- مۇھىم
- مەملىكەت
- شىنجاڭ
- خەلقئارا
ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر


شى جىنپىڭ سىچۈەن-شىزاڭ، چىڭخەي-شىزاڭ تاشيولىدا قاتناش باشلانغانلىقىنىڭ 60 يىللىقى توغرىسىدا مۇھىم يوليۇرۇق بەردى
شى جىنپىڭ «ئىككى يول» روھىنى جارى قىلدۇرۇپ، شىزاڭنىڭ تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرۈشكە تۈرتكە بولۇش لازىملىقىنى تەكىتلىدى
2014.08.07 15:17 مەنبە: خەلق تورى
خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 7-ئاۋغۇست بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: ج ك پ مەركىزىي كومىتېتىنىڭ باش شۇجىسى، دۆلەت رەئىسى، مەركىزىي ھەربىي ئىشلار كومىتېتىنىڭ رەئىسى شى جىنپىڭ سىچۈەن-شىزاڭ، چىڭخەي-شىزاڭ تاشيولى پۈتۈپ قاتناش باشلانغانلىقىنىڭ 60 يىللىقى توغرىسىدا مۇھىم يوليۇرۇق بېرىپ، «ئىككى يول» روھىنى جارى قىلدۇرۇپ، شىزاڭنىڭ تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرۈشكە تۈرتكە بولۇشنى تەلەپ قىلدى.
شى جىنپىڭ مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: يېڭى ۋەزىيەتتە «ئىككى يول» روھىنى داۋاملىق جارى قىلدۇرۇپ، «ئىككى يول»نى ئاسراپ، قاتناش راۋانلىقىغا كاپالەتلىك قىلىپ، سىچۈەن-شىزاڭ، چىڭخەي-شىزاڭ تاشيولىنى باشتىن-ئاخىر مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى يولى، شىزاڭ مەدەنىيىتىنىڭ ئالغا بېسىش يولى، شىزاڭدىكى ھەر مىللەت قېرىنداشلارنىڭ ئورتاق بېيىش يولىغا ئايلاندۇرۇش كېرەك.
جۇڭگو مىللەتلەر تەرجىمە ئىدارىسى تەرجىمىسى
مەنبە: خەلق تورى
مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت
${KEYWORD}
ئالاقىدار خەۋەرلەر