خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 22-يانۋار بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: ج ك پ نىڭ باش شۇجىسى، دۆلەت رەئىسى، مەركىزى ھەربىي ئىشلار كومىتېتىنىڭ رەئىسى شى جىنپىڭ يۈننەندە تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلغاندا تەكىتلەپ مۇنداق دېدى: پارتىيىنىڭ 18- قۇرۇلتاي ۋە 18- نۆۋەتلىك 3-. 4- يىغىنلىرىنىڭ روھىنى تولۇق ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، ئومۇميۈزلۈك ھاللىق جەمئىيەت بەرپا قىلىش، ئومۇميۈزلۈك ئىسلاھاتنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، ئومۇميۈزلۈك دۆلەتنى قانۇن بويىچە ئىدارە قىلىپ، پارتىيە رەھبەرلىكىدىكى ھەر تۈرلۈك خىزمەتلەرنى قاتتىق تۇتۇپ، نامرات رايونلار، مىللىي رايونلارنىڭ ئىقتىساد، جەمئىيەت تەرەققىياتىنى تېزلىتىپ، 2020- يىلىغا بارغاندا ئومۇميۈزلۈك ھاللىق جەمئىيەت بەرپا قىلىش نىشانىنى ئەمەلگە ئاشۇرۇش ئۈچۈن تېخىمۇ تىرىشىش كېرەك.
تەرجىمە مۇھەررىرى: ت. ئا.ئەركمان
مەنبە: خەلق تورى