مۇھىم خەۋەرلەر

سۈرەتلىك خەۋەرلەر

 پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

  2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ 2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ

◀ ئاساسىي قاتلام ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ ۋاقتى نەگە كەتتى؟

لى كېچياڭنىڭ رىياسەتچىلىكىدە گوۋۇيۈەننىڭ دائىمىي ئىشلار يىغىنى ئېچىلدى

قوشۇلما قىممەت بېجىنى تۇتۇپ قېلىپ باج قايتۇرۇش سىياسىتىنى كەڭ كۆلەمدە يولغا قويۇش سىياسەت ئورۇنلاشتۇرۇلمىسى بېكىتىلىپ، ماكرولۇق ئىقتىسادنى مۇقىملاشتۇرۇشنى كۈچلۈك تىرەك بىلەن تەمىنلەش بەلگىلەندى؛ ئۇنىۋېرسال تەدبىر قوللىنىپ، بازار كۆزلىمىسىنى مۇقىملاشتۇرۇپ، كاپىتال بازىرىنىڭ مۇقىم، ساغلام تەرەققىياتىنى ساقلاش ئورۇنلاشتۇرۇلدى

2022.03.23 20:55 مەنبە: خەلق تورى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 3-ئاينىڭ 23-كۈنى بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: گوۋۇيۈەن زۇڭلىسى لى كېچياڭنىڭ رىياسەتچىلىكىدە 3-ئاينىڭ 21-كۈنى گوۋۇيۈەننىڭ دائىمىي ئىشلار يىغىنى ئېچىلدى، يىغىندا قوشۇلما قىممەت بېجىنى تۇتۇپ قېلىپ قايتۇرۇش سىياسىتىنى كەڭ كۆلەمدە يولغا قويۇش سىياسەت ئورۇنلاشتۇرۇلمىسى بېكىتىلىپ، ماكرولۇق ئىقتىسادنى مۇقىملاشتۇرۇشنى كۈچلۈك تىرەك بىلەن تەمىنلەش بەلگىلەندى؛ ئۇنىۋېرسال تەدبىر قوللىنىپ، بازار كۆزلىمىسىنى مۇقىملاشتۇرۇپ، كاپىتال بازىرىنىڭ مۇقىم، ساغلام تەرەققىياتىنى ساقلاش ئورۇنلاشتۇرۇلدى.

  يىغىندا مۇنۇلار كۆرسىتىلدى: پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى، گوۋۇيۈەننىڭ تەدبىر، ئورۇنلاشتۇرمىلىرىنى ئىزچىللاشتۇرۇپ، «ھۆكۈمەت خىزمىتىدىن دوكلات»تىكى ئورۇنلاشتۇرۇش بويىچە، نۆۋەتتىكى ئىچكى-تاشقى ۋەزىيەتتىكى يېڭى ئۆزگىرىشلەرگە قارىتا، ئىقتىسادنىڭ ئايلىنىشىنى مۇقىملاشتۇرىدىغان سىياسەتلەرنى چىڭ تۇتۇپ يولغا قويۇش كېرەك. بۇ يىل قوشۇلما قىممەت بېجىنى تۇتۇپ قېلىپ قايتۇرۇش كۆلىمى تەخمىنەن 1 تىرىليون 500 مىليارد يۈەن بولدى، بۇ، «ئىككىدە قىلچە تەۋرەنمەسلىك»تە چىڭ تۇرۇپ، تۈرلۈك بازار سۇبيېكتلىرىنىڭ قىيىنچىلىقىنى بىۋاسىتە، يۇقىرى ئۈنۈملۈك ھەل قىلىش تەدبىرى، ئىقتىسادنى مۇقىم ئاشۇرۇپ، بازار سۇبيېكتىنى مۇقىملاشتۇرۇپ، ئىشقا ئورۇنلىشىشقا كاپالەتلىك قىلىشتىكى ئاچقۇچلۇق تەدبىر، شۇنداقلا باج مەنبەسىنى ساقلاپ قېلىش، قوشۇلما قىممەت بېجى تۈزۈمىنى زور كۈچ بىلەن ياخشىلاشتىكى ئىسلاھات.

  يىغىندا مۇنۇلار قارار قىلىندى: بىرىنچى، بارلىق ساھەلەردىكى كىچىك، مىكرو كارخانىلارغا قارىتا، ئادەتتىكى باج ھېسابلاش ئۇسۇلى بويىچە باج تاپشۇرغان يەككە سودا-سانائەتچىلەرنىڭ باج قايتۇرۇش سوممىسى 1 تىرىليون يۈەنگە يېقىنلاشتى. بۇنىڭ ئىچىدە، ساقلانما باج سوممىسى 6-ئاينىڭ ئاخىرىدىن بۇرۇن بىر قېتىم تولۇق قايتۇرۇپ بېرىلىدۇ، مىكرو كارخانىلارغا 4-ئايدا مەركەزلەشتۈرۈپ قايتۇرۇپ بېرىلىدۇ، كىچىك كارخانىلارغا 5-، 6-ئايلاردا قايتۇرۇپ بېرىلىدۇ، ئاشۇرۇلما مىقدارنىڭ ساقلانما باج سوممىسى 4-ئاينىڭ 1-كۈنىدىن باشلاپ ئاي بويىچە تولۇق سوممىسى بىلەن بېرىلىدۇ، «ئۇدا ئالتە ئاي ئاشۇرۇلما مىقدارنىڭ ساقلانما باج سوممىسى نۆلدىن چوڭ، ئاخىرقى بىر ئايدىكى ئاشۇرۇلما مىقدارنىڭ ساقلانما باج سوممىىسى 500 مىڭدىن چوڭ بولۇش» قاتارلىق باج قايتۇرۇش شەرتلىرى باسقۇچلۇق بىكار قىلىنىدۇ.

  ئىككىنچى، ياسىمىچىلىق، ئىلمىي تەتقىقات ۋە تېخنىكا مۇلازىمىتى، ئېلېكتىر ئېنېرگىيەسى، ئىسسىقلىق ئېنېرگىيەسى، يېقىلغۇ گاز ھەمدە سۇ ئىشلەپچىقىرىش ۋە تەمىنلەش كەسپى، يۇمشاق دېتال ۋە ئۇچۇر تېخنىكىسى مۇلازىمەت كەسپى، ئېكولوگىيەنى قوغداش ۋە مۇھىتنى تۈزەش كەسپى، قاتناش-تىرانسپورت، ساقلاش ۋە پوچتا كەسپى قاتارلىق ئالتە ساھەدىكى كارخانىلارنىڭ ساقلانما باج سوممىسىنى 7-ئاينىڭ 1-كۈنىدىن باشلاپ تولۇق سوممىسى بىلەن قايتۇرۇپ بېرىشنى بېجىرىش باشلىنىدۇ، يىل ئاخىرىدىن بۇرۇن تاماملىنىدۇ؛ ئاشۇرۇلما مىقدار بويىچە تۇتۇپ قېلىنغان باج سوممىسىمۇ 4-ئاينىڭ 1-كۈنىدىن باشلاپ ئاي بويىچە تولۇق قايتۇرۇلىدۇ.

  مەركەز مالىيەسى ھازىرقى باج تۈزۈمى بويىچە %50 باج قايتۇرۇش مەبلىغىنى ئۈستىگە ئېلىش ئاساسىدا،يەنە 1 تىرىليون 200 مىليارد يۈەن يۆتكىمە چىقىم مەبلىغى ئورۇنلاشتۇرۇش ئارقىلىق ئۈچ مەخسۇس تۈر تەسىس قىلىپ، ئاساسىي قاتلامنىڭ باج قايتۇرۇش، باجنى كېمەيتىش، ھەقنى تۆۋەنلىتىش ۋە ئىشقا ئورۇنلىشىشقا كاپالەتلىك قىلىش، ئاساسىي خەلق تۇرمۇشىغا كاپالەتلىك قىلىش قاتارلىقلارنى ئەمەلىيلەشتۈرۈشىگە مەدەت بېرىدۇ. بۇنىڭ ئىچىدە، يېڭىدىن كۆپەيگەن توغرىلاپ قايتۇرۇلغان باجنىڭ ئىچىدىكى يەرلىك ئۈستىگە ئالىدىغان قىسمىغا قارىتا، مەركەز مالىيەسىدىن بېرىلىدىغان ياردەم ئوتتۇرا ھېساب بىلەن %82 تىن ئاشىدۇ ھەمدە ئوتتۇرا، غەربىي قىسىمغا مايىللاشتۇرۇلىدۇ.

  يىغىندا مۇنۇلار تەلەپ قىلىندى: مەبلەغنى ئالدىن ئاجرىتىش مېخانىزمىنى ئورنىتىپ، ئايمۇ ئاي ئالدىن ئاجرىتىپ، دومىلىما ھېسابات قىلىپ، يەرلىك دۆلەت خەزىنىسىدە باج قايتۇرۇشقا ئېھتىياجلىق بولغان يېرىم ئايلىق مەبلەغنى ھەرىكەتچان ساقلاشقا ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىش كېرەك. مەبلەغنى نازارەت قىلىپ باشقۇرۇش ۋە دۆلەت خەزىنىسىنى باشقۇرۇشنى كۈچەيتىپ، باج قايتۇرۇش مەبلىغىنىڭ بازار سۇبيېكتىغا بىۋاسىتە يەتكۈزۈلۈشىگە ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىپ، يەرلىكنىڭ ياردەم پۇلىنى بىۋاسىتە شەھەر، ناھىيە ئاساسىي قاتلاملىرىغا يەتكۈزۈشكە كاپالەتلىك قىلىپ، باج ئوغرىلاش، باج ئالدامچىلىقى قىلىش، ياردەم پۇلىنى ئالداپ ئېلىۋېلىش قاتارلىق قىلمىشلارغا قەتئىي زەربە بېرىپ، كەڭچىلىك قىلماي قاتتىق جازالاش كېرەك.

  يىغىندا گوۋۇيۈەن پۇل مۇئامىلە كومىتېتىنىڭ دوكلاتى ئاڭلاپ ئۆتۈلدى، يىغىندا مۇنۇلار كۆرسىتىلدى: خەلقئارا ۋەزىيەتتىكى ئۆزگىرىشنىڭ ئېلىمىزنىڭ كاپىتال بازىرىغا بولغان تەسىرىگە يۈكسەك ئەھمىيەت بېرىش كېرەك. تەرەققىياتنىڭ بىرىنچى مۇھىم ۋەزىپە ئىكەنلىكىدە چىڭ تۇرۇپ، ئۆز ئىشىنى كۈچەپ ياخشى قىلىپ، مۇقىملىقنى ئالدىنقى ئورۇنغا قويۇشتا چىڭ تۇرۇپ، مۇقىملىق ئاساسىدا ئىلگىرىلەپ، ئىسلاھات، ئېچىۋېتىشنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، ئىقتىسادنىڭ مۇۋاپىق دائىرىدە يۈرۈشۈشىنى ساقلاپ، ئىلمىي، ئۈنۈملۈك تەدبىر قوللىنىپ كاپىتال بازىرىنىڭ مۇقىملىقىنى قوغداپ، مۇقىم، ساغلام تەرەققىياتنى ساقلاش كېرەك. بىرىنچى، مۇقىم، ساغلام پۇل سىياسىتىنىڭ ئەمەلىي ئىقتىسادنى قوللاش سالمىقىنى ئاشۇرۇپ، «باستۇرۇپ سۇغىرىش»نى يولغا قويماسلىقتا چىڭ تۇرۇش، شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا، كۆپ خىل پۇل سىياسىتى قورالىدىن ۋاقتىدا پايدىلىنىپ، ئوبوروتنىڭ مۇۋاپىق يېتەرلىك بولۇشىنى ساقلاش، كرېدىت ۋە ئىجتىمائىي مەبلەغ يۈرۈشتۈرۈشنىڭ مۇۋاپىق ئېشىشىنى ساقلاش كېرەك.

  ئىككىنچى، سىياسەتنىڭ مۇقىملىقىنى ساقلاش كېرەك، يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، ئىقتىسادنىڭ ئايلىنىشىنى مۇقىملاشتۇرۇپ، بازارنىڭ ھاياتىي كۈچىنى ئۇرغۇتىدىغان سىياسەتلەرنى ئىمكانقەدەر داۋاملىق يولغا قويۇش، شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا، سىياسەت يۆنىلىشىنىڭ بىردەكلىكىنى باھالاشنى قانات يايدۇرۇپ، بازار كۆزلىمىسىگە پايدىسىز سىياسەتلەرنىڭ ئوتتۇرىغا قويۇلۇشىنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە ئۇنى تۈزىتىش كېرەك. ئۈچىنچى، بازارلاشتۇرۇش، قانۇنچىللاشتۇرۇش، خەلقئارالاشتۇرۇش پىرىنسىپى بويىچە، كاپىتال بازىرىنىڭ يۈرۈشۈش جەريانىدىكى مەسىلىلەرنى پۇختا بىر تەرەپ قىلىپ، تۈرلۈك بازار سۇبيېكتلىرىغا مۇقىم، ئاشكارا، مۆلچەرلىگىلى بولىدىغان تەرەققىيات مۇھىتى يارىتىپ بېرىش كېرەك. تۆتىنچى، تارماقلار ھەمكارلىقىنى كۈچەيتىپ، دۆلەت ئىچى ۋە سىرتىدىكى ئىقتىساد، پۇل مۇئامىلە ۋەزىيىتىگە يېقىندىن ئەگىشىپ، سۇ كەلگۈچە تۇغان تۇتۇپ، يېڭى رىقابەتلەرگە تاقابىل تۇرۇپ، قاراتمىلىقى بولغان تەدبىرلەرنى قوللىنىپ، بازار كۆزلىمىسىنى مۇقىملاشتۇرۇش كېرەك. بەشىنچى، تاشقى سودىنى مۇقىملاشتۇرۇش، چەت ئەل مەبلىغىنى مۇقىملاشتۇرۇش خىزمىتىنى داۋاملىق ياخشى ئىشلەپ، خەلق پۇلى پېرېۋوت نىسبىتىنىڭ مۇۋاپىق، تەڭپۇڭ سەۋىيەدىكى ئاساسىي مۇقىملىقىنى ساقلاش، خەلقئارا كىرىم-چىقىمنىڭ ئاساسىي تەڭپۇڭلۇقىنى ساقلاش كېرەك.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى

  
مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ