گوۋۇيۈەن زۇڭلىسىلى كېچياڭ 1–ئاينىڭ 13–كۈنى جۇڭنەنخەيدىكى بىنەپشە راۋىقىدا ۋىيېتنام زۇڭلىسى فەن مىڭجېڭ بىلەن تېلېفونلاشتى.
ئىككى دۆلەت زۇڭلىلىرى ئۆزئارا يېڭى يىللىق سالام يوللىدى ۋە باھار بايرىمىلىق بەخت تىلىدى. لى كېچياڭ مۇنداق دېدى: جۇڭگو-ۋىيېتنامنىڭ تاغ-دەريالىرى تۇتاش بولۇپ، كەڭ ئورتاق مەنپەئەتكە ئىگە. ئۆتكەن بىر يىلدا باش شۇجى، دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ ۋىيېتنامنىڭ پارتىيە ۋە دۆلەت رەھبەرلىرى بىلەن كۆپ قېتىم تېلېفونلىشىپ، ئىككى تەرەپنىڭ ئىستراتېگىيەلىك ئۆزئارا ئىشىنىشىنى مۇستەھكەملەپ، ئىككى تەرەپ مۇناسىۋىتىنىڭ مۇقىم، ساغلام تەرەققىياتىغا تۈرتكە بولدى. يېڭى بىر يىلدا، جۇڭگو ۋىيېتنام بىلەن ئىستراتېگىيەلىك ئالاقىنى كۈچەيتىپ، ھەرقايسى ساھەلەردىكى ئالاقىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە تىزگىنلەش ھەمكارلىقىنى داۋاملىق قانات يايدۇرۇپ، ئىختىلاپلارنى مۇۋاپىق باشقۇرۇپ ۋە كونترول قىلىپ، جۇڭگو–ۋىيېتنام ئومۇميۈزلۈك ئىستراتېگىيەلىك ھەمكارلىق، ھەمراھلىق مۇناسىۋىتىنى ئۈزلۈكسىز تەرەققىي قىلدۇرۇشنى خالايدۇ. ئىقتىساد سودا ھەمكارلىقى ئىككى دۆلەت ھەمكارلىقىدىكى مۇھىم ساھە، ئىككى تەرەپ سودىسى بۇلتۇر خوشاللىنارلىق نەتىجىلەرگە ئېرىشتى. جۇڭگو تەرەپ ۋىيېتنامنىڭ ئەلا سۈپەتلىك يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرىنى جۇڭگوغا توشۇپ تاموژنىدىن ئۆتكۈزۈشىگە تېخىمۇ كۆپ قولايلىق يارىتىپ بېرىشنى خالايدۇ.
لى كېچياڭ مۇنداق كۆرسەتتى: رايون ئومۇميۈزلۈك ئىقتىسادىي ھەمراھلىق مۇناسىۋىتى كېلىشىمى (RCEP) بۇ يىلنىڭ بېشىدا ئۆز قەرەلىدە كۈچكە ئىگە بولدى. بۇ، رايون ئىقتىسادىي مۇھىم ئامىللىرىنىڭ ئەركىن يۈرۈشۈشىنى ئىلگىرى سۈرۈش، سودا سېلىنمىسىنىڭ سىغىمىنى ئاشۇرۇپ دەرىجىسىنى ئۆستۈرۈشكە تۈرتكە بولۇش، كەسىپ زەنجىرى، تەمىنلەش زەنجىرىنىڭ بىخەتەرلىكى، مۇقىملىقىنى قوغداشقا پايدىلىق. جۇڭگو ۋىيېتنام ۋە RCEPقا ئەزا باشقا دۆلەتلەر بىلەن بىرلىكتە قول تۇتۇشۇپ RCEPنىڭ ئۈنۈملۈك يولغا قويۇلۇشىغا تۈرتكە بولۇپ، رايون ئىقتىسادىنىڭ بىر گەۋدىلىشىشىنى تېخىمۇ يۇقىرى سەۋىيەدە ئىلگىرى سۈرۈپ، رايوندىكى ھەرقايسى دۆلەت خەلقلىرىگە تېخىمۇ ياخشى بەخت يارىتىشنى خالايدۇ.
فەن مىڭجېڭ جۇڭگونىڭ تۇنجى 100 يىللىق كۈرەش نىشانىنى ئوڭۇشلۇق ئىشقا ئاشۇرغانلىقىنى تەبرىكلەپ مۇنداق دېدى: جۇڭگو ۋىيېتنامنىڭ ئالاھىدە ھەمراھى، ۋىيېتنام- جۇڭگو مۇناسىۋىتىنىڭ ئومۇميۈزلۈك چوڭقۇر تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرۈش ۋىيېتنام دىپلوماتىيەسىدە ئالدىنقى ئورۇندا تۇرىدۇ. ۋىيېتنام بىر جۇڭگو سىياسىتىدە باشتىن - ئاخىر چىڭ تۇرۇپ، جۇڭگونىڭ تەرەققىي قىلىپ قۇدرەت تېپىشىنى، رايون ۋە خەلقئارا ئىشلاردا تېخىمۇ زور رولىنى جارى قىلدۇرۇشىنى قوللايدۇ، جۇڭگونىڭ بېيجىڭ قىشلىق ئولىمپىك تەنھەرىكەت مۇسابىقىسىنى مۇۋەپپەقىيەتلىك ئۆتكۈزۈشىنى قوللايدۇ. ۋىيېتنام جۇڭگو بىلەن ئىككى پارتىيە، ئىككى دۆلەتنىڭ ئىستراتېگىيەلىك ئالاقىسى ۋە سىياسىي جەھەتتىكى ئۆزئارا ئىشىنىشىنى داۋاملىق كۈچەيتىپ، ھەرقايسى ساھەلەردىكى ھەمكارلىق سۈپىتىنى ئۆستۈرۈپ، زىچ، ئۈنۈملۈك بولغان يۇقۇمدىن ساقلىنىش ھەمكارلىقىنى قانات يايدۇرۇپ، چېگرا پورتىنىڭ تاموژنىدىن ئۆتكۈزۈش ئۈنۈمىنى ئاشۇرۇپ، كۆپ تەرەپلىك ساھەلەردىكى ماسلىشىش، ھەمكارلىشىشنى كۈچەيتىپ، ئىختىلاپلارنى مۇۋاپىق بىر تەرەپ قىلىپ، ۋىيېتنام -جۇڭگو مۇناسىۋىتىنىڭ ئۈزلۈكسىز چوڭقۇرلىشىشىغا تۈرتكە بولۇشنى خالايدۇ.
خې لىفېڭ يۇقىرىقى پائالىيەتلەرگە قاتناشتى.
كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر
مەنبە: خەلق تورى
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ