مۇھىم خەۋەرلەر

ئۆز خەۋىرىمىز

سۈرەتلىك خەۋەرلەر

 پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

  2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ 2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ

◀ ئاساسىي قاتلام ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ ۋاقتى نەگە كەتتى؟

لى كېچياڭ دۆلەت ئېنېرگىيە كومىتېتى يىغىنىنى رىياسەتچىلىك قىلىپ ئاچقاندا مۇنداق تەكىتلىدى

ئېنېرگىيە بىلەن مۇقىم تەمىنلەپ ۋە بىخەتەرلىككە كاپالەتلىك قىلىپ، يېشىل تەرەققىياتنىڭ تىرەكلىك ئىقتىدارىنى كۈچەيتىش كېرەك

خەن جېڭ قاتناشتى

2021.10.13 11:18 مەنبە: خەلق تورى

  10-ئاينىڭ 9-كۈنى، جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بىيۇروسى دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى، گوۋۇيۈەننىڭ زۇڭلىسى، دۆلەت ئېنېرگىيە كومىتېتىنىڭ مۇدىرى لى كېچياڭ دۆلەت ئېنېرگىيە كومىتېتىنىڭ يىغىنىنى رىياسەتچىلىك قىلىپ ئاچتى، يىغىندا، ئېنېرگىيە ئىسلاھاتى ۋە تەرەققىياتى خىزمىتى ئورۇنلاشتۇرما قىلىندى، «14-بەش يىل»لىق زامانىۋى ئېنېرگىيە سىستېمىسى يىرىك پىلانى، ئېنېرگىيەنىڭ كاربون قويۇپ بېرىش چوققا قىممىتىنى تۆۋەنلىتىشنى يولغا قويۇش لايىھەسى، ئېنېرگىيەسىستېمىسىدا يېشىل، تۆۋەن كاربونلۇق تىپ ئۆزگەرتىش تۈزۈلمە-مېخانىزمى ۋە سىياسەت-تەدبىرلىرىنى مۇكەممەللەشتۈرۈش توغرىسىدىكى پىكىر قاتارلىقلار قاراپ چىقىلدى.

  جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بىيۇروسى دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى، گوۋۇيۈەننىڭ مۇئاۋىن زۇڭلىسى، دۆلەت ئېنېرگىيە كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن مۇدىرى خەن جېڭ قاتناشتى.

  يىغىندا، تەرەققىيات ۋە ئىسلاھات كومىتېتى، دۆلەت ئېنېرگىيە ئىدارىسىنىڭ دوكلاتى ئاڭلاپ ئۆتۈلدى. لى كېچياڭ مۇنداق دېدى: ئېنېرگىيە ئىقتىسادىي، ئىجتىمائىي تەرەققىيات ئومۇمىيىتىگە مۇناسىۋەتلىك چوڭ ئىش. «13-بەش يىل» مەزگىلىدە، يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ كۈچلۈك رەھبەرلىكىدە، ھەرقايسى تەرەپلەرنىڭ ئورتاق تىرىشىشى بىلەن دۆلىتىمىز ئېنېرگىيە تەرەققىياتى، قۇرۇلمىسىنى ئەلالاشتۇرۇش، يۇقىرى ئۈنۈملۈك، پاكىز پايدىلىنىش قاتارلىقلاردا كۆرۈنەرلىك نەتىجە-ئۈنۈمنى قولغا كەلتۈردى. ھازىر، خەلقئارا مۇھىت ۋە يەر شارى ئېنېرگىيە ئەندىزىسى، سىستېمىسىدا چوڭقۇر ئۆزگىرىش يۈزبېرىپ، دۆلىتىمىزنىڭ ئېنېرگىيە تەرەققىياتى ۋە بىخەتەرلىك كاپالىتى يېڭى خىرىسقا دۇچ كەلمەكتە. شى جىنپىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسىنى يېتەكچى قىلىشتا چىڭ تۇرۇپ، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى، گوۋۇيۈەننىڭ ئورۇنلاشتۇرمىلىرىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، مەۋقەنى يېڭى تەرەققىيات باسقۇچىغا قويۇش، يېڭى تەرەققىيات ئىدىيەسىنى ئىزچىللاشتۇرۇش، يېڭى تەرەققىيات ئەندىزىسى بەرپا قىلىش، يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتقا تۈرتكە بولۇش تەلىپى بويىچە دۆلەت ئەھۋالى ئەمەلىيىتىنى چىقىش قىلىپ، تەرەققىيات بىلەن بۇلغىمىنى ئازايتىشنىڭ، ھازىر بىلەن كەلگۈسىنىڭ مۇناسىۋىتىنى ياخشى بىر تەرەپ قىلىپ، ئېشىشنى مۇقىملاشتۇرۇش بىلەن قۇرۇلمىنى تەڭشەشنى بىرتۇتاش پىلانلاپ، ئېنېرگىيە ساھەسىنى بازارلاشتۇرۇش ئىسلاھاتىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، ئېنېرگىيەدە يېشىل، تۆۋەن كاربونلۇق تىپ ئۆزگەرتىشكە تۈرتكە بولۇپ، ئېنېرگىيەنىڭ بىخەتەرلىك كاپالىتى ئىقتىدارىنى ئۆستۈرۈپ، زامانىۋىلاشتۇرۇش قۇرۇلۇشىنى كۈچلۈك كاپالەتكە ئىگە قىلىش كېرەك.

  لى كېچياڭ مۇنۇلارنى كۆرسەتتى: ئېنېرگىيە بىخەتەرلىكى تەرەققىيات بىخەتەرلىكى، دۆلەت بىخەتەرلىكىگە مۇناسىۋەتلىك. دۆلىتىمىز يەنىلا تەرەققىي قىلىۋاتقان دۆلەت، تەرەققىيات بارلىق مەسىلىلەرنى ھەل قىلىشتىكى ئاساس ۋە ئاچقۇچ. ھازىرقى باسقۇچتا سانائەتلەشتۈرۈش، شەھەر-بازارلاشتۇرۇش چوڭقۇر ئالغا سىلجىتىلىۋاتقان بولۇپ، ئېنېرگىيە ئېھتىياجىنىڭ داۋاملىق ئېشىشىدىن ساقلانغىلى بولمايدۇ، تەمىنات قىس بولۇش ئېنېرگىيە بىخەتەرلىكىدىكى ئەڭ چوڭ ئىش، جەزمەن بىخەتەرلىككە كاپالەتلىك قىلىش ئالدىنقى شەرتىدە زامانىۋى ئېنېرگىيە سىستېمىسى بەرپا قىلىپ، ئېنېرگىيە بىلەن ئۆز ئالدىغا تەمىنلەش ئىقتىدارىنى كۈچەپ ئۆستۈرۈش كېرەك. كۆمۈر ئاساس قىلىنغان ئېنېرگىيە بايلىق مەنبەسىگە قارىتا كۆمۈر ئىشلەپچىقىرىش ئىقتىدارى ئورۇنلاشتۇرۇلۇشىنى ئەلالاشتۇرۇپ، تەرەققىيات ئېھتىياجىغا ئاساسەن ئىلغار كۆمۈر ئېنېرگىيەسى بەرپا قىلىپ، قالاق كۆمۈر ئېنېرگىيەلىرىنى داۋاملىق تەرتىپلىك شاللاش كېرەك. دۆلەت ئىچىدىكى نېفىت-تەبىئىي گازنى قىدىرىپ تەكشۈرۈپ ئېچىشنى زورايتىپ، سىلانېتس گازى، كۆمۈر گازىنى پائال راۋاجلاندۇرۇپ، خەلقئارا نېفىت-تەبىئىي گاز ھەمكارلىقىنى كۆپ مەنبەلىك قانات يايدۇرۇش كېرەك. كۆمۈر، گاز، ماي زاپاس ساقلاش ئىقتىدار قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىپ، ئىلغار ئېنېرگىيە ساقلاش تېخنىكىسىنى كۆلەملەشتۈرۈپ قوللىنىشنى ئالغا سىلجىتىپ، ئېنېرگىيە بىخەتەرلىكى تەمىناتىنىڭ سۇغۇرتا قوراللىرىنى ئۈزلۈكسىز بېيىتىش كېرەك.

  لى كېچياڭ مۇنداق دېدى: كاربون قويۇپ بېرىشنى چوققا قىممەتتىن تۆۋەنلىتىش، كاربوننى نېيتراللاشتۇرۇشنى ئىشقا ئاشۇرۇش دۆلىتىمىز ئىقتىسادىنىڭ تىپىنى ئۆزگەرتىپ، دەرىجىسىنى ئۆستۈرۈشىنىڭ تەلىپى، شۇنداقلا كىلىمات ئۆزگىرىشىگە ئورتاق تاقابىل تۇرۇشنىڭ ئېھتىياجى. «قوش كاربون» نىشانىنى ئىشقا ئاشۇرۇشنى ئىلمىي، تەرتىپلىك ئالغا سىلجىتىشتا جەزمەن ئۇزاق مۇددەت جاپالىق تىرىشىش كېرەك. يېقىنقى مەزگىلدىكى ئېلېكتىر كۈچى، كۆمۈر بىلەن تەمىنلەش ۋە ئېھتىياج ئوتتۇرىسىدىكى زىددىيەتكە تاقابىل تۇرۇش ئەھۋالىغا بىرلەشتۈرۈپ، چوڭقۇر ھېسابلاپ دەلىللەپ، كاربون قويۇپ بېرىشنى چوققا قىممەتتىن تۆۋەنلىتىشنى باسقۇچقا بۆلۈشنىڭ ۋاقىت جەدۋىلى، لىنىيە خەرىتىسىنى تەتقىق قىلىپ ئوتتۇرىغا قويۇش كېرەك. جايلاردىكى ھەرقايسى ئالاقىدار تەرەپلەر ئاۋۋال تۇرغۇزۇپ ئاندىن قالدۇرۇشتا چىڭ تۇرۇپ، پۈتۈن مەملىكەت بىر تاختا شاھمات بولۇشتا چىڭ تۇرۇپ، ئالدىغا ئۆتۈۋالماسلىقى كېرەك. ئەمەلىيەتنى چىقىش قىلىپ، بەزى جايلارنىڭ «بىر پىچاقتا كېسىش» شەكىللىك توك ئىشلەپچىقىرىشىغا چەك قويۇش ياكى ھەرىكەت شەكلىدىكى «كاربون ئازايتىش»ىنى تۈزىتىپ، شىمالدىكى ئاممىنىڭ قىشتىن ئىسسىق، بىخەتەر ئۆتۈشىگە ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىپ، كەسىپ زەنجىرى، تەمىنات زەنجىرىنىڭ مۇقىملىقى ۋە ئىقتىسادنىڭ سىجىل، تەكشى تەرەققىياتىغا كاپالەتلىك قىلىش كېرەك. كۆمۈردىن پاكىز پايدىلىنىشقا زور كۈچ بىلەن تۈرتكە بولۇپ، پاكىز ئېنېرگىيە نىسبىتىنى ئۆستۈرۈپ، نۇقتىلىق ساھەلەرنى ئېنېرگىيە تېجەش، بۇلغىما ئازايتىش بويىچە ئۆزگەرتىشنى چوڭقۇر ئالغا سىلجىتىپ، پۈتۈن جەمئىيەتتە ئېنېرگىيەدىن تېجەشلىك پايدىلىنىشنى تەشەببۇس قىلىپ، يېشىل تەرەققىيات ئىقتىدارىنى ئۈزلۈكسىز ئۆستۈرۈش كېرەك.

  لى كېچياڭ مۇنۇلارنى كۆرسەتتى: يېڭىلىق يارىتىش ئېنېرگىيەنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىدىكى مۇھىم ھەرىكەتلەندۈرگۈچ كۈچ. ئېنېرگىيە ساھەسىدىكى ئاچقۇچلۇق، يادرولۇق تېخنىكا ۋە ئەسۋابلاردا ئۆتكەلگە ھۇجۇم قىلىشنى تېزلىتىپ، يېشىل، تۆۋەن كاربونلۇق ئالدىنقى قاتاردىكى تېخنىكا تەتقىقاتىنى كۈچەيتىش كېرەك. ئېلېكتىر تورىنىڭ ئەقلىي ئىقتىدارلىشىش سەۋىيەسىنى ئۆستۈرۈپ، يېڭى ئېنېرگىيە ئىشلىتىش ۋە بىخەتەر يۈرۈشتۈرۈش ئىقتىدارىنى ئۆستۈرۈش كېرەك. توك باھاسىنىپەلەمپەيسىمان قىلىپ مۇكەممەللەشتۈرۈپ، توك يەتكۈزۈش-تەقسىملەش قاتارلىق نۇقتىلىق ساھەلەرنىڭ ئىسلاھاتىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، بازار مېخانىزمىغا تېخىمۇ كۆپ تايىنىپ ئېنېرگىيە تېجەش، بۇلغىما ئازايتىش، كاربون قويۇپ بېرىشنى تۆۋەنلىتىشنى ئىلگىرى سۈرۈپ، ئېنېرگىيە مۇلازىمىتى سەۋىيەسىنى ئۆستۈرۈش كېرەك.

  سۈن چۈنلەن، خۇ چۈنخۇا، ليۇ خې، ۋاڭ يۇڭ، ۋاڭ يى، شياۋ جيې، خې لىفېڭ ۋە ئالاقىدار ئورۇنلار، قىسمەن كارخانىلارنىڭ مەسئۇللىرى يىغىنغا قاتناشتى.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى
مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ