مۇھىم خەۋەرلەر

سۈرەتلىك خەۋەرلەر

 پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

  2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ 2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ

◀ ئاساسىي قاتلام ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ ۋاقتى نەگە كەتتى؟

ۋاڭ ياڭنىڭ رىياسەتچىلىكىدە مەملىكەتلىك سىياسىي كېڭەش رەئىسلەر يىغىنىئېچىلدى

2022.03.31 09:36 مەنبە: خەلق تورى

  سىياسىي كېڭەش مەملىكەتلىك 13-نۆۋەتلىك كومىتېتىنىڭ 70-قېتىملىق رەئىسلەر يىغىنى 3-ئاينىڭ 29-كۈنى بېيجىڭدا ئېچىلدى. جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بىيۇروسى دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى، مەملىكەتلىك سىياسىي كېڭەشنىڭ رەئىسى ۋاڭ ياڭ يىغىنغا رىياسەتچىلىك قىلدى ھەم سۆز قىلدى.

  يىغىندا سىياسىي كېڭەش مەملىكەتلىك 13-نۆۋەتلىك كومىتېتى 5-يىغىنىنىڭ خىزمەت ئەھۋالى توغرىسىدىكى خۇلاسە دوكلاتى ئاڭلاپ ئۆتۈلدى. ۋاڭ ياڭ مۇنداق كۆرسەتتى: جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتىنىڭ كۈچلۈك رەھبەرلىكىدە، سىياسىي كېڭەش مەملىكەتلىك 13 - نۆۋەتلىك كومىتېتىنىڭ 5 - يىغىنى غەلىبىلىك ئۆتكۈزۈلۈپ، روھنى ئۇرغۇتۇپ، ئاكتىپ كۈچ قوشتى. بىز باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ ئىككى يىغىندا قىلغان مۇھىم سۆزىنىڭ روھىنى چوڭقۇر ئۆگىنىپ ۋە ئىزچىللاشتۇرۇپ، جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتىنىڭ تەدبىر-ئورۇنلاشتۇرمىلىرىنى زىچ چۆرىدەپ، مەملىكەتلىك سىياسىي كېڭەشنىڭ 2022-يىلىدىكى تۈرلۈك كېڭىشىش، ھاكىمىيەت ئىشلىرىنى مۇھاكىمە قىلىش پائالىيەتلىرىنى ياخشى تەشكىللەپ، چارە-تەدبىر كۆرسىتىپ، ئورتاق تونۇشنى مۇجەسسەملەپ، كۈچنى توپلاشتىكى تۈرلۈك خىزمەتلەرنى ياخشى ئىشلەپ، ئەمەلىي ھەرىكىتىمىز ئارقىلىق جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى 20-قۇرۇلتىيىنىڭ غەلىبىلىك ئېچىلىشىنى كۈتۈۋېلىشىمىز كېرەك.

  يىغىندا مەملىكەتلىك سىياسىي كېڭەشنىڭ مەركەز سىياسىي كېڭەش خىزمىتى يىغىنىنىڭ روھىنى ئىزچىللاشتۇرۇش، ئەمەلىيلەشتۈرۈشنىڭ ئىلگىرىلەش ئەھۋالىغا «قايتا قاراپ چىقىش» توغرىسىدىكى خىزمەت لايىھەسى قاراپ چىقىپ ماقۇللاندى. ۋاڭ ياڭ مۇنۇلارنى كۆرسەتتى: مەركەز سىياسىي كېڭەش خىزمىتى يىغىنىنىڭ روھىنى ئىزچىللاشتۇرۇش، ئەمەلىيلەشتۈرۈشنىڭ ئىلگىرىلەش ئەھۋالىغا «قايتا قاراپ چىقىش»خىزمىتىنىقانات يايدۇرۇش باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ خەلق سىياسىي كېڭىشى خىزمىتىنى كۈچەيتىش ۋە ياخشىلاش توغرىسىدىكى مۇھىم ئىدىيەسىنىڭ قايتا ئۆگىنىلىشى ۋە ئۆزلەشتۈرۈلۈشى. مەملىكەتلىك سىياسىي كېڭەش ۋە جايلاردىكى سىياسىي كېڭەشلەرنىڭ ئىزچىللاشتۇرۇش، ئەمەلىيلەشتۈرۈش ئەھۋالىنى ئەستايىدىل رەتلەپ، جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى 18-قۇرۇلتىيىدىن بۇيانقى، بولۇپمۇ مەركەز سىياسىي كېڭەش خىزمىتى يىغىنىدىن بۇيانقى خەلق سىياسىي كېڭىشى ئەمەلىيىتى، نەزەرىيەسى ۋە تۈزۈمىدە يېڭىلىق يارىتىش نەتىجىلىرىنى يەكۈنلەپ، قانۇنىيەتلىك تونۇشنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، سىياسىي كېڭەش خىزمىتىنىڭ سۈپىتى ۋە سەۋىيەسىنى يەنىمۇ ئۆستۈرۈپ، مەخسۇس كېڭىشىش ئاپپاراتلىرى قۇرۇلۇشىنىڭ چوڭقۇرلىشىشىغا تۈرتكە بولۇپ، خەلق سىياسىي كېڭىشى تۈزۈمىنىڭ دۆلەتنى ئىدارە قىلىش سىستېمىسىدىكى رولىنى تېخىمۇ ياخشى جارى قىلدۇرۇش كېرەك.

  يىغىندا مەملىكەتلىك سىياسىي كېڭەش 13-نۆۋەتلىك كومىتېتى 5- يىغىنىنىڭ نۇقتىلىق تەكلىپ تېمىسى ۋە ئۇنى بېجىرىشكە ھەيدەكچىلىك قىلىش ئۇسۇلى مۇزاكىرە قىلىپ بېكىتىلدى؛ مەملىكەتلىك سىياسىي كېڭەشنىڭ 2022-يىللىق كۆزدىن كەچۈرۈش، تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىش ئورۇنلاشتۇرۇشى قاراپ چىقىپ ماقۇللاندى؛ شېن دېيۇڭنى سىياسىي كېڭەش 13-نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك كومىتېتى دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزالىقىدىن، جەمئىيەت ۋە قانۇنچىلىق كومىتېتىنىڭ مۇدىرىلىقىدىن قالدۇرۇش، ئەزالىق سالاھىيىتىنى بىكار قىلىش توغرىسىدىكى قارار (لايىھە) قاراپ چىقىپ ماقۇللىنىپ، كېيىنكى قېتىملىق دائىمىي كومىتېت يىغىنىنىڭ قاراپ چىقىشىغا سۇنۇلدى؛ليۇ يەنپىڭنىڭ سىياسىي كېڭەش مەملىكەتلىك 13-نۆۋەتلىك كومىتېتىنىڭ ئەزالىق سالاھىيىتىنى بىكار قىلىش قارارى قاراپ چىقىپ ماقۇللىنىپ، كېيىنكى قېتىملىق دائىمىي كومىتېت يىغىنىنىڭ ئېتىراپ قىلىشىغا سۇنۇلدى.

  رەئىسلەر يىغىنى 2022-يىلىدىكى 1-قېتىملىق كوللېكتىپ ئۆگىنىش تەشكىللەپ، جۇڭگو خەلق بانكىسى رەقەملىك پۇل تەتقىقات ئورنىنىڭ باشلىقى مۇ چاڭچۇن تەكلىپكە بىنائەن«رەقەملىك پۇلنى قوللىنىش» دېگەن تېمىدا دوكلات بەردى.

  مەملىكەتلىك سىياسىي كېڭەشنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى قوشۇمچە باش كاتىپى لى بىن قاتارلىقلار ئالاقىدار قارالمىلارغا ئىزاھات بەردى ۋە دوكلات بەردى. مەملىكەتلىك سىياسىي كېڭەشنىڭ مۇئاۋىن رەئىسلىرىدىن جاڭ چىڭلى، ليۇ چىباۋ، ۋەن گاڭ، خې خوۋخۇا، لۇ جەنگۇڭ، ۋاڭ جېڭۋېي، ما بياۋ، چېن شياۋگۇاڭ، باتېر، سۇ خۇي، جېڭ جيەنباڭ، گۇ شېڭزۇ، ليۇ شىنچېڭ، خې ۋېي، شاۋ خۇڭ، گاۋ يۈنلۇڭ يىغىنغا قاتناشتى.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: تۇرغۇن ئابلىز

  مەنبە: خەلق تورى
مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ