باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
خەلق تورى>>مۇھىم خەۋەرلەر>>لى كېچياڭ

لى كېچياڭ 8-نۆۋەتلىك يازلىق داۋوس مۇنبىرىنىڭ ئېچىلىش مۇراسىمىغا قاتناشتى ۋە سۆز قىلدى(1)

2014.09.11 12:25   مەنبە: خەلق تورى

لى كېچياڭ 8-نۆۋەتلىك يازلىق داۋوس مۇنبىرىنىڭ ئېچىلىش مۇراسىمىغا قاتناشتى ۋە سۆز قىلدى(1)

   خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 10-سېنتەبىر تيەنجىندىن بەرگەن خەۋىرى: گوۋۇيۇەن زۇڭلىسى لى كېچياڭ 10-سېنتەبىر چۈشتىن كېيىن تيەنجىن مېيجياڭ كۆرگەزمە مەركىزىدە 8-نۆۋەتلىك يازلىق داۋوس مۇنبىرىنىڭ ئېچىلىش مۇراسىمىغا قاتناشتى ۋە سۆز قىلدى.

  لى كېچياڭ مۇنداق دېدى: يېڭىلىق يارىتىش ‐‐ئىقتىسادىي-ئىجتىمائىي تەرەققىياتنىڭ مەڭگۈلۈك موتورى، دۇنيا ئىقتىسادىنىڭ مۇقىملىشىشى ۋە جانلىنىشىدا يېڭىلىق يارىتىشقا تايىنىمىز، جۇڭگو ئىقتىسادىنىڭ يېقىنقى يىللاردىن بۇيانقى سىجىل، ساغلام تەرەققىياتىنىڭ ئاساسلىق ھەركەتلەندۈرگۈچ كۈچىمۇ ئىسلاھات-يېڭىلىق يارىتىشتىن كەلگەن. بۇ يىلدىن بۇيان، جۇڭگو ئىقتىسادىنىڭ تۆۋەنلەش بېسىمى زورىيىۋاتىدۇ. بىز مۇقىملىق ئاساسىدا ئىلگىرىلەشتىن ئىبارەت خىزمەت باش مۇقامىدا چىڭ تۇرۇپ، كۈچنى ساقلاپ، ئاكتىپ ھەرىكەتكە كېلىپ، «كۈچلۈك تەسىر»نى ئىشلەتمەي، ئەكسىچە ئىسلاھاتنى زور كۈچ بىلەن ئىلگىرى سۈرۈپ، قۇرۇلمىنى زور كۈچ بىلەن تەڭشەپ، خەلق تۇرمۇشىغا كۈچەپ نەپ يەتكۈزۈپ، ئىقتىسادنىڭ مۇقىم ئايلىنىشىنى ساقلىشىمىز كېرەك. ئېشىش سۈرئىتى ئاستىلىغان ئەھۋال ئاستىدىمۇ، ئىشقا ئورۇنلىشىشنى ئازايتماستىن ئەكسىچە كۆپەيتىپ، قۇرۇلمىنى ئۈزلۈكسىز ياخشىلاپ، ئېشىش سۈپىتىنى ئاشۇرۇشىمىز كېرەك.
جۇڭگو مىللەتلەر تەرجىمە ئىدارىسى تەرجىمىسى
مەنبە: خەلق تورى

【1】 【2】 
مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت

 سۈرەتلەر

  •  ئاڭلىغانمۇسىز

    •  تەۋسىيە

      ·مائارىپنى راۋاجلاندۇرىدىغان ئاكتىپ ئېنېرگىيە توپلايلى
      ·ئالىي مەكتەپ ئىمتىھانى ئىجتىمائىي پەن، تەبىئىي پەن دەپ ئايرىلمايدۇ
      ·بىر ئىمتىھان بىلەن ئۆمۈرلۈك تەقدىرى بەلگىلىنىپ كېتىدىغان ئەھۋالغا خاتىمە بېرىلىدۇ
      ·مائارىپ مىنىستىرلىقى: ھۆكۈمەت مەكتەپلىرىدىكى غوللۇق ئوقۇتقۇچىلارنى ئالماشتۇرۇپ ئىشقا قويۇشنى ئىلگىر…
      ·جېجياڭدا بىر باشلانغۇچ مەكتەپ «ئۆگزە مەيدان» سالدى(1)
      ·مائارىپ مىنىستىرلىكى ئالىي مەكتەپكە يېڭى كىرگەن ئوقۇغۇچىلارنىڭ سالاھىيىتىنى قايتا تەكشۈرۈشنى تەلەپ …
      ·بېيجىڭ سەنئەت–تاراتقۇ كەسپىي ئىنستىتۇتى شىنجاڭدىن ئائىلىسىدە قىيىنچىلىقى بار 100 ئوقۇغۇچىنى ھەقسىز …
      ·بالىڭىزنىڭ تاپشۇرۇق ئىشلىشىگە ماسلىشامسىز
      ·ئالىي مەكتەپلەرگە يېڭىدىن قوبۇل قىلىنغان ئوقۇغۇچىلار دۆلەت ئوقۇش ياردەم قەرز پۇلىنى قانداق ئىلتىماس…
      ·مائارىپ مىنىستىرلىقى يېڭى ئالىي مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرىنىڭ ئوقۇشقا كىرىش سالاھىيىتىنى قايتا تەكشۈرۈشنى …