سەي چى «شى جىنپىڭ ئەسەرلىرىدىن تاللانما ئوقۇشلۇق»نىڭ 1-، 2-تومىنى نەشر قىلىش سۆھبەت يىغىنىدا مۇنۇلارنى تەكىتلىدى:

«شى جىنپىڭ ئەسەرلىرىدىن تاللانما ئوقۇشلۇق»نى ئەستايىدىل ئۆگىنىپ، شى جىنپىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسىنى ئۆگىنىش، تەشۋىق قىلىش، ئىزچىللاشتۇرۇشنى سىجىل چوڭقۇرلاشتۇرۇش لازىم

2023.05.25 00:54 مەنبە: خەلق تورى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 5-ئاينىڭ 24-كۈنى بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: «شى جىنپىڭ ئەسەرلىرىدىن تاللانما ئوقۇشلۇق»نىڭ 1-، 2-تومىنى نەشر قىلىش سۆھبەت يىغىنى 5-ئاينىڭ 22-كۈنى بېيجىڭدا ئېچىلدى، ج ك پ مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بىيۇروسى دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى، مەركىزىي كومىتېت شۇجىچۇسىنىڭ شۇجىسى سەي چى يىغىنغا قاتناشتى ھەم سۆز قىلدى. ئۇ مۇنۇلارنى بىلدۈردى: «شى جىنپىڭ ئەسەرلىرىدىن تاللانما ئوقۇشلۇق»نى تەھرىرلەپ نەشىر قىلىش پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى چىقارغان مۇھىم قارار، پارتىيە ۋە دۆلەتنىڭ سىياسىي تۇرمۇشىدىكى چوڭ ئىش، ئۆگىنىش، تاللاپ ئوقۇشنى شى جىنپىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسى ئارقىلىق قەلبنى مۇجەسسەملەشتە چىڭ تۇرۇشتىكى مۇھىم، زور سىياسىي ۋەزىپە قىلىپ، شى جىنپىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسى ۋە پارتىيە 20-قۇرۇلتىيىنىڭ روھىنى ئۆگىنىش، تەشۋىق قىلىش، ئىزچىللاشتۇرۇشنى چوڭقۇرلاشتۇرۇشقا تۈرتكە بولۇپ، كەڭ پارتىيە ئەزالىرى، كادىرلارنى «ئىككىنى تىكلەش»نىڭ ھەل قىلغۇچ ئەھمىيىتىنى تېخىمۇ چوڭقۇر چۈشىنىپ، «تۆت ئاڭ»نى كۈچەيتىش، «تۆت ئىشەنچ»نى چىڭىتىش، «ئىككىنى قوغداش»نى ئىشقا ئاشۇرۇشقا يېتەكلەش كېرەك.

  سەي چى مۇنۇلارنى بىلدۈردى: «شى جىنپىڭ ئەسەرلىرىدىن تاللانما ئوقۇشلۇق»تا يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ خەلققە رەھبەرلىك قىلىپ جۇڭگوچە سوتسىيالىزم يېڭى دەۋرىنى ئاچقانلىقى ھەم ئۈزلۈكسىز يېڭى غەلىبىنى قولغا كەلتۈرگەنلىكىدەك ئۇلۇغ تارىخىي مۇساپىسى جانلىق خاتىرىلەنگەن بولۇپ، يېڭى دەۋردىكى جۇڭگو كوممۇنىستلىرىنىڭ ماركسىزمنى جۇڭگوچىلاشتۇرۇش، دەۋرلەشتۈرۈشنى ئىلگىرى سۈرۈشتە قولغا كەلتۈرگەن زور نەزەرىيەدە يېڭىلىق يارىتىش نەتىجىلىرى مەركەزلىك ئەكس ئەتتۈرۈلۈپ، شى جىنپىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسىنىڭ دۆلەتنى قۇدرەت تاپقۇزۇش قۇرۇلۇشىغا يېتەكچىلىك قىلغانلىقى، مىللىي گۈللىنىشنىڭ ھەقىقەت كۈچى ۋە ئەمەلىيەت ئۇلۇغ كۈچى تولۇق نامايان قىلىنىپ، جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسىنىڭ گۈزەل دۇنيا قۇرۇشقا كۈچ چىقىرىدىغان جۇڭگو ئەقىل-پاراسىتى ۋە جۇڭگو مەسئۇلىيەتچانلىقىنى ئىستېرېئولۇق نامايان قىلدى، بۇ، پۈتۈن پارتىيە، پۈتۈن مەملىكەتتىكى ھەر مىللەت خەلقنىڭ شى جىنپىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسىنى چوڭقۇر ئۆگىنىش، ئىزچىللاشتۇرۇشتىكى نوپۇزلۇق دەرسلىكى. تاللانما ئوقۇشلۇقنى ئۆگىنىش ئارقىلىق شى جىنپىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسىگە بولغان چۈشەنچىنى ئومۇميۈزلۈك، سىستېمىلىق چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، بۇ مۇھىم ئىدىيەنىڭ نەزەرىيە ئالاھىدىلىكى، ئىلمىي سىستېمىسى، دۇنيا قارىشى، مېتودولوگىيەسى ۋە ئۇلۇغۋار بۇرچ ھېسسىياتىنى چوڭقۇر ئىگىلەش كېرەك. سىياسىي سادىقلىقنى، بۇرچنى زىممىگە ئېلىشنى، ئەمەلىي ئىشلەش روھىنى، چوڭقۇر ھېسسىياتنى، كۈرەش قىلىش ماھارىتىنى ئۆگىنىپ، سەگەك، قەتئىي بولۇشنى ئۆگىنىپ، ھەقىقىي تۈردە ئۆگىنىش نەتىجە-ئۈنۈمىنى سۇبيېكتىپ، ئوبيېكتىپ دۇنيانى ئۆزگەرتىشتىكى ئىچكى تەشەببۇسكارلىققا، ئومۇميۈزلۈك سوتسىيالىستىك زامانىۋىلاشقان دۆلەت قۇرۇش، جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئۇلۇغ گۈللىنىشىنى ئومۇميۈزلۈك ئالغا سىلجىتىشتىكى ئەمەلىي ھەرىكەتكە ئايلاندۇرۇش كېرەك. باش تېما تەربىيەسىنى چوڭقۇر قانات يايدۇرۇپ، «شى جىنپىڭ ئەسەرلىرىدىن تاللانما ئوقۇشلۇق»نى ئۆگىنىش، تەتبىقلاش خىزمىتىنى ياخشى تەشكىللەپ، ياخشى ئورۇنلاشتۇرۇپ، شى جىنپىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسىنى مېڭىگە، قەلبكە، روھقا سىڭدۈرۈشكە تۈرتكە بولۇش كېرەك.

  ج ك پ مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بىيۇروسىنىڭ ئەزاسى، مەركىزىي كومىتېت تەشۋىقات بۆلۈمىنىڭ باشلىقى لى شۇلېي يىغىنغا رىياسەتچىلىك قىلدى.

  مەركىزىي كومىتېت بەنگۇڭتىڭى، مەركىزىي كومىتېت تەشۋىقات بۆلۈمى، مەركىزىي پارتىيە مەكتىپى (دۆلەت مەمۇرىيەت شۆيۈەنى)، مەركىزىي كومىتېت پارتىيە تارىخى ۋە ھۆججەت تەتقىقات يۇرتى، جۇڭگو ئىجتىمائىي پەنلەر ئاكادېمىيەسى، بېيجىڭ شەھەرلىك پارتكوم تەشۋىقات بۆلۈمىنىڭ مەسئۇللىرى سۆز قىلدى. مەركەز شى جىنپىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسىنى ئۆگىنىش، ئىزچىللاشتۇرۇش باش تېما تەربىيەسى رەھبەرلىك گۇرۇپپىسى ۋە ئىشخانىدىكى ئالاقىدار مەسئۇل يولداشلار، «شى جىنپىڭ ئەسەرلىرىدىن تاللانما ئوقۇشلۇق»نى تەھرىرلەش، نەشر قىلىش خىزمىتى رەھبەرلىك گۇرۇپپىسى ۋە ئىشخانا ئەزالىرى، مەركەز ۋە دۆلەت ئورگانلىرىدىكى ئالاقىدار تارماقلارنىڭ مەسئۇللىرى، ھەرقايسى ئۆلكە، ئاپتونوم رايون، شەھەرلەر ۋە شىنجاڭ ئىشلەپچىقىرىش-قۇرۇلۇش بىڭتۈەنى پارتكومى تەشۋىقات بۆلۈمىنىڭ ئاساسلىق مەسئۇللىرى قاتارلىقلار يىغىنغا قاتناشتى.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: تۇرغۇن ئابلىز

  مەنبە: خەلق تورى

  
مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ