مۇھىم خەۋەرلەر

سۈرەتلىك خەۋەرلەر

 پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

  2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ 2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ

◀ ئاساسىي قاتلام ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ ۋاقتى نەگە كەتتى؟

مەركىزىي ھەربىي كومىتېتنىڭ رەئىسى شى جىنپىڭنىڭ تەستىقلىشى بىلەن مەركىزىي ھەربىي كومىتېت «سېرژانت ئەسكەرلەر ۋاقىتلىق نىزامى»، «مەجبۇرىيەت ئۆتىگۈچى ئەسكەرلەر ۋاقىتلىق نىزامى» ھەم ئالاقىدار يانداش نىزام-بەلگىلىمىلەرنى بېسىپ تارقاتتى

2022.04.06 09:36 مەنبە: خەلق تورى

  مەركىزىي ھەربىي كومىتېتنىڭ رەئىسى شى جىنپىڭنىڭ تەستىقلىشى بىلەن، مەركىزىي ھەربىي كومىتېت يېقىندا «سېرژانت ئەسكەرلەر ۋاقىتلىق نىزامى»، «مەجبۇرىيەت ئۆتىگۈچى ئەسكەرلەر ۋاقىتلىق نىزامى» ھەمدە «سېرژانت ئەسكەرلەر كەسىپ تەرەققىياتىنى باشقۇرۇش ۋاقىتلىق بەلگىلىمىسى»، «ئەسكەرلەرنىڭ ھەربىي سەپتىن چېكىنىش خىزمىتى ۋاقىتلىق بەلگىلىمىسى»، «ئەسكەرلەر تۈزۈمى ئىسلاھاتىدىكى ئالماشتۇرۇش، ئۆتۈشكە ئالاقىدار مەسىلىلەر توغرىسىدىكى ئۇقتۇرۇش» قاتارلىق يانداش نىزام-بەلگىلىمىلەرنى بېسىپ تارقاتتى، بىردەك 2022-يىلى 3-ئاينىڭ 31-كۈنىدىن باشلاپ يولغا قويۇلىدۇ.

  «سېرژانت ئەسكەرلەر ۋاقىتلىق نىزامى»، «مەجبۇرىيەت ئۆتىگۈچى ئەسكەرلەر ۋاقىتلىق نىزامى» ھەم ئالاقىدار يانداش نىزام-بەلگىلىمىلەر شى جىنپىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسىنى يېتەكچى قىلىشتا چىڭ تۇرۇپ، شى جىنپىڭ ئارمىيەنى قۇدرەت تاپقۇزۇش ئىدىيەسىنى چوڭقۇر ئىزچىللاشتۇرۇش، پارتىيەنىڭ خەلق ئارمىيەسىگە بولغان مۇتلەق رەھبەرلىكىدە چىڭ تۇرۇپ، دىققەتنى ئۇرۇشقا تەييارلىق كۆرۈش، ئۇرۇش قىلىشقا مەركەزلەشتۈرۈشتە چىڭ تۇرۇپ، ئەسكەرلەرنى ھەممىدىن ئەلا بىلىش، ئاساسىي قاتلامنى بىرىنچى ئورۇنغا قويۇشتا چىڭ تۇرۇپ، كۈچنى مۇجەسسەملەپ سېرژانت ئەسكەرلەر قوشۇنىنى كەسىپلەشتۈرۈش، مۇقىملاشتۇرۇشنى يەنىمۇ كۈچەيتىپ، مەجبۇرىيەت ئۆتىگۈچى ئەسكەرلەر قوشۇنىنىڭ ھەربىي ئىختىساسلىقلار قۇرۇلۇشىدىكى ئۇللۇق رولىنى ئۆستۈرۈش، سېرژانت ئەسكەرلەر، مەجبۇرىيەت ئۆتىگۈچى ئەسكەرلەرنى ئىنچىكىلىك بىلەن تاللاش، تولۇقلاش، تەربىيەلەپ يېتىشتۈرۈش، ئىشلىتىش، تەربىيەلەش، باشقۇرۇش، تاللاپ ئۆستۈرۈش، تەمىناتىغا كاپالەتلىك قىلىش ۋە ھەربىي سەپتىن چېكىنگەنلەرنى ئورۇنلاشتۇرۇش قاتارلىق تۈزۈملەرنى مۇكەممەللەشتۈرۈش، ئەسكەرلەرنىڭ قوشۇن قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىشنى تۈپ ئاساس ۋە تۈزۈم تىرىكى بىلەن تەمىنلىدى.

  «سېرژانت ئەسكەرلەر ۋاقىتلىق نىزامى»، «مەجبۇرىيەت ئۆتىگۈچى ئەسكەرلەر ۋاقىتلىق نىزامى» ھەم ئالاقىدار يانداش نىزام-بەلگىلىمىلەرنىڭ ئېلان قىلىنىپ يولغا قويۇلۇشى ئەسكەرلەرنى باشقۇرۇشنىڭ قانۇنچىللىشىش، قېلىپلىشىش، ئىلمىيلىشىش سەۋىيەسىنى ئومۇميۈزلۈك ئۆستۈرۈپ، پارتىيەنىڭ گېپىنى ئاڭلايدىغان، پارتىيەگە ئەگىشىپ ماڭىدىغان يۇقىرى ساپالىق ئەسكەرلەر قوشۇنىنى بەرپا قىلىشنى تېزلىتىشتە مۇھىم ئەھمىيەتكە ئىگە.

  مائارىپ مىنىستىرلىقى، مەركىزىي ھەربىي كومىتېت سىياسىي خىزمەت بۆلۈمى، مەركىزىي ھەربىي كومىتېت دۆلەت مۇداپىئەسى سەپەرۋەرلىك بۆلۈمى «سېرژانت ئەسكەرلەرنى قوبۇل قىلىش خىزمىتى ۋاقىتلىق بەلگىلىمىسى»نى ماس قەدەمدە بېسىپ تارقاتتى.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى
مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ