جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتىنىڭ باش شۇجىسى، دۆلەت رەئىسى، مەركىزىي ھەربىي كومىتېتنىڭ رەئىسى شى جىنپىڭ 1 - ئاينىڭ 4 - كۈنى مەركىزىي ھەربىي كومىتېتنىڭ 2022 - يىللىق 1 - نومۇرلۇق بۇيرۇقىنى ئىمزالاپ، پۈتۈن ئارمىيەگە مەشىق باشلاش سەپەرۋەرلىك بۇيرۇقى ئېلان قىلدى. تولۇق تېكىستى تۆۋەندىكىچە:
مەن بۇيرۇق قىلىمەن: 2022 - يىللىق ھەربىي مەشىق باشلانسۇن.
پۈتۈن ئارمىيەدىكى ھەر دەرىجىلىكلەر پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى ۋە مەركىزىي ھەربىي كومىتېتنىڭ تەدبىرى، يوليورۇقىنى قەتئىي ئىزچىللاشتۇرۇپ، دۆلەت خەۋپسىزلىكى ۋە ھەربىي كۈرەش ۋەزىيىتىنىڭ ئۆزگىرىشىنى دەل جايىدا ئىگىلەپ، پەن - تېخنىكا ئۆزگىرىشى، ئۇرۇش ئۆزگىرىشى، رەقىب ئۆزگىرىشىگە چىڭ كۆز تىكىپ، ئۇرۇش بىلەن مەشىقنى باغلاشنى زور كۈچ بىلەن ئالغا سىلجىتىپ، سىستېما بويىچە ئەسكەر مەشىقلەندۈرۈشنى زور كۈچ بىلەن ئالغا سىلجىتىپ، پەن - تېخنىكا ئارقىلىق ئەسكەر مەشىقلەندۈرۈشنى زور كۈچ بىلەن ئالغا سىلجىتىپ، ھەربىي مەشىقنىڭ تىپىنى ئۆزگەرتىپ دەرىجىسىنى ئۆستۈرۈشنى ئومۇميۈزلۈك ئالغا سىلجىتىپ، جەڭ قىلالايدىغان، جەڭ قىلىشقا ماھىر بولغان سەرخىل قوشۇن يېتىلدۈرۈشى كېرەك.
پۈتۈن ئارمىيەدىكى كوماندىر - جەڭچىلەر جاپادىنمۇ، ئۆلۈمدىنمۇ قورقمايدىغان جەڭ قىلىش روھىنى ئەۋج ئالدۇرۇپ، جاپاغا چىداپ مەشىق قىلىپ، ئىلمىي مەشىق قىلىپ، بىخەتەر مەشىق قىلىپ، قوماندانلىق قىلىش ئىقتىدارىنى كۈچلۈك چېنىقتۇرۇپ، جەڭ ماھارىتىنى ياخشى چېنىقتۇرۇپ، جەڭ ئىستىلىنى قاتتىق چېنىقتۇرۇپ، كۆتۈرەڭگۈ روھىي قىياپەت ۋە بىرىنچى ئورۇندا تۇرىدىغان ھەربىي مەشىق نەتىجە - ئۈنۈمى بىلەن پارتىيە 20 - قۇرۇلتىيىنىڭ غەلىبىلىك ئېچىلىشىنى كۈتۈۋېلىشى كېرەك.
مەنبە: خەلق تورى
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ