مۇھىم خەۋەرلەر

سۈرەتلىك خەۋەرلەر

 پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

  2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ 2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ

◀ ئاساسىي قاتلام ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ ۋاقتى نەگە كەتتى؟

لى كېچياڭ 2021- يىللىق جۇڭگو ماركىسى كۈنى پائالىيىتىگە مۇھىم تەستىقىي يوليورۇق بېرىپ مۇنداق تەكىتلىدى:

مەھسۇلات ۋە مۇلازىمەتنىڭ سۈپىتى ۋە ئۇنىۋېرسال رىقابەت كۈچىنى تىرىشىپ ئۆستۈرۈپ، تېخىمۇ كۆپ جۇڭگو ماركىلىرىنى ئىچكى-تاشقى بازارنىڭ ئىشەنچلىك تاللىشىغا ئايلاندۇرۇش كېرەك

2021.05.11 13:17 مەنبە: خەلق تورى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 11 - ماي بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: 5 - ئاينىڭ 10- كۈنى، 2021- يىللىق جۇڭگو ماركىسىكۈنى پائالىيىتى شاڭخەيدە باشلاندى. ج ك پمەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بىيۇروسى دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى، گوۋۇيۈەن زۇڭلىسى لى كېچياڭ پائالىيەتكە مۇھىم تەستىقى ييوليورۇق بەردى. تەستىقى ييوليورۇقتا مۇنۇلار كۆرسىتىلدى: ماركا قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىپ، دۆلىتىمىزنىڭ ماركا تەسىر كۈچى ۋە رىقابەت كۈچىنى ئاشۇرۇش بولسا، تەمىنلەشنى ئەلالاشتۇرۇش، ئېھتىياجنى ئاشۇرۇش، يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتقا تۈرتكە بولۇشتىكى مۇھىم تەدبىر. جايلار، ئالاقىدار تارماقلار شى جىنپىڭنىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسىنى يېتەكچى قىلىشتا چىڭ تۇرۇپ، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى ۋە گوۋۇيۈەننىڭ تەدبىر ۋە ئورۇنلاشتۇرمىلىرىنى ئەستايىدىل ئىزچىللاشتۇرۇپ، سۈپەتنى بىرىنچى ئورۇنغا قويۇشتا چىڭ تۇرۇپ، پۈتۈن جەمئىيەتنىڭ ماركا ئېڭىنى مۇستەھكەم تۇرغۇزۇشىغا تۈرتكە بولۇپ، كارخانىلارنى كەسپىي روھى ۋە ھۈنەرۋەن روھىدا چىڭ تۇرۇشقا يېتەكلەپ، ئوچۇق بازاردا ئادىل رىقابەتلىشىشكە جۈرئەت قىلىش جاسارىتى ۋە ئىقتىدارىنى ئۆستۈرۈپ، بازارنىڭ بولۇپمۇ ئىستېمالچىلارنىڭ ئېھتىياجىنى چۆرىدەپ، مەۋقەنى يېڭىلىق يارىتىش ۋە يېڭىلىققا ئىنتىلىشكە قويۇپ، ئىشىكنى سىرتقا ئېچىۋېتىش دائىرىسىنى كېڭەيتىپ، خەلقئارا ئادىل رىقابەتكە پائال قاتنىشىپ، داڭلىق ماركا يارىتىپ، مەھسۇلات ۋە مۇلازىمەتنىڭ سۈپىتى ۋە ئۇنىۋېرسال رىقابەت كۈچىنى تىرىشىپ ئۆستۈرۈپ، تېخىمۇ كۆپ جۇڭگو ماركىلىرىنىڭ دۆلەت ئىچى-سىرتىدىكى بازارلارنىڭ ئىشىنىشكە ئەرزىيدىغان تاللاشقا ئايلاندۇرۇش كېرەك.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: موللانىياز تۇنىياز

  مەنبە: خەلق تورى
مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ