مۇھىم خەۋەرلەر

سۈرەتلىك خەۋەرلەر

 پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

  2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ 2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ

◀ ئاساسىي قاتلام ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ ۋاقتى نەگە كەتتى؟

جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بىيۇروسى دائىمىي كومىتېتى يىغىن ئېچىپ

​«21 - مارت» شەرق ئاۋىياتسىيەسى MU5735 نومۇرلۇق ئايروپىلاننىڭ ئۇچۇش ھادىسىسىنى جىددىي ۋەقەلەرگە تاقابىل تۇرۇش بويىچە بىر تەرەپ قىلىش ئەھۋالى توغرىسىدىكى دوكلاتنى ئاڭلاپ ئۆتتى، كېيىنكى قەدەمدىكى خىزمەتلەرنى ياخشى ئىشلەش توغرىسىدا ئورۇنلاشتۇرما قىلدى

​جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتىنىڭ باش شۇجىسى شى جىنپىڭ يىغىنغا رىياسەتچىلىك قىلدى

2022.04.02 09:06 مەنبە: خەلق تورى

  جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بىيۇروسى دائىمىي كومىتېتى 3 - ئاينىڭ 31 - كۈنى يىغىن ئېچىپ، «21 - مارت» شەرق ئاۋىياتسىيەسى MU5735 نومۇرلۇق ئايروپىلاننىڭ ئۇچۇش ھادىسىسىنى جىددىي ۋەقەلەرگە تاقابىل تۇرۇش بويىچە بىر تەرەپ قىلىش ئەھۋالى توغرىسىدىكى دوكلاتنى ئاڭلاپ ئۆتتى، كېيىنكى قەدەمدىكى خىزمەتلەرنى ياخشى ئىشلەش توغرىسىدا ئورۇنلاشتۇرما قىلدى. جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتىنىڭ باش شۇجىسى شى جىنپىڭ يىغىنغا رىياسەتچىلىك قىلدى ھەم مۇھىم سۆز قىلدى.

  يىغىندا مۇنداق كۆرسىتىلدى: «21 - مارت» شەرق ئاۋىياتسىيەسى MU5735 نومۇرلۇق ئايروپىلاننىڭ ئۇچۇش ھادىسىسى يۈزبەرگەندىن كېيىن، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى يۈكسەك ئەھمىيەت بەردى، باش شۇجى شى جىنپىڭ دەرھال مۇھىم يوليورۇق بېرىپ، دەرھال جىددىي ۋەقەلەرگە تاقابىل تۇرۇش مېخانىزمىنى قوزغىتىپ، پۈتۈن كۈچ بىلەن ئىزدەش - قۇتقۇزۇشقا تەشكىللەپ، قالدۇق ئىشلارنى مۇۋاپىق بىر تەرەپ قىلىپ، سەۋەبىنى تېزدىن ئېنىقلاپ، بەختسىزلىككە ئۇچرىغانلارنىڭ ئائىلە تەۋەلىرىگە تەسەللى بېرىش ۋە مۇلازىمەت قىلىش خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەشنى تەكىتلىدى. ئالاقىدار تەرەپلەر بۇيرۇقنى تاپشۇرۇۋالغان ھامان ھەرىكەتكە كېلىپ، تېزدىن ئاۋاز قوشۇپ، خەلق ئاۋىياتسىيەسى، جىددىي ۋەقەلەرگە تاقابىل تۇرۇش، جامائەت خەۋپسىزلىكى، ئارمىيە، سەھىيە - ساغلاملىق ۋە گۇاڭشى قاتارلىق ھەرقايسى تەرەپلەرنىڭ كۈچىنى تەشكىللەپ، «بىرتۇتاش قوماندانلىق قىلىش، ئىش تەقسىملىۋېلىپ مەسئۇل بولۇش، چوڭقۇر، ئىنچىكە بولۇش، ئىلمىي، تەرتىپلىك بولۇش» ئومۇمىي تەلىپى بويىچە، ئالاقىدار خىزمەتلەرنى ئومۇميۈزلۈك ياخشى ئىشلىدى. نۆۋەتتە، قالدۇق ئىشلارنى بىر تەرەپ قىلىش، ھادىسىنى تەكشۈرۈش قاتارلىق خىزمەتلەر تەرتىپلىك ئىشلىنىۋاتىدۇ.

  يىغىندا مۇنداق تەكىتلەندى: بۇ قېتىمقى ھادىسىدە ئايروپىلاندىكى 132 ئادەم بەختكە قارشى ھادىسىگە ئۇچرىدى، بىز بۇنىڭدىن قاتتىق قايغۇردۇق. خەلقنى ھەممىدىن ئەلا بىلىش، ھاياتلىقنى ھەممىدىن ئەلا بىلىشتە چىڭ تۇرۇپ، قالدۇق ئىشلارنى بىر تەرەپ قىلىش خىزمىتىنى چوڭقۇر، ئىنچىكە، ياخشى ئىشلەپ، غەيرەت ئۈستىگە غەيرەت قوشۇپ، ئىشنى ياخشى باشلاپ، ياخشى ئاخىرلاشتۇرۇش كېرەك. بەختسىزلىككە ئۇچرىغانلارنىڭ جەسەت قالدۇقى ۋە قالدۇق بۇيۇملىرىنى رەتلەش، ئۆتكۈزۈپ بېرىش قاتارلىق خىزمەتلەرنى داۋاملىق ياخشى ئىشلەپ، ۋاپات بولغانلارنىڭ ئىززەت - ھۆرمىتىنى قىلىش، ئائىلە تەۋەلىرىگە تەسەللى بېرىش كېرەك. بەختسىزلىككە ئۇچرىغانلارنىڭ ئائىلە تەۋەلىرىگە ياردەم قىلىش ۋە يۆلەش، قۇتقۇزۇش خىزمىتىنىڭ سالمىقىنى زورايتىپ، بەختسىزلىككە ئۇچرىغانلارنىڭ ئائىلە تەۋەلىرىنى خاتىرجەم قىلىش كېرەك. ھەرقايسى ئالاقىدار تەرەپلەر ھادىسىنى تەكشۈرۈشنى ئىلمىي، تەرتىپلىك قانات يايدۇرۇپ، ھەرقايسى تەرەپلەردىكى مۇتەخەسسىسلەرنى ئايروپىلان سانلىق مەلۇماتى ۋە تۈرلۈك ماددىي دەلىل - ئىسپاتلارنى ئۇنىۋېرسال تەھلىل قىلىشقا تەشكىللەپ، ھادىسىنىڭ سەۋەبى ۋە خاراكتېرىنى تېزدىن ئېنىقلىشى كېرەك. كېيىنكى ئۇچۇرلارنى ئېلان قىلىش خىزمىتىنى تەكشى، مۇقىم، تەرتىپلىك ياخشى ئىشلەپ، ۋاقتىدا، دەل جايىدا، ئاشكارا، ئېنىق بولۇش پىرىنسىپى بويىچە، ئۇچۇرلارنى سىجىل ئېلان قىلىپ، جەمئىيەت كۆڭۈل بۆلۈۋاتقان مەسىلىلەرگە پائال ئىنكاس قايتۇرۇش كېرەك.

  يىغىندا مۇنداق كۆرسىتىلدى: تەرەققىيات بىلەن بىخەتەرلىكنى بىرتۇتاش پىلانلاشتا چىڭ تۇرۇش كېرەك، بىخەتەرلىكنى قۇربان قىلىش بەدىلىگە تەرەققىياتقا ئېرىشىشكە قەتئىي بولمايدۇ، ھەرقايسى تەرەپلەر چوقۇم چوڭقۇر ساۋاق ئېلىپ، بىرنى بىلىش ئارقىلىق باشقىلىرىنىمۇ بىلىپ، بىخەتەر ئىشلەپچىقىرىش مەسئۇلىيەت تۈزۈمىنى يەنىمۇ تاكامۇللاشتۇرۇپ، بىخەتەر ئىشلەپچىقىرىش مەسئۇلىيىتىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈشنى ياخشى تۇتۇپ، مەملىكەت بويىچە بىخەتەر ئىشلەپچىقىرىش مەخسۇس چوڭ تەكشۈرۈشىنى ئومۇميۈزلۈك قانات يايدۇرۇپ، خەۋپ - خەتەر يوشۇرۇن خەۋپىنى ئومۇميۈزلۈك رەتكە تۇرغۇزۇپ تەكشۈرۈپ، تۈزەپ، ئەڭ زور دەرىجىدە تۈرلۈك ھادىسىلەرنىڭ يۈزبېرىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىپ، توسۇپ، جەمئىيەت ئومۇمىي ۋەزىيىتىنىڭ مۇقىملىقىنى ساقلىشى كېرەك. مەسئۇلىيەت ئەمەلىيلەشمەسلىك، تەدبىر جايىدا بولماسلىق، رەتكە تۇرغۇزۇپ تەكشۈرۈپ تۈزەش شەكىلگە ئايلىنىپ قېلىش قاتارلىق سەۋەبلەر تۈپەيلىدىن ھادىسە يۈزبەرسە، بىۋاسىتە جاۋابكار خادىملارنىڭ مەسئۇلىيىتىنى سۈرۈشتۈرۈپلا قالماي، ئالاقىدار رەھبەرلەرنىڭمۇ جاۋابكارلىقىنى قاتتىق سۈرۈشتۈرۈش كېرەك.

  يىغىندا يەنە باشقا ئىشلار مۇھاكىمە قىلىندى.

  مەنبە: خەلق تورى
مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ