شى جىنپىڭ ئەرەب بىرلەشمە خەلىپىلىكىنىڭ يېڭىدىن تەيىنلەنگەن زۇڭتۇڭى مۇھەممەدكە تەبرىك تېلېگراممىسى ئەۋەتتى
2022.05.17 13:01 مەنبە: خەلق تورى
دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ 5 ـ ئاينىڭ 14 ـ كۈنى ئەرەب بىرلەشمە خەلىپىلىكىنىڭ يېڭىدىن تەيىنلەنگەن زۇڭتۇڭى مۇھەممەدكە تېلېگرامما ئەۋەتىپ، ئۇنىڭ ئەرەب بىرلەشمە خەلىپىلىكىنىڭ زۇڭتۇڭلۇقىغا تەيىنلەنگەنلىكىنى تەبرىكلىدى.
شى جىنپىڭ مۇنداق كۆرسەتتى: جۇڭگو بىلەن ئەرەب بىرلەشمە خەلىپىلىكى دىپلوماتىك مۇناسىۋەت ئورناتقاندىن بۇيان، ئىككى دۆلەت مۇناسىۋىتى ئومۇميۈزلۈك چوڭقۇر تەرەققىي قىلدى، ئىككى تەرەپ بىر ـ بىرىنىڭ يادرولۇق مەنپەئىتىگە چېتىلىدىغان ۋە كۆڭۈل بۆلىدىغان مۇھىم، زور مەسىلىلەردە باشتىن ـ ئاخىر بىر ـ بىرىنى قەتئىي قوللىدى، ھەرقايسى ساھەلەردىكى ئەمەلىي ھەمكارلىق نەتىجىلىرى مول بولدى، بىرلىكتە كۈچ چىقىرىپ يېڭى تىپتىكى تاجسىمان ۋىرۇسلۇق ئۆپكە ياللۇغى يۇقۇمىغا تاقابىل تۇرۇشتا كۆرۈنەرلىك نەتىجىلەرنى قولغا كەلتۈردى، ئىككى دۆلەت خەلقلىرىنىڭ دوستلۇقى كۈنسېرى چوڭقۇرلاشتى. مەن جۇڭگو ـ ئەرەب بىرلەشمە خەلىپىلىكى مۇناسىۋىتىنىڭ تەرەققىياتىغا يۈكسەك ئەھمىيەت بېرىمەن، زۇڭتۇڭ مۇھەممەد بىلەن بىرلىكتە تىرىشىپ، جۇڭگو بىلەن ئەرەب بىرلەشمە خەلىپىلىكىنىڭ ئومۇميۈزلۈك ئىستراتېگىيەلىك ھەمراھلىق مۇناسىۋىتىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، ئىككى دۆلەت ۋە ئىككى دۆلەت خەلقلىرىگە بەخت يارىتىشنى خالايمەن.
مەنبە: خەلق تورى
مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ