇ خىل ئەھۋاللارنى تۈپتىن يوقاتقىلى بولىدۇ.

  جياڭسۇنىڭ نەنجىڭدىكى خى ئەپەندى يېقىنقى بىر مەزگىلدىن بۇيان كېچە-كېچىلەپ ئۇخلىيالمىدى، ئۇنىڭ يانفونىغا ھەر كۈنى ئەتىگەن سائەت بىر ئىككىلەردە ئوخشىمىغان ناتونۇش كىشىلەردىن تەھدىت تېلېفونى كېلىپ، ئۇنىڭ ھاياتىغا تەھدىت سالاتتى.

  ئۆزىنىڭ يانفون نومۇرىنى نېمىشقا مۇنداق كۆپ كىشىلەر بىلىدۇ؟ بولۇپمۇ خى ئەپەندىنى تېخىمۇ ئەندىشىگە سالغىنى ئۇنىڭ نەدىلىكىنى نامەلۇم كىشىلەر سۈنئىي ھەمراھ ئارقىلىق ئورۇن بەلگىلەپ بىلىۋالاتتى. خى ئەپەندى ساقچىلارغا ھەر قېتىم تېلېفون ئالغاندا قارشى تەرەپنىڭ ئۇنىڭغا ئۇنىڭ قايسى شەھەر قايسى رايوندا ئىكەنلىكىنى دەپ بېرىدىغانلىقىنى ئېيتتى.

  نامەلۇم كىشىلەر قانداق بولۇپ ئۆزىنىڭ ئەھۋالىنى بۇنداق بىلىدۇ؟ خى ئەپەندىگە ئوخشاش تەھدىت ھېس قىلغانلاردىن يەنە كۈنمىڭدا زۇڭ ئۇستاممۇ بار، ئۇمۇ ساقچىلارغا دېلو مەلۇم قىلدى.

  ئاشكارىلىنىپ كەتكەن شەخسى ئۇچۇر مەزمۇنى ھەر خىل، ئىسىم فامىلىسى، يېشى، خىزمەت ئورنىدىن تارتىپ ئائىلە ئەزالىرى، قانداق ئاپتوموبىل ھەيدەيدىغانلىقى قاتارلىقلار بولۇپ، تۇرمۇشىمىزنىڭ ھەر قايسى تەرەپلىرىنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ.

  مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىئو تورى

مەسئۇل مۇھەررىر : ھەبىبە