مۇھىم خەۋەرلەر

سۈرەتلىك خەۋەرلەر

 پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

  2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ 2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ

◀ ئاساسىي قاتلام ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ ۋاقتى نەگە كەتتى؟

لى كېچياڭ قاتناش-تىرانسپورت مىنىستىرلىقىنى كۆزدىن كەچۈردى ھەم سۆھبەت يىغىنىنى رىياسەتچىلىك قىلىپ ئېچىپ مۇنۇلارنى تەكىتلىدى:

قاتناش ئەشيا ئوبوروتىنى يەنىمۇ راۋانلاشتۇرۇپ، بازار سۇبيېكتلىرىنىڭ يۈرۈشۈشىگە كاپالەتلىك قىلىپ، چوڭ ئىقتىسادنى مۇقىملاشتۇرۇش لازىم

2022.06.08 23:06 مەنبە: خەلق تورى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 6-ئاينىڭ 8-كۈنى بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: 6-ئاينىڭ 6-كۈنى، ج ك پ مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بىيۇروسى دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى، گوۋۇيۈەن زۇڭلىسى لى كېچياڭ قاتناش-تىرانسپورت مىنىستىرلىقىغا بېرىپ خىزمەتلەرنى كۆزدىن كەچۈردى ھەم سۆھبەت يىغىنىنى رىياسەتچىلىك قىلىپ ئاچتى. ئۇ مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ كۈچلۈك رەھبەرلىكىدە، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى، گوۋۇيۈەننىڭ ئورۇنلاشتۇرمىسىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، يېڭى تەرەققىيات ئىدىيەسىنى ئومۇميۈزلۈك ئىزچىللاشتۇرۇپ، يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش-تىزگىنلەش ۋە ئىقتىساد، جەمئىيەت تەرەققىياتىنى يۇقىرى ئۈنۈمدە بىرتۇتاش پىلانلاپ، قاتناش ئەشيا ئوبوروتىنى يەنىمۇ راۋانلاشتۇرۇپ، بازار سۇبيېكتىنىڭ يۈرۈشۈشىگە كاپالەتلىك قىلىپ، چوڭ ئىقتىسادنى مۇقىملاشتۇرۇش كېرەك.


  لى كېچياڭ قاتناشقا قوماندانلىق قىلىش، ئورۇنلاشتۇرۇش مەركىزىدە يۈك تىرانسپورت سانلىق مەلۇماتلىرىنىڭ ئۆزگىرىشىنى تەپسىلىي ئىگىلىدى ھەم يۇقىرى سۈرئەتلىك تاشيولدا قاتناش ۋە پورت، ئايرودۇرۇم قاتارلىق مەركەزلىك توشۇش ئەھۋالىنى سىنلىق كۆزدىن كەچۈردى. پورت مەسئۇلىنىڭ دوكلات قىلىشىچە، ھازىر مال كىرگۈزۈش-چىقىرىش مىقدارى تېز ئەسلىگە كەلگەن بولسىمۇ، لېكىن نورمال سەۋىيەگە يەتمىگەن. لى كېچياڭ ئۇلارغا يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش-تىزگىنلەشنى ياخشى ئىشلەش بىلەن بىللە، تەدبىر قوللىنىپ بېسىلىپ قالغان يۈك ساندۇقلىرىنى تېزدىن توشۇشنى تاپىلىدى. ئۇ مۇنداق دېدى: ئېلىمىز ئىقتىسادى دۇنياغا چوڭقۇر سىڭىپ، مال سودىسى ئۇدا بەش يىل دۇنيا بويىچە بىرىنچى ئورۇندا تۇردى. پورت سىرتقا ئېچىۋېتىلگەن چوڭ يول، قاچىلاش-چۈشۈرۈش، يۆتكەپ توشۇش سەۋىيەسى ۋە تاموژنىدىن ئۆتكۈزۈش ئۈنۈمىنى تېز ئۆستۈرۈپ، ھەم ئېكسپورت مەھسۇلاتلىرىنىڭ ئوڭۇشلۇق چىقىرىلىشىغا كاپالەتلىك قىلىپ، كارخانىلارنىڭ ۋەدىگە ئەمەل قىلىپ مال تاپشۇرۇش ۋە ئاسان قولغا كەلمىگەن زاكازلارنى ساقلاپ قېلىشىغا كۈچ قوشۇش، ھەم ئىمپورت مەھسۇلاتلىرىنىڭ تېز كىرىشىگە كاپالەتلىك قىلىپ، كەسىپ زەنجىرى، تەمىنلەش زەنجىرىنىڭ مۇقىملىقىنى قوغداش كېرەك. چېگرا ھالقىغان يېشىل يول خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەپ، تاشقى سودىنى مۇقىملاشتۇرۇپ، تاشقى مەبلەغنى مۇقىملاشتۇرۇپ، دۆلىتىمىزنىڭ سىرتقا ئېچىۋېتىش سەۋىيەسىنىڭ ئۈزلۈكسىز ئۆسۈشىنى قوللاش كېرەك.


  لى كېچياڭ رايون ئاتلاپ مەشغۇلات قىلىدىغان بۇغداي ئورۇش ماشىنىسى شوپۇرى بىلەن سىنلىق پاراڭلىشىپ، ئۇلاردىن يولدا تەكشۈرۈش بار-يوقلۇقىنى، ھەقسىز يول يۈرگەن-يۈرمىگەنلىكىنى سورىدى. ئۇ مۇنداق دېدى: خەلق ئۈچۈن ئاشلىق ھەممىدىن مۇھىم، دېھقانچىلىق ۋاقتىنى كېچىكتۈرۈشكە بولمايدۇ. ھازىر بۇغداي ئورۇشتىكى ئاچقۇچلۇق تۈگۈن، يېزا ئىگىلىك ماشىنىلىرى شوپۇرلىرى جەنۇبتىن شىمالغا قاتراپ، بۇغداي ئورۇشتىكى ئاساسىي كۈچكە ئايلاندى، ئۇلارغا بولغان مۇلازىمەتنى كۈچەيتىپ، بارلىق ئاماللار بىلەن يېزا ئىگىلىك ماشىنىلىرىنىڭ راۋان يۈرۈشىگە كاپالەتلىك قىلىپ، يازلىق ئاشلىقنى ئامبارغا كىرگۈزۈشكە كاپالەتلىك قىلىشى كېرەك. ئاشلىقتىن مۇقىم ھوسۇل ئېلىش ئارقىلىق، بازارنى تەمىنلەشكە كاپالەتلىك قىلىپ، مال باھاسىنى مۇقىملاشتۇرۇش ئاساسىنى پۇختىلاش كېرەك.


  سۆھبەت يىغىنىدا قاتناش-تىرانسپورت مىنىستىرلىقى دوكلات بەردى. لى كېچياڭ مۇنداق دېدى: قاتناش-تىرانسپورت بازار ئىگىلىكىنىڭ تومۇرى، شۇنداقلا خەلق تۇرمۇشىغا كاپالەتلىك قىلىش، يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش-تىزگىنلەشتىكى مۇھىم تىرەك. يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش، ئىقتىسادنى مۇقىملاشتۇرۇش، تەرەققىياتنى بىخەتەر قىلىشنى ھەقىقىي ئىشقا ئاشۇرۇپ، قاتناش ئەشيا ئوبوروتى چوڭ تومۇرى ۋە مىكرو ئايلىنىشنى يەنىمۇ راۋانلاشتۇرۇپ، بەزى جايلاردا ساقلىنىۋاتقان راۋان بولماسلىق مەسىلىلىرىنى كۈچەپ ھەل قىلىپ، نۇقتىلىق ساھە، رايون ۋە كارخانىلارنىڭ يۈك توشۇش كاپالىتىنى كۈچەيتىش كېرەك. ھەرقايسى جايلار، ھەرقايسى تارماقلار ماسلىشىپ ھەمتۈرتكە بولۇشنى يەنىمۇ كۈچەيتىپ، قاتلاممۇقاتلام ئاشۇرۇپ، ھەممىنى بىر تاياقتا ھەيدەش، بىر نىيەتتە ھەمكارلىشىپ يۈك توشۇش مىقدارىنىڭ تېزدىن مۇسبەت ئېشىشىنى ئىشقا ئاشۇرۇشقا تۈرتكە بولۇپ، 2-پەسىلدە ئىقتىسادنىڭ مۇۋاپىق ئېشىشىنى تىرەك بىلەن تەمىنلەپ، جۇڭگو ئىقتىسادىنىڭ ئۇزاققىچە ياخشىلىنىشى، مۇقىم، ساغلام تەرەققىياتىنى ساقلىشى كېرەك.


  لى كېچياڭ مۇنداق دېدى: قاتناش ئەشيا ئوبوروتىدىكى نۇرغۇن ئەشيا ئوبوروت كارخانىلىرى ۋە يۈك ئاپتوموبىل شوپۇرلىرىغا باج قايتۇرۇش، ئىجتىمائىي سۇغۇرتا ھەققىنى كېچىكتۈرۈپ تاپشۇرۇش، ئاپتوموبىل قەرز پۇلىنى كېچىكتۈرۈپ قايتۇرۇش، دىرى بىلەن ئۆسۈمىنى قايتۇرۇش قاتارلىق سىياسەتلەرنى جايىدا ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، مەنپەئەتلەنگۈچى سۇبيېكتلارغا سىياسەت ئۇچۇرى، بېجىرىش ئۇسۇلى قاتارلىقلارنى تەشەببۇسكارلىق بىلەن يەتكۈزۈپ، ئىلتىماس قىلمايلا بەھرىمەن بولۇش، بىۋاسىتە تېز بەھرىمەن بولۇشنى ئىشقا ئاشۇرۇشى كېرەك. خەلق ئاۋىياتسىيەسى، تۆمۈر يولدا قىيىنچىلىقتىن قۇتقۇزۇش سىياسىتىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، دۆلەت ئىگىلىكى ۋە خەلق تۇرمۇشىغا مۇناسىۋەتلىك مۇھىم كەسىپلەرنىڭ ئەسلىگە كېلىشى ۋە راۋاجلىنىشىنى ئىلگىرى سۈرۈش كېرەك. قاتناش بىخەتەرلىكىدىن ئىبارەت بۇ كىرىچنى باشتىن ـ ئاخىر چىڭىتىپ، خەۋپ ـ خەتەرنى رەتكە تۇرغۇزۇپ تەكشۈرۈش، تۈزەشنى كۈچەيتىپ، ئېغىر، پەۋقۇلئاددە زور ھادىسىلەرنىڭ يۈز بېرىشىنى قەتئىي توسۇش كېرەك.


  لى كېچياڭ مۇنداق دېدى: قاتناش تەرەققىياتنىڭ «ئاۋانگارت قىسىمى»، ئېلىمىز قاتناش چوڭ دۆلىتىگە ئايلاندى، لېكىن يەنە نۇرغۇن يېتەرسىزلىكلەر بار. مۇۋاپىق ئالدىدا مېڭىشتا چىڭ تۇرۇپ، قاتناش ئۇل ئەسلىھەلىرى ۋە زامانىۋى ئەشيا ئوبوروتى سىستېمىسى قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىپ، بىر تۈركۈم قۇرۇلۇش تۈرلىرىنى چىڭ تۇتۇپ رەتلەپ، تەستىقلاش تەرتىپىنى ئەلالاشتۇرۇپ، يەر ئىشلىتىش قاتارلىق مۇھىم ئامىللارغا كاپالەتلىك قىلىشنى كۈچەيتىپ، ئۇزاق مۇددەتلىك تۆۋەن ئۆسۈملۈك قەرز بىلەن قوللاشنى زورايتىپ، ئاچقىلى بولىدىغانلىرىنى ئىمكانقەدەر بالدۇر ئېچىش كېرەك. «بېرىش، باشقۇرۇش، مۇلازىمەت قىلىش» ئىسلاھاتىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، بازارلاشقان، قانۇنچىللاشقان، خەلقئارالاشقان سودا مۇھىتى بەرپا قىلىپ، ئەشيا ئوبوروتى بازىرى سۇبيېكتىنى يېتىلدۈرۈپ، زورايتىپ، بىرتۇتاش ئېچىۋېتىلگەن قاتناش يۈك تىرانسپورت بازىرى سىستېمىسىنى بەرپا قىلىپ، پۈتۈن جەمئىيەتنىڭ ئەشيا ئوبوروتى تەننەرخىنى تۆۋەنلىتىپ، ئىقتىسادىي تەرەققىياتنىڭ ھاياتىي كۈچىنى ئاشۇرۇش كېرەك. شى جىنپىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسىنى يېتەكچى قىلىپ، قاتناش-تىرانسپورت بىلەن ئىقتىساد، جەمئىيەتنىڭ ماس، ئىمكانىيەتلىك سىجىل تەرەققىياتىغا تۈرتكە بولۇش كېرەك.


  ليۇ خې، شياۋ جيې، خې لىفېڭلار سۆھبەت يىغىنىغا قاتناشتى.
كۆرۈپ بېكىتكۈچى: تۇرغۇن ئابلىز
مەنبە: خەلق تورى

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ