باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ خەت ساندۇقى ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم





خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

ئېلىمىز تۈركىيەنىڭGK-2 يەر شارىنى كۆزىتىش سۈنئىي ھەمراھىنى مۇۋەپپەقىيەتلىك قويۇپ بەردى

2012.12.19 15:56         مەنبە: تەڭرىتاغ ئۇيغۇر تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

9-دېكابىر، گەنسۇدىكى جيۇچۇەن سۈنئىي ھەمراھ قويۇپ بېرىش مەركىزىدە، تۈركىيەنىڭGK-2 يەر شارىنى كۆزىتىش سۈنئىي ھەمراھى يۈكلەنگەن ‹‹ ئۇزۇن سەپەر 2-نومۇر ›› ناملىق توشۇغۇچى راكېتا بوشلۇققا كۆتۈرۈلدى
  شىنخۇا تورى ، گەنسۇ جيۇچۇەن ، 19-دېكابىر تېلېگراممىسى : 19-دېكابىر سائەت 00:13 دە، جيۇچۇەن سۈنئىي ھەمراھ قويۇپ بېرىش مەركىزىدە، ئېلىمىزنىڭ ‹‹ ئۇزۇن سەپەر 2-نومۇر ›› ناملىق توشۇغۇچى راكېتاسى تۈركىيەنىڭGK-2يەر شارىنى كۆزىتىش سۈنئىي ھەمراھىنى ئېلىپ بوشلۇققا كۆتۈرۈلۈپ، ئالدىن بېكىتىلگەن ئوربېتىغا مۇۋەپپەقىيەتلىك يەتكۈزدى. مۇشۇنىڭغا قەدەر، بۇ يىل ئېلىمىز جەمئىي 19 قېتىملىق ئالەم بوشلۇقىغا قويۇپ بېرىش ۋەزىپىسىنى تاماملاپ ، 28 ئالەم ئۇچقۇرىنى بوشلۇققا كىرگۈزدى ھەمدە تۇنجى قېتىملىق ئادەملىك كېسىشتۈرۈپ ئۇدۇللاپ تۇتاشتۇرۇش ۋەزىپىسىنى غەلىبىلىك ئورۇنداپ، بوشلۇققا قويۇپ بېرىشتە ئومۇميۈزلۈك غەلىبە قازاندى.

  بۇ قېتىمقى تۈركىيەنىڭGK-2 يەر شارىنى كۆزىتىش سۈنئىي ھەمراھىنى قويۇپ بېرىش ۋەزىپىسى جۇڭگو ئالەم بوشلۇقى تېخنىكىسى گۇرۇھ شىركىتىگە قاراشلىق جۇڭگو ‹‹ سەددىچىن سېپىلى ›› سانائەت گۇرۇھ چەكلىك شىركىتى بىلەن تۈركىيە بوشلۇق تېخنىكىسى تەتقىقاتخانىسى 2011-يىلى مايدا ئىمزالىغان قويۇپ بېرىش مۇلازىمەت توختامىغا ئاساسەن يۈرگۈزۈلگەن. GK-2يەر شارىنى كۆزىتىش سۈنئىي ھەمراھىنى تۈركىيە بوشلۇق تېخنىكىسى تەتقىقاتخانىسى بىلەن تۈركىيە ئالەم ئارا ئۇچۇش سانائىتى شىركىتى بىرلىشىپ تەتقىق قىلىپ ياسىغان ، ئاساسلىقى تۈركىيەنىڭ مۇھىتىنى قوغداش ، دۆلەت زېمىنى كان بايلىقىنى ئومۇميۈزلۈك تەكشۈرۈش ، شەھەر قۇرۇلۇش پىلانى، ئاپەتنى ئۆلچەپ تەكشۈرۈش ۋە باشقۇرۇش قاتارلىقلارغا ئىشلىتىلىدۇ.

  ‹‹ئۇزۇن سەپەر 2-نومۇر ›› ناملىق توشۇغۇچى راكېتانى جۇڭگو ئالەم بوشلۇقى تېخنىكىسى گۇرۇھ شىركىتىگە قاراشلىق شاڭخەي ئالەم بوشلۇقى تېخنىكىسى تەتقىقاتخانىسى تەتقىق قىلىپ ياسىغان . بۇ ‹‹ئۇزۇن سەپەر›› يۈرۈشلۈك توشۇغۇچى راكېتاسىنىڭ 174-قېتىملىق قويۇپ بېرىشىدۇر .

مەسئۇل مۇھەررىر : قەدىرىيە