- مۇھىم
- مەملىكەت
- شىنجاڭ
- خەلقئارا
شى جىنپىڭ مىسىر زۇڭتۇڭى سېسى جۇڭگو بىلەن مىسىر دىپلوماتىك مۇناسىۋەت ئورناتقانلىقىنىڭ 60 يىللىقىنى تەبرىكلەش پائالىيىتىگە بىرلىكتە قاتناشتى
2016.01.25 09:04 مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى
21-يانۋار دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ بىلەن مىسىر زۇڭتۇڭى سېسى قەدىمىي لۇكسور ئىبادەتخانىسى مەيدانىدا جۇڭگو بىلەن مىسىر دىپلوماتىك مۇناسىۋەت ئورناتقانلىقىنىڭ 60 يىللىقىنى تەبرىكلەش ۋە 2016-يىللىق جۇڭگو مىسىر مەدەنىيەت يىلىنىڭ ئېچىلىش مۇراسىمىغا قاتناشتى.
شى جىنپىڭ لۇكسور قەدىمىي ئىبادەتخانىسىغا بارغاندا سېسى ماشىنا توختىتىش ئورنىدا ئۇنى كۈتۈۋالدى، ئىككى دۆلەت باشلىقى ئاساسى يولنى بويلاپ لۇكسور قەدىمىي ئىبادەتخانىسىنى ئېكسكۇرسىيە قىلدى، مىسىرنىڭ مەدەنىيەت يادىكارلىقلىرى مىنىستىرى دامات چۈشەندۈردى، شى جىنپىڭ سېسى بىلەن ماڭغاچ ئاڭلىدى، ئىككى دۆلەتنىڭ قەدىمىي مەدەنىيەت ئالاھىدىلىكى ھەققىدە كەڭ كۇشادە پاراڭلاشتى، جۇڭگو بىلەن مىسىرنىڭ مەدەنىيەت ئالماشتۇرۇش تارىخىنى ئەسلەپ ئۆتتى.
شى جىنپىڭ مۇنداق دەپ كۆرسەتتى: لۇكسور قەدىمىي مىسىر مەدەنىيىتىنىڭ مەركەزلىك ئىپادىسى، بۇ يەردىكى ئىمارەتلەردىن مىسىر ۋە مىسىر خەلقىنىڭ كىشىنى ھەيران قالدۇرغۇدەك ئەقىل پاراسىتى ۋە پەن تېخنىكا سەۋىيەسى ئەكس ئېتىدۇ، جۇڭگو بىلەن مىسىر مەدەنىيەتلىك قەدىمىي دۆلەتلەر، بىز ئادىمىيەت ئالماشتۇرۇشىنى كۈچەيتىپ، ئەل ئارىسى دوستلۇقنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، ئىككى دۆلەتنىڭ ھەمكارلىق ئەل رايى ئاساسىنى مۇستەھكەملەپ، ئىككى تەرەپلىك ئورتاق تەرەققىياتنى، ئورتاق گۈللىنىشنى ئىلگىرى سۈرۈشىمىز كېرەك.
سېسى مۇنۇلارنى بىلدۈردى: مىسىر ئۇلۇغ جۇڭخۇا مەدەنىيىتىگە ئېھتىرام بىلدۈرىدۇ، جۇڭگو خەلقى قولغا كەلتۈرگەن تەرەققىيات نەتىجىلىرىگە ئاپىرىن ئېيتىدۇ، ئىككى دۆلەتنىڭ مەدەنىيەت ئالماشتۇرۇشىنى كۈچەيتىپ، مەڭگۈ جۇڭگونىڭ سادىق تەرەققىيات شېرىكى بولۇشنى خالايدۇ.
كەچ سائەت 8 يېرىملاردا شى جىنپىڭ بىلەن سېسى ئېچىلىش مۇراسىمى نەق مەيدانىغا بىرلىكتە كىردى، مىسىرنىڭ مەدەنىيەت مىنىستىرى ھېلىم ۋە جۇڭگونىڭ مەدەنىيەت مىنىستىرى لو شۇگاڭ ئىلگىرى كېيىن بولۇپ سۆز قىلىپ، 2016-يىللىق جۇڭگو مىسىر مەدەنىيەت يىلىنىڭ باشلانغانلىقىنى بىرلىكتە جاكارلىدى.
شى جىنپىڭ بىلەن سېسى جۇڭگو ۋە مىسىرنىڭ ھەرقايسى ساھەسىدىكى ئەربابلاردىن بولۇپ 200 دىن ئارتۇق كىشى بىلەن بىرگە جۇڭگو ۋە مىسىرلىق ئارتىسلار بىرلىكتە ئورۇندىغان « ئىككى ئۇلۇغ مەدەنىيەتتىكىلەر سۆزلىشىشى»ئاساسى تېمىسىدىكى ئويۇننى كۆردى. ئويۇن ئاخىرلاشقاندىن كېيىن شى جىنپىڭ بىلەن سېسى ئىككى دۆلەتنىڭ سەنئەتكارلىرى بىلەن كۆرۈشۈپ، ئۇلارنى تەبرىكلىدى.
شۇ كۈنى چۈشتىن كېيىن سائەت 5يېرىملاردا شى جىنپىڭ قاھىرەدىكى زىيارىتىنى ئاخىرلاشتۇرۇپ، مەخسۇس ئايروپىلاندا لۇكسورغا يېتىپ بېرىپ مىسىردىكى دۆلەت ئىشلىرى زىيارىتىنى داۋاملاشتۇردى.
ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ
مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت
${KEYWORD}
ئالاقىدار خەۋەرلەر