كېسەك ئالتۇن دۆلەتلىرى رەھبەرلىرىنىڭ 14 - قېتىملىق ئۇچرىشىشى ئۆتكۈزۈلدى

​شى جىنپىڭ ئۇچرىشىشقا رىياسەتچىلىك قىلدى ھەم مۇھىم سۆز قىلدى​

تېخىمۇ ئومۇميۈزلۈك، زىچ، ئەمەلىي، سىغدۇرۇشچان بولغان يۇقىرى سۈپەتلىك ھەمراھلىق مۇناسىۋىتى ئورنىتىپ، كېسەك ئالتۇن دۆلەتلىرى ھەمكارلىقىدا يېڭى مۇساپە ئېچىشنى تەكىتلىدى

2022.06.27 09:08 مەنبە: خەلق تورى

  6 - ئاينىڭ 23 - كۈنى كەچتە، دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ بېيجىڭدا سىنلىق شەكىلدە كېسەك ئالتۇن دۆلەتلىرى رەھبەرلىرىنىڭ 14 - قېتىملىق ئۇچرىشىشىغا رىياسەتچىلىك قىلدى ھەم «يۇقىرى سۈپەتلىك ھەمراھلىق مۇناسىۋىتى بەرپا قىلىپ، كېسەك ئالتۇن دۆلەتلىرى ھەمكارلىقىدا يېڭى مۇساپە ئاچايلى» دېگەن تېمىدا مۇھىم سۆز قىلدى.

  شىنخۇا ئاگېنتلىقى مۇخبىرى لى شۆرېن فوتوسى

  6 - ئاينىڭ 23 - كۈنى كەچتە، دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ بېيجىڭدا سىنلىق شەكىلدە كېسەك ئالتۇن دۆلەتلىرى رەھبەرلىرىنىڭ 14 - قېتىملىق ئۇچرىشىشىغا رىياسەتچىلىك قىلدى ھەم «يۇقىرى سۈپەتلىك ھەمراھلىق مۇناسىۋىتى بەرپا قىلىپ، كېسەك ئالتۇن دۆلەتلىرى ھەمكارلىقىدا يېڭى مۇساپە ئاچايلى» دېگەن تېمىدا مۇھىم سۆز قىلدى. جەنۇبىي ئافرىقا زۇڭتۇڭى رامافۇسا، بىرازىلىيە زۇڭتۇڭى بولسونارو، رۇسىيە زۇڭتۇڭى پۇتىن، ھىندىستان زۇڭلىسى مودى قاتناشتى.

  شىنخۇا ئاگېنتلىقى مۇخبىرى لى تاۋ فوتوسى

  دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ 6 - ئاينىڭ 23 - كۈنى كەچتە بېيجىڭدا سىنلىق شەكىلدە كېسەك ئالتۇن دۆلەتلىرى رەھبەرلىرىنىڭ 14 - قېتىملىق ئۇچرىشىشىغا رىياسەتچىلىك قىلدى. جەنۇبىي ئافرىقا زۇڭتۇڭى رامافۇسا، بىرازىلىيە زۇڭتۇڭى بولسونارو، رۇسىيە زۇڭتۇڭى پۇتىن، ھىندىستان زۇڭلىسى مودى قاتناشتى.

  خەلق سارىيىنىڭ شەرقىي زالىغا رەڭگارەڭ گۈللەر قويۇلغان، بەش كېسەك ئالتۇن دۆلىتىنىڭ دۆلەت بايرىقى رەتلىك تىزىلغان بولۇپ، كېسەك ئالتۇن بەلگىسى بىلەن بىللە جۇلالىنىپ تۇراتتى.

  كەچ سائەت 8لەردە، بەش كېسەك ئالتۇن دۆلىتىنىڭ رەھبەرلىرى كوللېكتىپ ھالدا «بۇلۇتتا بىرلىكتە خاتىرە سۈرەتكە چۈشتى»، ئۇچرىشىش باشلاندى.

  شى جىنپىڭ ئالدى بىلەن قارشى ئېلىش سۆزى قىلدى. شى جىنپىڭ مۇنداق كۆرسەتتى: ئۆتكەن بىر يىلنى ئەسلىسەك، كەسكىن، مۇرەككەپ ۋەزىيەت ئالدىدا، كېسەك ئالتۇن دۆلەتلىرى باشتىن - ئاخىر ئېچىۋېتىش، سىغدۇرۇشچان بولۇش، ھەمكارلىشىپ ئورتاق پايدا ئېلىشتىن ئىبارەت كېسەك ئالتۇن روھىدا چىڭ تۇرۇپ، ئىتتىپاقلىق - ھەمكارلىقنى كۈچەيتىپ، قول تۇتۇشۇپ ئۆتكەلگە ھۇجۇم قىلىپ قىيىنچىلىقلارنى يەڭدى. كېسەك ئالتۇن مېخانىزمىنىڭ ئېلاستىكلىقى ۋە ھاياتىي كۈچى نامايان قىلىندى، كېسەك ئالتۇن دۆلەتلىرى ھەمكارلىقىدا پائال ئىلگىرىلەش ۋە نەتىجىلەر قولغا كەلتۈرۈلدى. بۇ قېتىمقى ئۇچرىشىش دەل ئىنسانىيەت جەمئىيىتى قايسى يولغا مېڭىشتىن ئىبارەت ئاچقۇچلۇق تۈگۈندە ئۆتكۈزۈلدى. كېسەك ئالتۇن دۆلەتلىرى مۇھىم يېڭىدىن گۈللەنگەن بازار دۆلەتلىرى ۋە تەرەققىي قىلىۋاتقان چوڭ دۆلەتلەر بولۇش سۈپىتى بىلەن، مەسئۇلىيەتنى دادىل زىممىسىگە ئېلىپ، دادىل نەتىجە يارىتىپ، ئادىللىق، ھەققانىيلىق ساداسىنى ياڭرىتىپ، يۇقۇم ئۈستىدىن غەلىبە قىلىش ئېتىقادىنى چىڭىتىپ، ئىقتىسادنى قايتا جانلاندۇرۇش بىرىكمە كۈچىنى مۇجەسسەملەپ، ئىمكانىيەتلىك سىجىل تەرەققىياتقا تۈرتكە بولۇپ، كېسەك ئالتۇن دۆلەتلىرى ھەمكارلىقىنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىغا ئورتاق تۈرتكە بولۇش ئۈچۈن ئەقىل - پاراسىتىنى تەقدىم قىلىپ، دۇنياغا ئاكتىپ، مۇقىم، ئىجادىي كۈچ قوشۇشى كېرەك.

  شى جىنپىڭ «يۇقىرى سۈپەتلىك ھەمراھلىق مۇناسىۋىتى بەرپا قىلىپ، كېسەك ئالتۇن دۆلەتلىرى ھەمكارلىقىدا يېڭى مۇساپە ئاچايلى» دېگەن تېمىدا مۇھىم سۆز قىلدى.

  شى جىنپىڭ مۇنداق كۆرسەتتى: ھازىر، دۇنيادا 100 يىلدىمۇ بولۇپ باقمىغان چوڭ ئۆزگىرىش ۋەزىيىتى تېز سۈرئەتتە ئۆزگەرمەكتە، يېڭى تىپتىكى تاجسىمان ۋىرۇسلۇق ئۆپكە ياللۇغى يۇقۇمى يەنىلا يامرىماقتا، ئىنسانىيەت جەمئىيىتى مىسلىسىز خىرىسقا دۇچ كەلدى. 16 يىلدىن بۇيان، دەھشەتلىك دولقۇن، بوران - چاپقۇن ئالدىدا، كېسەك ئالتۇن دۆلەتلىرىدىن ئىبارەت بۇ چوڭ پاراخوت دولقۇن يېرىپ ئىلگىرىلەپ، جاسارەت بىلەن ئالغا ئىلگىرىلەپ، بىر - بىرىنى رىغبەتلەندۈرىدىغان، ھەمكارلىشىپ ئورتاق پايدا ئالىدىغان جاھاندىكى توغرا يولنى تېپىپ چىقتى. تارىخنىڭ تۆت كوچا ئېغىزىدا تۇرغىنىمىزدا، بىز ھەم بېسىپ ئۆتكەن يولىمىزغا نەزەر سېلىپ، كېسەك ئالتۇن دۆلەتلىرىنىڭ نېمە ئۈچۈن يولغا چىققانلىقىنى ئەستە چىڭ ساقلىشىمىز؛ ھەم بىرلىكتە كەلگۈسىگە يۈزلىنىپ، قول تۇتۇشۇپ تېخىمۇ ئومۇميۈزلۈك، زىچ، ئەمەلىي، سىغدۇرۇشچان بولغان يۇقىرى سۈپەتلىك ھەمراھلىق مۇناسىۋىتى ئورنىتىپ، ئورتاق ھالدا كېسەك ئالتۇن دۆلەتلىرى ھەمكارلىقىدا يېڭى مۇساپە ئېچىشىمىز كېرەك.

  بىرىنچى، بىز بىر ياقىدىن باش چىقىرىشتا چىڭ تۇرۇپ، دۇنيانىڭ تىنچلىقى ۋە خاتىرجەملىكىنى قوغدىشىمىز كېرەك. بەزى دۆلەتلەر مۇتلەق خەۋپسىزلىكنى كۆزلەپ، ھەربىي ئىتتىپاقداشلىقنى كېڭەيتىشكە ئۇرۇنۇپ، باشقا دۆلەتلەرنى تەرەپ تاللاپ شۇ تەرەپتە تۇرۇپ، لاگېر قۇرۇپ قارشىلىشىشقا مەجبۇرلاپ، باشقا دۆلەتلەرنىڭ ھوقۇق - مەنپەئىتىگە پىسەنت قىلماي، ئۆزىنى ھەممىدىن ئۈستۈن ئورۇنغا قويدى. ئەگەر بۇ خىل خەتەرلىك ۋەزىيەتنىڭ تەرەققىي قىلىشىغا يول قويۇلسا، دۇنيا تېخىمۇ داۋالغۇش ئىچىدە قالىدۇ. كېسەك ئالتۇن دۆلەتلىرى بىر - بىرىنىڭ يادرولۇق مەنپەئىتىگە چېتىلىدىغان مەسىلىلەردە بىر - بىرىنى قوللاپ، ھەقىقىي كۆپ تەرەپچىللىكنى ئەمەلىيەتتىن ئۆتكۈزۈپ، ھەققانىيلىقنى قوغداپ زوراۋانلىققا قارشى تۇرۇشى، ئادىللىقنى قوغداپ زومىگەرلىككە قارشى تۇرۇشى، ئىتتىپاقلىقنى قوغداپ بۆلگۈنچىلىككە قارشى تۇرۇشى كېرەك. جۇڭگو تەرەپ كېسەك ئالتۇن دۆلەتلىرى ھەمراھلىرى بىلەن بىرلىكتە، يەرشارىۋى خەۋپسىزلىك تەشەببۇسىنىڭ جايىدا ئەمەلىيلىشىپ ئۈنۈم ھاسىل قىلىشىغا تۈرتكە بولۇپ، ئورتاق، ئۇنىۋېرسال، ھەمكارلىشىدىغان، ئىمكانىيەتلىك سىجىل بولغان خەۋپسىزلىك قارىشىدا چىڭ تۇرۇپ، سۆھبەتلىشىش - قارشىلاشماسلىق، ھەمراھ بولۇش - ئىتتىپاق تۈزمەسلىك، ئورتاق پايدا ئېلىش - نۆل يىغىندىلىق بولماسلىقتىن ئىبارەت يېڭىچە بىر خەۋپسىزلىك يولىنى ئېچىپ، دۇنياغا مۇقىملىق ۋە ئاكتىپ كۈچ قوشۇشنى خالايدۇ.

  ئىككىنچى، بىز ھەمكارلىشىپ تەرەققىي قىلىشتا چىڭ تۇرۇپ، خەۋپ - خەتەر ۋە خىرىسلارغا ئورتاق تاقابىل تۇرۇشىمىز كېرەك. يېڭى تىپتىكى تاجسىمان ۋىرۇسلۇق ئۆپكە ياللۇغى يۇقۇمى ۋە ئۇكرائىنا كىرىزىسىنىڭ تەسىرى گىرەلىشىپ، ئۈستىلىنىپ، ھەرقايسى دۆلەتلەرنىڭ تەرەققىياتىدا كۆلەڭگە پەيدا قىلدى، يېڭىدىن گۈللەنگەن بازار دۆلەتلىرى ۋە تەرەققىي قىلىۋاتقان دۆلەتلەر ھەممىدىن ئاۋۋال زەربىگە ئۇچرىدى. كىرىزىس تەرتىپسىزلىك پەيدا قىلىدۇ، شۇنداقلا ئۆزگىرىش ھاسىل قىلىدۇ، بۇنىڭدىكى ئاچقۇچ قانداق تاقابىل تۇرۇشتا. كېسەك ئالتۇن دۆلەتلىرى كەسىپ زەنجىرى، تەمىنلەش زەنجىرىنى ئۆزئارا تۇتاشتۇرۇش، ئۆزئارا راۋانلاشتۇرۇشنى ئىلگىرى سۈرۈپ، نامراتلارنى ئازايتىش، يېزا ئىگىلىكى، ئېنېرگىيە، ئەشيا ئوبوروتى قاتارلىق ساھەلەردىكى خىرىسلارغا ئورتاق تاقابىل تۇرۇشى كېرەك. يېڭى تەرەققىيات بانكىسىنىڭ زورىيىشى، كۈچىيىشىنى قوللاپ، جىددىي ۋەقەلەرگە تاقابىل تۇرۇش زاپىسىنى ئورۇنلاشتۇرۇش مېخانىزمىنى مۇكەممەللەشتۈرۈشكە تۈرتكە بولۇپ، پۇل مۇئامىلە بىخەتەرلىك تورى ۋە مۇداپىئە تېمىنى مۇستەھكەملەش كېرەك. كېسەك ئالتۇن دۆلەتلىرىنىڭ چېگرا ھالقىپ چىقىم قىلىشى، ئىناۋەت دەرىجىسىنى باھالاش بويىچە ھەمكارلىقنى كېڭەيتىپ، سودا، مەبلەغ سېلىش، مەبلەغ يۈرۈشتۈرۈشنى قولايلاشتۇرۇش سەۋىيەسىنى ئۆستۈرۈش كېرەك. جۇڭگو تەرەپ كېسەك ئالتۇن دۆلەتلىرى ھەمراھلىرى بىلەن بىرلىكتە، يەرشارىۋى تەرەققىيات تەشەببۇسىنىڭ چوڭقۇرلاشتۇرۇلۇشى، ئەمەلىيلەشتۈرۈلۈشىگە تۈرتكە بولۇپ، بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىنىڭ 2030 - يىل ئىمكانىيەتلىك سىجىل تەرەققىيات قارالمىسى بويىچە قايتا ئاتلىنىشقا تۈرتكە بولۇپ، يەرشارىۋى تەرەققىيات ئورتاق گەۋدىسى بەرپا قىلىپ، تېخىمۇ كۈچلۈك، يېشىل، ساغلام يەرشارىۋى تەرەققىياتنى ئىشقا ئاشۇرۇشقا كۈچ قوشۇشنى خالايدۇ.

  ئۈچىنچى، بىز يول ئېچىپ يېڭىلىق يارىتىشتا چىڭ تۇرۇپ، ھەمكارلىقنىڭ يوشۇرۇن كۈچى ۋە ھاياتىي كۈچىنى ئۇرغۇتۇشىمىز كېرەك. پەن - تېخنىكا جەھەتتە مونوپول قىلىش، قامال قىلىش، توسۇق پەيدا قىلىشقا ئۇرۇنۇش ئارقىلىق، باشقا دۆلەتلەرنىڭ يېڭىلىق يارىتىپ تەرەققىي قىلىشىغا كاشىلا قىلىپ، ئۆزىنىڭ زومىگەرلىك ئورنىنى قوغداش مۇقەررەر ئىشقا ئاشمايدۇ. يەرشارىۋى پەن - تېخنىكا ئارقىلىق ئىدارە قىلىشنى مۇكەممەللەشتۈرۈشكە تۈرتكە بولۇپ، تېخىمۇ كۆپ كىشىنى پەن - تېخنىكا نەتىجىلىرىدىن مەنپەئەتلەندۈرۈش ۋە ئۇنىڭدىن بەھرىلەندۈرۈش كېرەك. كېسەك ئالتۇن دۆلەتلىرىنىڭ يېڭى سانائەت ئىنقىلابى ھەمراھلىق مۇناسىۋىتى قۇرۇلۇشىنى تېزلىتىپ، رەقەملىك ئىقتىساد ھەمراھلىق مۇناسىۋىتى رامكىسى ھاسىل قىلىپ، ياسىمىچىلىق كەسپىنى رەقەملەشتۈرۈپ تىپىنى ئۆزگەرتىش ھەمكارلىق تەشەببۇسىنى ئېلان قىلىپ، بەش دۆلەتنىڭ كەسىپ سىياسىتىنى ئۇدۇللاشتۇرۇشنى كۈچەيتىشىگە يېڭى يول ئېچىش كېرەك. رەقەم دەۋرىدىكى ئىختىساسلىقلار ئېھتىياجىنى كۆزلەپ، كەسپىي مائارىپ ئىتتىپاقى قۇرۇپ، يېڭىلىق يارىتىش، ئىگىلىك تىكلەش ھەمكارلىقىنى كۈچەيتىش ئۈچۈن ئىختىساسلىقلار ئامبىرى بەرپا قىلىش كېرەك.

  تۆتىنچى، بىز ئېچىۋېتىش ۋە سىغدۇرۇشچان بولۇشتا چىڭ تۇرۇپ، كوللېكتىپنىڭ ئەقىل - پاراسىتى ۋە كۈچىنى مۇجەسسەملىشىمىز كېرەك. كېسەك ئالتۇن دۆلەتلىرى بېكىنمە كۇلۇب ئەمەس، شۇنداقلا باشقىلارنى يەكلەيدىغان «كىچىك گۇرۇھ»مۇ ئەمەس، بەلكى ئۆزئارا ھەمدەم بولىدىغان چوڭ ئائىلە، ھەمكارلىشىپ ئورتاق پايدا ئالىدىغان ياخشى ھەمراھلار. بەش يىلدىن بۇيان، بىز ۋاكسىنا تەتقىق قىلىپ ئېچىش، پەن - تېخنىكىدا يېڭىلىق يارىتىش، ئادىمىيەت ئالاقىسى، ئىمكانىيەتلىك سىجىل تەرەققىيات قاتارلىق ساھەلەردە مول، رەڭدار بولغان «كېسەك ئالتۇن دۆلەتلىرى +» پائالىيىتىنى قانات يايدۇرۇپ، كەڭ يېڭىدىن گۈللەنگەن بازار دۆلەتلىرى بىلەن تەرەققىي قىلىۋاتقان دۆلەتلەر ئۈچۈن يېڭى ھەمكارلىق سۇپىسى قۇرۇپ، يېڭىدىن گۈللەنگەن بازار دۆلەتلىرى بىلەن تەرەققىي قىلىۋاتقان دۆلەتلەرنىڭ جەنۇب - جەنۇب ھەمكارلىقىنى قانات يايدۇرۇش، بىرلىشىپ ئۆزىنى قۇدرەت تاپقۇزۇشنى ئىشقا ئاشۇرۇشنىڭ ئۈلگىسىگە ئايلاندۇق. يېڭى ۋەزىيەتتە، كېسەك ئالتۇن دۆلەتلىرى ئىشىكنى تېخىمۇ كەڭ ئېچىپ تەرەققىياتنى كۆزلەپ، قۇچىقىنى كەڭ ئېچىپ ھەمكارلىقنى ئىلگىرى سۈرۈشى كېرەك. كېسەك ئالتۇن دۆلەتلىرى ئەزا كۆپەيتىش مۇساپىسىنى ئالغا سىلجىتىپ، مەقسەت - نىشانى بىردەك بولغان ھەمراھلارنى كېسەك ئالتۇن دۆلەتلىرى چوڭ ئائىلىسىگە بالدۇرراق قاتنىشىش ئىمكانىيىتىگە ئىگە قىلىپ، كېسەك ئالتۇن دۆلەتلىرى ھەمكارلىقىغا يېڭى ھاياتىي كۈچ قوشۇپ، كېسەك ئالتۇن دۆلەتلىرىنىڭ ۋەكىللىك خاراكتېرى ۋە تەسىر كۈچىنى ئاشۇرۇشى كېرەك.

  شى جىنپىڭ مۇنداق تەكىتلىدى: يېڭىدىن گۈللەنگەن بازار دۆلەتلىرى ۋە تەرەققىي قىلىۋاتقان دۆلەتلەرنىڭ ۋەكىلى بولۇش سۈپىتىمىز بىلەن، بىزنىڭ تارىخىي تەرەققىياتنىڭ ئاچقۇچلۇق پەيتىدە توغرا تاللاش چىقىرىپ، مەسئۇلىيەتچانلىق بىلەن ھەرىكەت قوللىنىشىمىز دۇنيا ئۈچۈن ئىنتايىن مۇھىم. بىز بىر نىيەتتە ئىتتىپاقلىشىپ، كۈچنى مۇجەسسەملەپ، باتۇرلۇق بىلەن ئالغا ئىلگىرىلەپ، ئىنسانىيەت تەقدىرى ئورتاق گەۋدىسى بەرپا قىلىشقا تۈرتكە بولۇپ، ئىنسانىيەتنىڭ گۈزەل كەلگۈسىنى ئورتاق يارىتايلى!

  يىغىنغا قاتناشقان رەھبەرلەر جۇڭگو تەرەپنىڭ بۇ قېتىمقى رەھبەرلەر ئۇچرىشىشىنى مەسئۇل بولۇپ ئۆتكۈزگەنلىكىگە ھەمدە كېسەك ئالتۇن دۆلەتلىرى ھەمكارلىقىنى ئالغا سىلجىتىش ئۈچۈن كۆرسەتكەن تىرىشچانلىقىغا رەھمەت ئېيتتى، ھازىرقى ئېنىقسىزلىققا تولغان خەلقئارا ۋەزىيەتتە، كېسەك ئالتۇن دۆلەتلىرى ئىتتىپاقلىقنى كۈچەيتىپ، كېسەك ئالتۇن دۆلەتلىرى روھىنى ئەۋج ئالدۇرۇپ، ئىستراتېگىيەلىك ھەمراھلىق مۇناسىۋىتىنى مۇستەھكەملەپ، تۈرلۈك خىرىسلارغا ئورتاق تاقابىل تۇرۇپ، كېسەك ئالتۇن دۆلەتلىرى ھەمكارلىقىنى يېڭى سەۋىيەگە كۆتۈرۈپ، خەلقئارا ئىشلاردا تېخىمۇ زور رولىنى جارى قىلدۇرۇشى كېرەك، دەپ قارىدى.

  بەش دۆلەتنىڭ رەھبەرلىرى «يۇقىرى سۈپەتلىك ھەمراھلىق مۇناسىۋىتى ئورنىتىپ، يەرشارىۋى تەرەققىياتنىڭ يېڭى دەۋرىنى ئورتاق يارىتايلى» دېگەن باش تېمىنى چۆرىدەپ، كېسەك ئالتۇن دۆلەتلىرىنىڭ ھەرقايسى ساھەلەردىكى ھەمكارلىقى ۋە ئورتاق كۆڭۈل بۆلىدىغان مۇھىم، زور مەسىلىلەر توغرىسىدا چوڭقۇر پىكىر ئالماشتۇرۇپ، نۇرغۇن مۇھىم ئورتاق تونۇش ھاسىل قىلدى. ئۇلار بىردەك مۇنداق قارىدى: كۆپ تەرەپچىللىكتە چىڭ تۇرۇپ، يەرشارىۋى ئىدارە قىلىشنى دېموكراتىيەلەشتۈرۈشكە تۈرتكە بولۇپ، ئادىللىق ۋە ھەققانىيلىقنى قوغداپ، داۋالغۇپ تۇرۇۋاتقان خەلقئارا ۋەزىيەتكە مۇقىملىق ۋە ئاكتىپ كۈچ قوشۇش كېرەك. ئورتاق ھالدا يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىپ - تىزگىنلەپ، كېسەك ئالتۇن دۆلەتلىرى ۋاكسىنا تەتقىق قىلىپ ئېچىش مەركىزى قاتارلىق مېخانىزملارنىڭ رولىنى ياخشى جارى قىلدۇرۇپ، ۋاكسىنىنىڭ ئادىل، مۇۋاپىق تەقسىملىنىشىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، ئاممىۋى سەھىيە كىرىزىسىگە تاقابىل تۇرۇش ئىقتىدارىنى ئورتاق ئۆستۈرۈش كېرەك. ئىقتىساد جەھەتتە ئەمەلىي ھەمكارلىقنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، كۆپ تەرەپلىك سودا تۈزۈلمىسىنى قەتئىي قوغداپ، ئېچىۋېتىش تىپىدىكى دۇنيا ئىقتىسادى بەرپا قىلىشقا تۈرتكە بولۇپ، يەككە تەرەپلىمە جازا قوللىنىش ۋە «ھوقۇق تەۋەلىكىدىن ھالقىپ باشقۇرۇش»قا قارشى تۇرۇپ، رەقەملىك ئىقتىساد، پەن - تېخنىكىدا يېڭىلىق يارىتىش، كەسىپ زەنجىرى، تەمىنلەش زەنجىرى، ئاشلىق ۋە ئېنېرگىيە بىخەتەرلىكى قاتارلىق ساھەلەردىكى ھەمكارلىقنى كۈچەيتىپ، كۈچنى بىرىكتۈرۈپ دۇنيا ئىقتىسادىنىڭ جانلىنىشىغا تۈرتكە بولۇش كېرەك. يەرشارىۋى ئورتاق تەرەققىياتنى ئىلگىرى سۈرۈپ، تەرەققىي قىلىۋاتقان دۆلەتلەرنىڭ ئەڭ تەخىرسىز ئېھتىياجىنى كۆزلەپ، نامراتلىق ۋە ئاچارچىلىقنى تۈگىتىپ، قول تۇتۇشۇپ كىلىمات ئۆزگىرىشى خىرىسىغا تاقابىل تۇرۇپ، ئالەم قاتنىشى، چوڭ سانلىق مەلۇمات قاتارلىق تېخنىكىلارنىڭ تەرەققىيات ساھەسىدە ئەمەلىي قوللىنىلىشىنى كۈچەيتىپ، بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىنىڭ 2030 - يىل ئىمكانىيەتلىك سىجىل تەرەققىيات قارالمىسىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈشنى تېزلىتىپ، يەرشارىۋى تەرەققىياتنىڭ يېڭى دەۋرىنى ئورتاق يارىتىش ئۈچۈن كېسەك ئالتۇن دۆلەتلىرى تۆھپىسىنى قوشۇش كېرەك. ئادىمىيەت ئالاقىسى بويىچە ئالماشتۇرۇش، ئۆزئارا ئۆرنەك ئېلىشنى كۈچەيتىپ، ئاقىللار ئامبىرى، سىياسىي پارتىيە، تاراتقۇ، تەنتەربىيە قاتارلىق ساھەلەردە تېخىمۇ كۆپ كۇرسلۇق تۈرلەرنى بەرپا قىلىش كېرەك. بەش دۆلەتنىڭ رەھبەرلىرى تېخىمۇ كۆپ قاتلام - دەرىجە، تېخىمۇ كەڭ ساھە، تېخىمۇ كەڭ دائىرىدە «كېسەك ئالتۇن دۆلەتلىرى +» ھەمكارلىقىنى قانات يايدۇرۇپ، كېسەك ئالتۇن دۆلەتلىرىنىڭ ئەزالىرىنى كۆپەيتىش مۇساپىسىنى پائال ئالغا سىلجىتىپ، كېسەك ئالتۇن مىخانىزمىنى دەۋر بىلەن تەڭ ئىلگىرىلىتىش، سۈپىتىنى ئۆستۈرۈپ ئۈنۈمىنى ئاشۇرۇش، ئۈزلۈكسىز چوڭقۇرلاشتۇرۇش، ئەمەلىيلەشتۈرۈش، ئۇزاققىچە داۋاملاشتۇرۇشقا تۈرتكە بولۇشقا قوشۇلدى.

  ئۇچرىشىشتا «كېسەك ئالتۇن دۆلەتلىرى رەھبەرلىرىنىڭ 14 - قېتىملىق ئۇچرىشىشى بېيجىڭ خىتابنامىسى» ماقۇللاندى ھەم ئېلان قىلىندى.

  يىغىندا، بەش دۆلەتنىڭ رەھبەرلىرى كېسەك ئالتۇن دۆلەتلىرىگە ئالاقىدار ھەمكارلىق مېخانىزمى ۋەكىللىرىنىڭ خىزمەت دوكلاتىنى ئاڭلاپ ئۆتتى.

  دىڭ شۆشياڭ، ۋاڭ يى، خې لىفېڭ قاتارلىقلار ئۇچرىشىشقا قاتناشتى.
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ