خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 12-ئۆكتەبىر بېيجىڭدىن بەرگەن خەۋىرى: روسىيە زۇڭلىسى مېدۋېدېۋنىڭ تەكلىپىگە بىنائەن، گوۋۇيۈەن زۇڭلىسى لى كېچياڭ شۇ جاي ۋاقتى 12-چېسىلا چۈشتىن كېيىن مەخسۇس ئايروپىلاندا موسكىۋا نوكىۋو 2-نومۇرلۇق ئايروپورتقا يېتىپ بېرىپ روسىيەگە بولغان رەسمىي زىيارىتىنى باشلىدى ھەم جۇڭگو-روسىيە زۇڭلىلىرى 19-قېتىملىق قەرەرلىك ئۇچرىشىش ئۆتكۈزدى.
روسىيە ھۆكۈمىتىنىڭ يۇقىرى دەرىجىلىك ئەمەلدارلىرى ئايروپورتقا بېرىپ كۈتۈۋالدى. روسىيە تەرەپ لى كېچياڭنى داغدۇغىلىق كۈتۈۋېلىش مۇراسىمى ئۆتكۈزدى، ھەربىي ئوركىستېرلار جۇڭگو-روسىيە ئىككى دۆلەتنىڭ دۆلەت مارشىنى ئورۇندىدى، لى كېچياڭ ھۆرمەت قاراۋۇللىرىنى كۆزدىن كەچۈردى. (ۋۇ لېجۈن، چېن شياۋۋېي، شيې ياخۇڭ خەۋىرى)
جۇڭگو مىللەتلەر تەرجىمە ئىدارىسى تەرجىمىسى
مەنبە : خەلق تورى