شۇ جاي ۋاقتى 21-ئۆكتەبىر چۈشتىن كېيىن، دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ بىلەن ئەنگلىيەنىڭ باش ۋەزىرى كامېرون بىرلىكتە لوندون پۇل مۇئامىلە شەھەرچىسىدە ئۆتكۈزۈلگەن جۇڭگو ئەنگلىيە سودا سانائەت ساھەسىدىكىلەر باشلىقلار يىغىنىغا قاتناشتى ھەمدە سۆز قىلدى.
شى جىنپىڭ مۇنداق دەپ كۆرسەتتى: يەر شارىدىكى ئەڭ چوڭ يېڭىدىن گۈللىنىۋاتقان بازار ئىقتىسادىي گەۋدىسى بولۇش سۈپىتى بىلەن جۇڭگو ئىقتىسادى يېڭى تۇراقلىق ھالەتكە كىردى. دۇنيا ئىقتىسادىنىڭ تەرەققىياتىدا قىيىنچىلىق كۆپىيىۋاتقان ئارقا كۆرۈنۈشتە، بۇ يىلنىڭ ئالدىنقى ئۈچ پەسلىدە جۇڭگو ئىقتىسادى %6.9 ئېشىپ، دۇنيا ئىقتىسادىنىڭ ئېشىشىغا باشلامچى بولۇش جەھەتتە داۋاملىق مۇھىم رول ئوينىدى. نۆۋەتتە جۇڭگو ئىقتىسادىنىڭ ھەرىكىتى ئومۇمىي جەھەتتىن مۇقىم بولدى، ئاساسلىق كۆرسەتكۈچ مۇۋاپىق دائىرە ۋە مۆلچەردىكى نىشان ئىچىدە تۇرماقتا.
شى جىنپىڭ مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: يېڭى دەۋر يېڭى تەپەككۇرگە موھتاج. بىر بەلباغ بىر يول قۇرۇلۇشى جۇڭگو ۋە لىنىيە بويىدىكى دۆلەتلەرنىڭ ئورتاق تەرەققىياتىغا غايەت زور پۇرسەت ئېلىپ كېلىدۇ. بىر بەلباغ بىر يول ئېچىۋېتىلگەن، ئافرىقىنى كېسىپ ئۆتىدىغان، ئاسىيا ياۋروپانى تۇتاشتۇرىدىغان كەڭ دوستلار چەمبىرىكى. بۇنىڭغا قىزىقىدىغان بارلىق دۆلەتلەرنى بۇ دوستلار چەمبىرىگە كىرگۈزگىلى بولىدۇ. بىر بەلباغ بىر يول كۆپ مەنبەلىك بولۇپ، ھەر قايسى ھەمكارلىق ساھەلىرىنى قاپلايدۇ، ھەمكارلىق شەكلىمۇ كۆپ خىل.
شى جىنپىڭ مۇنداق دەپ كۆرسەتتى: جۇڭگو بىلەن ئەنگلىيەنىڭ كەسىپ قۇرۇلمىسىنىڭ بىر بىرىنى تولۇقلاشچانلىقى كۈچلۈك، بىرلىكتە تەشەببۇس قىلغان بازارنى ئېچىۋېتىش نۇقتىئىنەزەرى ئوخشىشىپ كېتىدۇ، يوشۇرۇن كۈچى غايەت زور. شى جىنپىڭ جۇڭگو بىلەن ئەنگلىيە ھەمكارلىقىدا يېڭى ۋەزىيەت ئېچىش ئۈچۈن مۇنداق تۆت خىل تەكلىپنى بەردى:
بىرىنچى، ئۆز ئارا ئىشەنچىنى ئاشۇرۇشتا «چوڭقۇر» دېگەن سۆزنى تەكىتلىسەك. ئىككىنچى ئىستراتېگىيەلىك باغلاشتۇرۇشتا «تۇتاشتۇرۇش»غا تىرىشساق. ئۈچىنچى، كونكرېت ھەمكارلىقتا «ئەمەلىي» بولساق. تۆتىنچى، ئۇسۇلدا «يېڭى» بولۇشنى گەۋدىلەندۈرسەك. بىز ئىككى تەرەپلىك يېڭىدىن گۈللىنىۋاتقان كەسىپ ھەمكارلىقنى چوڭقۇر ئىلگىرى سۈرۈپ، جۇڭگونىڭ يەتتە چوڭ ئىستراتېگىيەلىك يېڭىدىن گۈللىنىۋاتقان كەسپى بىلەن ئەنگلىيەنىڭ سەككىز چوڭ تېخنىكىسى ۋە ئىستراتېگىيەلىك كەسپىنىڭ ئۆزئارا پايدا يەتكۈزۈش ھەمكارلىقىنى قانات يايدۇرۇشىمىز كېرەك.
ئەنگلىيەنىڭ باش ۋەزىرى كامېرون سۆزىدە مۇنۇلارنى بىلدۈردى: رەئىس شى جىنپىڭ بۇ قېتىمقى زىيارەت مەزگىلىدە ئىككى تەرەپنىڭ يادرو ئېنېرگىيەسى، پۇل مۇئامىلە قاتارلىق ساھەلىرىدە بىر يۈرۈش يېڭى ھەمكارلىق كېلىشىمىنى ھاسىل قىلىپ، ئەنگلىيە بىلەن جۇڭگو خەلقىگە تېخىمۇ زور بەخت سائادەت يارىتىدۇ. ئەنگلىيە ھۆكۈمىتى جۇڭگونىڭ مەبلەغ سېلىشىنى قارشى ئالىدۇ، ئىككى دۆلەتنىڭ سودا سانائەت ساھەسىدىكىلەرنى ئەنگلىيە جۇڭگو مۇناسىۋىتىنى ئىلگىرى سۈرۈش ئۈچۈن تېخىمۇ زور تۆھپە قوشۇشقا ئىلھاملاندۇرىدۇ.
باشلىقلار يىغىنىدىن بۇرۇن، شى جىنپىڭ كامېرون بىلەن بىرلىكتە يادرو ئېلېكتىرى، ئېنېرگىيە، پۇل-مۇئامىلە قاتارلىق ساھەلەردىكى ھەمكارلىق كېلىشىمىنى ئىمزالاشقا شاھىت بولدى.