- مۇھىم
- مەملىكەت
- شىنجاڭ
- خەلقئارا
ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر


ليۇ يۈنشەن دۆلەت تور بىخەتەرلىكى تەشۋىقات ھەپتىلىكىنى باشلاش مۇراسىمىغا قاتناشتى
2014.11.25 14:28 مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى
تۇنجى نۆۋەتلىك دۆلەت تور بىخەتەرلىكى تەشۋىقات ھەپتىلىكىنى باشلاش مۇراسىمى تۈنۈگۈن بېيجىڭ جۇڭخۇا ئەسىر مۇنبىرىدە ئۆتكۈزۈلدى. جۇڭگو كومپارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بىيۇروسى دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى، مەركىزىي كومىتېت شۇجىچۇسىنىڭ شۇجىسى، جۇڭگو تور بىخەتەرلىكى ۋە ئۇچۇرلاشتۇرۇش رەھبەرلىك گۇرۇپپىسىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى ليۇ يۈنشەن باشلىنىش مۇراسىمىدا سۆز قىلدى ھەم ئامما تور بىخەتەرلىكىنى چۈشىنىش كۆرگەزمىسىنى كۆردى. ئۇ مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: ئومۇمىي خەلقنىڭ تور بىخەتەرلىك ئېڭىنى ئۆزلۈكسىز ئۆستۈرۈپ، تور بىخەتەرلىكىنى ھەقىقىي قوغداپ، توردا كۈچلۈك دۆلەت قۇرۇشقا تېخىمۇ ياخشى كاپالەتلىك قىلىش كېرەك.
ليۇ يۈنشەن مۇنداق دەپ كۆرسەتتى: تور بىخەتەرلىكىنى قانۇن بويىچە قوغداش-دۆلەتنى قانۇن بويىچە ئىدارە قىلىشنى ئومۇميۈزلۈك ئىلگىرى سۈرۈشنىڭ مۇھىم مەزمۇنى. ئىنتېر تورى قۇرۇلۇشىنى باشقۇرۇشتىكى قانۇن، نىزاملارنى يەنىمۇ مۇكەممەللەشتۈرۈپ، دۆلەتنىڭ تور بىخەتەرلىكى كاپالەت سىستېمىسىنى كۈچەپ ياخشىلاپ، توردىكى قانۇنغا خىلاپ جىنايى ھەرىكەتلەرگە قەتئىي زەربە بېرىپ، تور بىخەتەرلىك خىزمىتىدىكى تەشەببۇسكارلىق، ئۈنۈمدارلىقنى ھەقىقىي كۈچەيتىش؛ ئىنتېر تورى جەھەتتىكى خەلقئارا سۆزلىشىش ھەمكارلىقىغا ئاكتىپ قاتنىشىپ، تىنچ، بىخەتەر، ئېچىۋېتىلگەن، ھەمكارلىشىدىغان تور بوشلۇقىنى بىرلىكتە بەرپا قىلىپ، كۆپ تەرەپلىك، دېموكراتىك، ئاشكارا بولغان خەلقئارا ئىنتېر تورىنى تەرتىپكە سېلىش سىستېمىسىنى ئورنىتىشقا تۈرتكە بولۇپ، تور ئۇچۇرىنىڭ ھەم ئەركىن يۆتكىلىشى ھەم بىخەتەر، تەرتىپلىك يۆتكىلىشىگە ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىپ، دۆلەت تور بوشلۇقىنىڭ بىخەتەرلىكى ۋە تەرەققىيات مەنپەئەتى، خەلق ئاممىسىنىڭ تور ئۇچۇرى جەھەتتىكى قانۇنلۇق ھوقۇق-مەنپەئەتىنى تېخىمۇ ياخشى قوغداش كېرەك.
مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت
${KEYWORD}
ئالاقىدار خەۋەرلەر