مۇھىم خەۋەرلەر

سۈرەتلىك خەۋەرلەر

 پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

  2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ 2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ

◀ ئاساسىي قاتلام ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ ۋاقتى نەگە كەتتى؟

شى جىنپىڭ رۇسىيە بىرلىككە كەلگەن رۇسىيە پارتىيەسى قۇرۇلغانلىقىنىڭ 20 يىللىقىغا تەبرىك خېتى ئەۋەتتى

2021.12.03 09:12 مەنبە: خەلق تورى

  12 ـ ئاينىڭ 1 ـ كۈنى، جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتىنىڭ باش شۇجىسى، دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ رۇسىيە بىرلىككە كەلگەن رۇسىيە پارتىيەسى قۇرۇلغانلىقىنىڭ 20 يىللىقىغا تەبرىك خېتى ئەۋەتتى.

  شى جىنپىڭ تەبرىك خېتىدە بىرلىككە كەلگەن رۇسىيە پارتىيەسى قۇرۇلغانلىقىنىڭ 20 يىللىقىنى سەمىمىي تەبرىكلەيدىغانلىقىنى بىلدۈردى. ئۇ مۇنداق دېدى: بىرلىككە كەلگەن رۇسىيە پارتىيەسى رۇسىيەدىكى مۇھىم سىياسىي كۈچ بولۇش سۈپىتى بىلەن، رۇسىيە خەلقىنى ئىتتىپاقلاشتۇرۇش ۋە يېتەكلەشكە پائال كۈچ چىقىرىپ، زۇڭتۇڭ پۇتىن بېكىتكەن ئىستراتېگىيەلىك فاڭجېننى ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، دۆلەت ئىچى سىياسىتىنىڭ مۇقىم بولۇشى، ئىقتىسادنىڭ راۋاجلىنىشى، خەلق تۇرمۇشىنىڭ ياخشىلىنىشى، خەلقئارادىكى ئورنىنىڭ يۇقىرى كۆتۈرۈلۈشىنى ئىشقا ئاشۇرۇشقا تۈرتكە بولۇپ، رۇسىيە جەمئىيىتىنىڭ كەڭ كۆلەمدە قوللىشىغا ئېرىشتى.

  شى جىنپىڭ مۇنۇلارنى كۆرسەتتى: بۇ يىل جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى بىلەن بىرلىككە كەلگەن رۇسىيە پارتىيەسى مۇناسىۋەت ئورناتقانلىقىنىڭ 20 يىللىقى. 20 يىلدىن بۇيان، ئىككى پارتىيەنىڭ مۇناسىۋىتى ئۈزلۈكسىز ئىلگىرىلەپ تەرەققىي قىلدى، ئىككى دۆلەت باشلىقلىرى ھاسىل قىلغان مۇھىم ئورتاق تونۇشنى ئەمەلىيلەشتۈرۈش، جۇڭگو ـ رۇسىيەنىڭ سىياسىي ۋە ئىستراتېگىيە جەھەتتىكى ئۆزئارا ئىشىنىشىنى مۇستەھكەملەش، ئىككى دۆلەتنىڭ ھەر تەرەپلىمە ئۆزئارا مەنپەئەت يەتكۈزۈش ھەمكارلىقىنى ئىلگىرى سۈرۈش، ئىككى دۆلەتنىڭ ئىستراتېگىيەلىك ھەمكارلىشىشىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇشىدا ئۆزگىچە رولىنى جارى قىلدۇردى.

  شى جىنپىڭ مۇنداق بىلدۈردى: جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى بىرلىككە كەلگەن رۇسىيە پارتىيەسى بىلەن بولغان دوستلۇقنى قەدىرلەيدۇ، ئىككى پارتىيەنىڭ مېخانىزملاشقان ئالماشتۇرۇش ـ ھەمكارلىقنى داۋاملىق كۈچەيتىپ، يېڭى دەۋردىكى جۇڭگو ـ رۇسىيە مۇناسىۋىتىنىڭ تېخىمۇ يۇقىرى سەۋىيەگە قەدەم قويۇشىنى ئىلگىرى سۈرۈش، ئىنسانىيەت تەقدىرى ئورتاق گەۋدىسى بەرپا قىلىشقا تۈرتكە بولۇش ئۈچۈن ئەقىل ـ پاراسىتى ۋە كۈچىنى قوشۇشىنى ئۈمىد قىلىمەن.

  مەنبە: خەلق تورى
مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ