مۇھىم خەۋەرلەر

سۈرەتلىك خەۋەرلەر

 پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

  2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ 2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ

◀ ئاساسىي قاتلام ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ ۋاقتى نەگە كەتتى؟

شى جىنپىڭ ياۋروپا كېڭىشىنىڭ رەئىسى مىچېل ۋە ياۋروپا ئىتتىپاقى كومىتېتىنىڭ رەئىسى ۋوندېرلېيىن بىلەن كۆرۈشتى

2022.04.06 09:33 مەنبە: خەلق تورى

  دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ 4 - ئاينىڭ 1 - كۈنى كەچتە بېيجىڭدا سىنلىق شەكىلدە ياۋروپا كېڭىشىنىڭ رەئىسى مىچېل ۋە ياۋروپا ئىتتىپاقى كومىتېتىنىڭ رەئىسى ۋوندېرلېيىن بىلەن كۆرۈشتى.

  شى جىنپىڭ مۇنداق كۆرسەتتى: سەككىز يىل ئىلگىرى، مەن جۇڭگونىڭ ياۋروپا بىلەن بىرلىكتە جۇڭگو بىلەن ياۋروپانىڭ تىنچلىق، ئېشىش، ئىسلاھات، مەدەنىيلىكتىن ئىبارەت تۆت چوڭ ھەمراھلىق مۇناسىۋىتىنى بەرپا قىلىشنى خالايدىغانلىقىنى ئوتتۇرىغا قويغانىدىم، جۇڭگو تەرەپنىڭ بۇ نىشانى ھازىرغىچە ئۆزگەرمىدى، ھازىرقى ۋەزىيەتتە تېخىمۇ رېئال ئەھمىيەتكە ئىگە. جۇڭگو بىلەن ياۋروپا كەڭ ئورتاق مەنپەئەت ۋە چوڭقۇر ھەمكارلىق ئاساسىغا ئىگە، جۇڭگو تەرەپنىڭ ياۋروپاغا قاراتقان سىياسىتى مۇقىم ئىزچىللىقنى ساقلايدۇ، ياۋروپا تەرەپنىڭ ئۆز ئالدىغا جۇڭگوغا قارىتا تونۇش شەكىللەندۈرۈپ، ئۆز ئالدىغا جۇڭگوغا قاراتقان سىياسىتىگە ئەمەل قىلىپ، جۇڭگو تەرەپ بىلەن بىرلىكتە، جۇڭگو - ياۋروپا مۇناسىۋىتىنىڭ پۇختا قەدەم بىلەن يىراققا يۈرۈش قىلىشىغا تۈرتكە بولۇپ، داۋالغۇپ تۇرۇۋاتقان دۇنيا ۋەزىيىتىنى بىر قىسىم مۇقىملىق ئامىللىرى بىلەن تەمىنلىشىنى ئۈمىد قىلىدۇ.

  شى جىنپىڭ مۇنداق تەكىتلىدى: جۇڭگو بىلەن ياۋروپا دۇنيا تىنچلىقىنى قوغدايدىغان ئىككى چوڭ كۈچ بولۇشى، جۇڭگو - ياۋروپا مۇناسىۋىتىنىڭ مۇقىملىقى ئارقىلىق خەلقئارا ۋەزىيەتتىكى ئېنىقسىزلىقلارغا تاقابىل تۇرۇشى كېرەك. بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىنى يادرو قىلغان خەلقئارا سىستېما، خەلقئارا قانۇننى ئاساس قىلغان خەلقئارا تەرتىپ، بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى نىزامنامىسىنىڭ ئاساسىي مەقسىتى ۋە پىرىنسىپىنى ئاساس قىلغان خەلقئارا مۇناسىۋەت ئاساسىي مىزانىنى باشلامچىلىق بىلەن قوغداپ، گۇرۇھۋازلىق قىلىپ قارشىلىشىش تەپەككۇرىنىڭ قايتا كۆرۈلۈشىنى ئورتاق توسۇپ، «يېڭى سوغۇق ئۇرۇش» پەيدا قىلىشقا قارشى تۇرۇپ، دۇنيانىڭ تىنچلىقى ۋە مۇقىملىقىنى قوغداش كېرەك.

  شى جىنپىڭ مۇنداق كۆرسەتتى: جۇڭگو بىلەن ياۋروپا ئورتاق تەرەققىياتنى ئىلگىرى سۈرىدىغان ئىككى چوڭ بازار بولۇشى، جۇڭگو بىلەن ياۋروپانىڭ ئېچىۋېتىش، ھەمكارلىشىش ئارقىلىق ئىقتىسادنىڭ يەر شارىۋىلىشىشىنىڭ چوڭقۇر تەرەققىياتىنى ئالغا سىلجىتىشى كېرەك. جۇڭگو قەتئىي تەۋرەنمەي ئىسلاھاتنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، ئېچىۋېتىشنى كېڭەيتىدۇ، ياۋروپا كارخانىلىرىنىڭ جۇڭگوغا كېلىپ مەبلەغ سېلىپ كەسىپلەرنى گۈللەندۈرۈشىنى قارشى ئالىدۇ، ياۋروپا تەرەپنىڭ جۇڭگو كارخانىلىرىنىڭ ياۋروپاغا بېرىپ مەبلەغ سېلىپ تەرەققىي قىلىشىنى ئادىل، ئاشكارا، كەمسىتىش بولمىغان مۇھىت بىلەن تەمىنلىشىنى ئۈمىد قىلىدۇ. ئىككى تەرەپ تەرەققىيات ئىستراتېگىيەسىنى ئۇدۇللاشتۇرۇشنى كۈچەيتىپ، جۇڭگونىڭ يېڭى تەرەققىيات ئىدىيەسى، يېڭى تەرەققىيات ئەندىزىسى بىلەن ياۋروپا ئىتتىپاقىنىڭ «ئوچۇق ئىستراتېگىيەلىك ئۆزىگە ئۆزى ئىگە بولغان» ئىقتىساد - سودا سىياسىتىنىڭ ماسلىشىش نۇقتىسى ئۈستىدە ئىزدىنىشى كېرەك.

  شى جىنپىڭ مۇنداق تەكىتلىدى: جۇڭگو بىلەن ياۋروپا ئىنسانىيەتنىڭ تەرەققىياتىغا تۈرتكە بولىدىغان ئىككى چوڭ مەدەنىيلىك بولۇشى، جۇڭگو بىلەن ياۋروپانىڭ ئىتتىپاقلىشىپ ھەمكارلىشىشى ئارقىلىق يەر شارىۋى خىرىسلارغا تاقابىل تۇرۇشى كېرەك. ھەقىقىي كۆپ تەرەپچىللىكنى ئەمەلىيەتتىن ئۆتكۈزۈپ، ئورتاق كېڭىشىش، ئورتاق قۇرۇش، ئورتاق بەھرىلىنىشنى پىرىنسىپ قىلغان يەر شارىۋى ئىدارە قىلىش قارىشىنى تەشەببۇس قىلىپ، يەر شارىۋى كىلىمات ئۆزگىرىشىگە تاقابىل تۇرۇش ۋە جانلىقلارنىڭ كۆپ خىللىقى ھەمكارلىقىغا داۋاملىق يېتەكچىلىك قىلىپ، قول تۇتۇشۇپ يېڭى تىپتىكى تاجسىمان ۋىرۇسلۇق ئۆپكە ياللۇغى يۇقۇمى ئۈستىدىن غەلىبە قىلىش كېرەك. ياۋروپا تەرەپنىڭ يەر شارىۋى تەرەققىيات تەشەببۇسىنى قوللىشى ۋە ئۇنىڭغا قاتنىشىشىنى قارشى ئالىمىز.

  مىچېل بىلەن ۋوندېرلېيىن مۇنداق بىلدۈردى: جۇڭگو دۇنيادىكى مۇھىم بىر كۈچ، ياۋروپا تەرەپ جۇڭگونىڭ خەلقئارادىكى ئورنى ۋە رولىغا يۈكسەك ئەھمىيەت بېرىدۇ، جۇڭگو بىلەن بولغان مۇناسىۋەتنى تەرەققىي قىلدۇرۇشقا ئەھمىيەت بېرىدۇ. ئۇزاقتىن بۇيان ياۋروپا - جۇڭگو مۇناسىۋىتى ئۆزئارا مەنپەئەت يەتكۈزۈپ، ئورتاق پايدا ئالىدىغان مۇناسىۋەت بولۇپ كەلدى، ئىككىلا تەرەپ تىنچلىقنى قەتئىي قوغداش، كۆپ تەرەپچىللىكنى قوغداشقا كۈچ چىقاردى. ھازىرقى خەلقئارا ۋەزىيەتتە، ياۋروپا بىلەن جۇڭگونىڭ سۆھبەتلىشىش، ھەمكارلىقنى كۈچەيتىشى ئىنتايىن مۇھىم. ياۋروپا تەرەپ بىر جۇڭگو پىرىنسىپىدا چىڭ تۇرۇشنى تەكىتلەيدۇ، جۇڭگو تەرەپ بىلەن سەمىمىي پىكىر ئالماشتۇرۇپ، ياۋروپا - جۇڭگو مۇناسىۋىتىنىڭ ياخشى تەرەققىيات ۋەزىيىتىنى داۋاملاشتۇرۇشنى ئۈمىد قىلىدۇ، جۇڭگو تەرەپ بىلەن ئىقتىساد - سودا، سېلىنما، ئېنېرگىيە، يېشىل تەرەققىيات قاتارلىق ھەرقايسى ساھەلەردىكى ھەمكارلىقنى سىجىل چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، يېڭى تىپتىكى تاجسىمان ۋىرۇسلۇق ئۆپكە ياللۇغى يۇقۇمى، كىلىمات ئۆزگىرىشى، جانلىقلارنىڭ كۆپ خىللىقىنى قوغداش قاتارلىق يەر شارىۋى خىرىسلارغا ئورتاق تاقابىل تۇرۇپ، دۇنيا تىنچلىقى، ئىقتىسادنىڭ ئېشىشى ۋە ئورتاق گۈللىنىشنى ئىلگىرى سۈرۈش ئۈچۈن تىرىشچانلىق كۆرسىتىشنى خالايدۇ. ياۋروپا تەرەپ جۇڭگو تەرەپنىڭ «جانلىقلارنىڭ كۆپ خىللىقى ئەھدىنامىسى»نى تۈزۈشكەن تەرەپلەر يىغىنى 15 - قېتىملىق يىغىنىنىڭ 2 - باسقۇچلۇق يىغىنىنى مۇۋەپپەقىيەتلىك ئۆتكۈزۈشىنى مەدەت، ھەمكارلىق بىلەن تەمىنلەشنى خالايدۇ.

  ئىككى تەرەپ ئۇكرائىنا ۋەزىيىتى توغرىسىدا پىكىر ئالماشتۇردى. ياۋروپا ئىتتىپاقى رەھبەرلىرى ياۋروپا تەرەپنىڭ ئۇكرائىنا كىرىزىسى توغرىسىدىكى قارىشى ۋە تەشەببۇسىنى تونۇشتۇردى.

  شى جىنپىڭ مۇنداق تەكىتلىدى: جۇڭگو تەرەپ ئۇكرائىنا ۋەزىيىتىنىڭ بۈگۈنكىدەك ھالغا كېلىپ قالغانلىقىدىن چوڭقۇر ئەپسۇسلىنىدۇ. جۇڭگو تەرەپنىڭ ئۇكرائىنا مەسىلىسىدىكى مەيدانى ئىزچىل، ئېنىق. جۇڭگو تەرەپ باشتىن - ئاخىر تىنچلىق تەرەپتە تۇرۇپ، ئىشنىڭ ھەق ياكى ناھەق، يوللۇق ياكى يولسىز ئىكەنلىكىدىن چىقىش قىلىپ، مۇستەقىل، ئۆزىگە ئۆزى ئىگە بولغان ھالدا ھۆكۈم چىقىرىپ، خەلقئارا قانۇن ۋە ھەممە ئېتىراپ قىلغان خەلقئارا مۇناسىۋەت ئاساسىي مىزانىنى قوغداشنى تەشەببۇس قىلىپ، بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى نىزامنامىسىنىڭ ئاساسىي مەقسىتى ۋە پىرىنسىپى بويىچە ئىش قىلىشتا چىڭ تۇرۇپ، ئورتاق بولۇش، ئۇنىۋېرسال بولۇش، ھەمكارلىشىش، ئىمكانىيەتلىك سىجىل بولۇشتىن ئىبارەت خەۋپسىزلىك قارىشىنى تەشەببۇس قىلىپ كەلدى.

  شى جىنپىڭ ھازىرقى ۋەزىيەتتىكى ئۇكرائىنا كىرىزىسىنى ھەل قىلىش توغرىسىدا بىرقانچە پىكرىنى بايان قىلىپ ئۆتتى:

  بىرىنچىدىن، ياراشتۇرۇش ۋە سۆھبەتلىشىشنى ئىلگىرى سۈرۈشتە چىڭ تۇرۇش كېرەك. جۇڭگو تەرەپ ياۋروپا تەرەپنىڭ ئۇكرائىنا مەسىلىسىنى سىياسىي يول بىلەن ھەل قىلىش ئۈچۈن كۆرسەتكەن تىرىشچانلىقىنى قوللايدۇ، ئىزچىل ئۆزىگە خاس شەكىل ئارقىلىق ياراشتۇرۇش ۋە سۆھبەتلىشىشنى ئىلگىرى سۈرۈش رولىنى جارى قىلدۇرىدۇ. تىنچلىق سۆھبىتى ۋەزىيەتنىڭ جىددىيلىشىپ، كەسكىنلىشىپ كېتىشىدىن ساقلىنىشتىكى بىردىنبىر كارغا كېلىدىغان يول. خەلقئارا جەمئىيەت داۋاملىق تۈردە رۇسىيە بىلەن ئۇكرائىنانىڭ سۆھبەت مۇساپىسىگە شارائىت ۋە مۇھىت يارىتىپ بېرىشى، سىياسىي يول بىلەن ھەل قىلىشقا بوشلۇق يارىتىپ بېرىشى، ئوت ئۈستىگە ياغ چېچىپ زىددىيەتنى كەسكىنلەشتۈرۈۋەتمەسلىكى كېرەك.

  ئىككىنچىدىن، تېخىمۇ كەڭ كۆلەملىك ئىنسانپەرۋەرلىك كىرىزىسى كۆرۈلۈشنىڭ ئالدىنى ئېلىش كېرەك. جۇڭگو تەرەپ ئۇكرائىنانىڭ ئىنسانپەرۋەرلىك ۋەزىيىتى توغرىسىدىكى ئالتە تەشەببۇسنى ئوتتۇرىغا قويۇپ، ئۇكرائىنا تەرەپنى كۆپ تۈركۈمدە جىددىي ئىنسانپەرۋەرلىك ياردىمى بىلەن تەمىنلىدى، نۇرغۇن مۇساپىرنى قوبۇل قىلغان ياۋروپا دۆلەتلىرىنى ماددىي ئەشيا بىلەن تەمىنلىدى. جۇڭگو تەرەپ ياۋروپا تەرەپ بىلەن ئالاقىنى ساقلاپ، تېخىمۇ چوڭ كۆلەمدىكى ئىنسانپەرۋەرلىك كىرىزىسىنىڭ ئورتاق ئالدىنى ئېلىشنى خالايدۇ.

  ئۈچىنچىدىن، ياۋروپا ۋە ئاسىيا - ياۋروپا چوڭ قۇرۇقلۇقىنىڭ ئۇزاققىچە تىنچلىقىنى بەرپا قىلىش كېرەك. ئۇكرائىنا كىرىزىسىنىڭ مەنبەسى ياۋروپادا ئۇزاق مەزگىل يىغىلىپ قالغان رايون خەۋپسىزلىكى زىددىيىتى بولۇپ، ئۇنى ماھىيەتتىن تۈزەش تەدبىرى ئالاقىدار تەرەپلەرنىڭ خەۋپسىزلىك جەھەتتىكى مۇۋاپىق كۆڭۈل بۆلۈشىگە ئېتىبار بېرىشتىن ئىبارەت. دەۋر تەرەققىي قىلىپ بۈگۈنكى كۈنگە كەلگەندە، سوغۇق ئۇرۇش تەپەككۇرىنى قايتا ئىشلىتىپ دۇنيا ۋە رايون خەۋپسىزلىكى رامكىسىنى بەرپا قىلىشقا بولمايدۇ. جۇڭگو تەرەپ ياۋروپا، بولۇپمۇ ياۋروپا ئىتتىپاقىنىڭ يېتەكچىلىك رولىنى جارى قىلدۇرۇشىنى قوللايدۇ، ياۋروپا، رۇسىيە، ئامېرىكا ھەم شىمالىي ئاتلانتىك ئەھدى تەشكىلاتىنىڭ سۆھبەتنى قانات يايدۇرۇشىنى قوللايدۇ، كۆپ يىللاردىن بۇيان يىغىلىپ قالغان زىددىيەتلەرگە بىۋاسىتە يۈزلىنىپ، مەسىلىنى ھەل قىلىش چارىسىنى تېپىپ چىقىپ، تەكشى، ئۈنۈملۈك، ئىمكانىيەتلىك سىجىل بولغان ياۋروپا خەۋپسىزلىك رامكىسىنى بەرپا قىلىشقا تۈرتكە بولىدۇ.

  تۆتىنچىدىن، قىسمەن توقۇنۇشنىڭ كېڭىيىپ كېتىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىش كېرەك. ئۇكرائىنا كىرىزىسىنى مۇۋاپىق بىر تەرەپ قىلىش كېرەك، لېكىن جان تۇمشۇققا كەلگەندە ئۇدۇل كەلگەنلا تىۋىپقا كۆرۈنۈشكە بولمايدۇ، مەسىلىنىڭ بىر تەرىپىگىلا ئېسىلىۋېلىپ، باشقا تەرەپلىرىگە ئېتىبار بەرمەسلىككە بولمايدۇ، پۈتۈن دۇنيانى بۇ مەسىلىگە باغلىۋېلىشقا بولمايدۇ، ھەرقايسى دۆلەت پۇقرالىرىنى بۇنىڭ ئۈچۈن ئېغىر بەدەل تۆلىتىشكە تېخىمۇ بولمايدۇ. قانچە خەتەرلىك - جىددىي پەيت بولغانسېرى، شۇنچە سەگەكلىكنى ساقلاش، سوغۇققان بولۇش كېرەك. ھازىرقى دۇنيانىڭ ئىقتىساد ئەندىزىسى دۇنيادىكى ھەرقايسى دۆلەتلەرنىڭ ئۇزاق مەزگىللىك تىرىشچانلىقى ئارقىلىق شەكىللەنگەن قۇرۇلما بولۇپ، بىر ئورگانىك پۈتۈن گەۋدە. ھەرقايسى تەرەپلەر بۇ نەتىجىنى قەدىرلىشى كېرەك، ھازىرقى دۇنيانىڭ ئىقتىساد سىستېمىسىغا يېنىكلىك بىلەن زەربە بېرىشكە بولمايدۇ، دۇنيا ئىقتىسادىنى سىياسىيلاشتۇرۇپ، قوراللاشتۇرۇپ، قورال قىلىۋېلىپ، دۇنيانىڭ پۇل مۇئامىلە، سودا، ئېنېرگىيە، پەن - تېخنىكا، ئاشلىق، كەسىپ زەنجىرى، تەمىنلەش زەنجىرى قاتارلىق ساھەلىرىدە ئېغىر كىرىزىس پەيدا قىلىشقا تېخىمۇ بولمايدۇ. نۇرغۇن كىشىلەر نۆۋەتتىكى بۇنداق ۋەزىيەتنىڭ خەلقئارا ئىقتىسادىي ھەمكارلىقنىڭ نەچچە ئون يىللىق تىرىشچانلىقىنىڭ نەتىجىسىنى ۋەيران قىلىۋېتىش ئېھتىماللىقىدىن ئىنتايىن ئەنسىرەيدۇ. ئەگەر ۋەزىيەت داۋاملىق يامانلىشىپ كېتىۋەرسە، ئىشتىن كېيىن ئەسلىگە كەلتۈرۈشكە نەچچە يىل، ئون نەچچە يىل، ھەتتا نەچچە ئون يىل كېتىشى مۇمكىن. جۇڭگو بىلەن ياۋروپا ۋەزىيەتنى باشقۇرۇش - تىزگىنلەشكە كۈچ چىقىرىپ، كىرىزىس تاشقىنىنىڭ ئالدىنى ئېلىشى كېرەك، بولۇپمۇ دۇنيا ئىقتىسادىنىڭ تۈزۈلمىسى، قائىدىسى، ئاساسىنىڭ مۇقىم بولۇشىنى قوغداپ، كىشىلەرنىڭ ئىشەنچىنى ئاشۇرۇشى كېرەك. ئىككى تەرەپ بۇ ھەقتە ماسلىشىش ۋە ھەمكارلىقنى قانات يايدۇرسا بولىدۇ.

  ئىككى تەرەپ رەھبەرلىرى مۇنداق قارىدى: بۇ قېتىمقى كۆرۈشۈش سەمىمىي، ئەستايىدىل، چوڭقۇر بولدى، ئۆزئارا چۈشىنىشنى ئىلگىرى سۈردۇق ھەم نۇرغۇن ئورتاق تونۇش ھاسىل قىلدۇق، ئالاقىلىشىش، پىكىر ئالماشتۇرۇشنى داۋاملىق كۈچەيتىپ، ماسلىشىش، ھەمكارلىقنى قانات يايدۇرۇشقا قوشۇلىمىز.

  ياڭ جيېچى، خې لىفېڭ قاتارلىقلار كۆرۈشۈشكە قاتناشتى.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى
مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ