مەملىكەتلىك ئورگان ئىشلىرى خىزمىتىدىكى ئىلغار كوللېكتىپ ۋە ئىلغار شەخسلەرنى تەقدىرلەش يىغىنى 6–ئاينىڭ 27-كۈنى خەلق سارىيىدا ئېچىلدى. جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بىيۇروسى دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى، گوۋۇيۈەننىڭ مۇئاۋىن زۇڭلىسى خەن جېڭ تەقدىرلەنگەن خادىملار ۋە يىغىنغا قاتناشقان ۋەكىللەر بىلەن كۆرۈشتى ھەم خاتىرە سۈرەتكە چۈشتى.
خەن جېڭ پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى، گوۋۇيۈەنگە ۋاكالىتەن تەقدىرلەنگەن ئىلغار كوللېكتىپ ۋە ئىلغار شەخسلەرنى قىزغىن تەبرىكلىدى، پۈتۈن مەملىكەتتىكى ئورگان ئىشلىرى خىزمەتچىلىرىدىن سەمىمىي ھال سورىدى. مەملىكەتلىك ئورگان ئىشلىرى خىزمىتى بويىچە 120 ئىلغار كوللېكتىپ، 120 ئىلغار شەخس، مەركەزگە بىۋاسىتە قاراشلىق ئورگانلار خىزمىتى بويىچە 10 ئىلغار كوللېكتىپ، بەش ئىلغار خىزمەتچى ۋە بەش ئەمگەك نەمۇنىچىسى تەقدىرلەندى.
جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بىيۇروسىنىڭ ئەزاسى، مەركىزىي كومىتېت شۇجىچۇسىنىڭ شۇجىسى، مەركىزىي كومىتېت بەنگۇڭتىڭىنىڭ مۇدىرى دىڭ شۆشياڭ، دۆلەت كومىسسارى، قوشۇمچە گوۋۇيۈەننىڭ باش كاتىپى شياۋ جيې كۆرۈشۈشكە قاتناشتى.
مەنبە: خەلق تورى
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ