شى جىنپىڭ لىنجېڭ يۆئېنىڭ خىزمىتىدىن بەرگەن دوكلاتىنى ئاڭلىدى

خەن جېڭ قاتناشتى

2021.01.28 18:14 مەنبە: خەلق تورى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 28-يانۋار بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ 1-ئاينىڭ 27-كۈنى چۈشتىن كېيىن بېيجىڭدا سىنلىق ئۇلاش ئۇسۇلى ئارقىلىق، شياڭگاڭ ئالاھىدە مەمۇرىي رايونىنىڭ باش مەمۇرى لىنجېڭ يۆئېنىڭ 2020-يىللىق خىزمىتىدىن بەرگەن دوكلاتىنى ئاڭلىدى. لىنجېڭ يۆئې شياڭگاڭ ئالاھىدە مەمۇرىي رايونلۇق ھۆكۈمەتنىڭ ئۆتكەن بىر يىللىق خىزمىتى ۋە يېڭى تىپتىكى تاجسىمان ۋىرۇسلۇق ئۆپكە ياللۇغى يۇقۇمىنىڭ ئالدىنى ئېلىش-تىزگىنلەش قاتارلىق ئەھۋاللارنى دوكلات قىلدى.

  شى جىنپىڭ مۇنداق دېدى: يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش-تىزگىنلەشنىڭ ئېھتىياجىدىن، بۇ قېتىم سىنلىق ئۇلاش ئۇسۇلى ئارقىلىق سىزنىڭ 2020-يىللىق خىزمىتىڭىزدىن بەرگەن دوكلاتىڭىزنى ئاڭلىدىم. مەن ئالدى بىلەن شياڭگاڭ ئالاھىدە مەمۇرىي رايونىدىكى بارلىق ئاھالىلەردىن سەمىمىي ھال سورايمەن. يېڭى تىپتىكى تاجسىمان ۋىرۇسلۇق ئۆپكە ياللۇغى يۇقۇمىنىڭ تارقالغىنىغا بىر يىلدىن ئېشىپ، دۇنياغا ئېغىر زەربە بولدى. شياڭگاڭ يۈكسەك دەرىجىدە ئېچىۋېتىلگەن خەلقئارالىق شەھەر بولۇش سۈپىتى بىلەن، خېلى زور تەسىرگە ئۇچرىدى. ئالدىنقى بىر مەزگىلدە، شياڭگاڭدا تۆتىنچى نۆۋەت يۇقۇم پەيدا بولۇپ، شەھەر ئاھالىلىرىنىڭ ھاياتىي بىخەتەرلىكى ۋە تەن سالامەتلىكىگە بىر قەدەر زور تەھدىت سالدى شۇنداقلا كۆپچىلىكنىڭ خىزمەت، تۇرمۇشىغا نۇرغۇن قىيىنچىلىق تۇغدۇردى. مەن بۇنىڭغا بەك كۆڭۈل بۆلدۈم ھەم بەك ئەنسىرىدىم. مەركىزىي ھۆكۈمەت بارلىق زۆرۈر تەدبىرلەرنى قوللىنىپ، شياڭگاڭ ئالاھىدە مەمۇرىي رايونىنىڭ يۇقۇمغا تاقابىل تۇرۇشىنى پۈتۈن كۈچى بىلەن قوللايدۇ. كۆپچىلىك ئىشەنچنى چىڭىتىپ، ئىتتىپاقلىشىپ يۇقۇمغا تاقابىل تۇرۇشى كېرەك. ۋەتەن مەڭگۈ شياڭگاڭنىڭ كۈچلۈك ئارقا تىرىكى، بىز كۆز ئالدىمىزدىكى قىيىنچىلىق ئۈستىدىن چوقۇم غالىب كېلىمىز.

  شى جىنپىڭ مۇنۇلارنى بىلدۈردى: بىر يىلدىن بۇيان، سىز ۋە ئالاھىدە مەمۇرىي رايونلۇق ھۆكۈمەت «نىزامغا تۈزىتىش كىرگۈزۈش دولقۇنى»، يېڭى تىپتىكى تاجسىمان ۋىرۇسلۇق ئۆپكە ياللۇغى يۇقۇمى ۋە تاشقى مۇھىتنىڭ پايدىسىز ئۆزگىرىشى ئېلىپ كەلگەن كۆپ خىل ئېغىر زەربىگە سالماقلىق بىلەن تاقابىل تۇرۇپ، تۈرلۈك ئاماللار بىلەن تەرتىپنى قوغداپ، يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىپ ۋە تىزگىنلەپ، خەلقنىڭ قىيىنچىلىقىنى ھەل قىلىپ، ئىقتىسادنى ئەسلىگە كەلتۈرۈشتە بەلگىلىك ئۈنۈم ھاسىل قىلدىڭلار. ئالاھىدە كۆرسىتىپ ئۆتۈشكە تېگىشلىكى شۇكى، مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتى شياڭگاڭ دۆلەت خەۋپسىزلىكىنى قوغداش قانۇنىنى تۈزۈپ ئېلان قىلغاندىن كېيىن، سىز ئالاھىدە مەمۇرىي رايونلۇق ھۆكۈمىتىنى باشلاپ قەتئىي ئىجرا قىلىپ، زوراۋانلىق، قالايمىقانچىلىقنى قانۇن بويىچە توسۇپ، شياڭگاڭنىڭ قايتىدىن نورمال ھالەتكە قايتىپ كېلىشىگە تىرىشىپ تۈرتكە بولدىڭىز. دۆلەت خەۋپسىزلىكى قاتارلىق چوڭ ھەق، چوڭ ناھەق مەسىلىلىرىدە مەيدانىڭىز مۇستەھكەم بولۇپ، مەسئۇلىيەتنى دادىل زىممىڭىزگە ئېلىپ، ۋەتەننى سۆيۈش، شياڭگاڭنى سۆيۈش ھېسسىياتىڭىز ۋە دۆلەتكە، شياڭگاڭغا يۈكسەك مەسئۇل بولۇش روھىڭىزنى نامايان قىلدىڭىز. مەركەز سىز ۋە ئالاھىدە مەمۇرىي رايونلۇق ھۆكۈمەتنىڭ مەسئۇلىيىتىنى تولۇق ئادا قىلىشتىكى ئىپادەڭلەرنى تولۇق مۇئەييەنلەشتۈرىدۇ.

  شى جىنپىڭ مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: شياڭگاڭنىڭ قالايمىقانچىلىقنى تۈزەشتىكى مۇھىم بۇرۇلۇش نۇقتىسى __ «بىر دۆلەتتە ئىككى تۈزۈم بولۇش» ئەمەلىيىتىنىڭ پۇختا قەدەم بىلەن يىراققا يۈرۈش قىلىشىغا كاپالەتلىك قىلىش ئۈچۈن «شياڭگاڭنى ۋەتەنپەرۋەرلەر ئىدارە قىلىش»تا چوقۇم باشتىن-ئاخىر چىڭ تۇرۇش شەرت، دېگەن چوڭقۇر قائىدىنى يەنە بىر قېتىم نامايان قىلدى. بۇ، دۆلەتنىڭ ئىگىلىك ھوقۇقى، خەۋپسىزلىكى، تەرەققىيات مەنپەئەتىگە، شياڭگاڭنىڭ ئۇزاق مۇددەتلىك گۈللىنىشى، مۇقىملىقىغا مۇناسىۋەتلىك تۈپ پىرىنسىپ. «شياڭگاڭنى ۋەتەنپەرۋەرلەر ئىدارە قىلىش»نى ئىشقا ئاشۇرغاندىلا، مەركەز ئالاھىدە مەمۇرىي رايوننى ئومۇميۈزلۈك باشقۇرۇش، ئىدارە قىلىش ھوقۇقىنى ئۈنۈملۈك ئەمەلىيلەشتۈرەلەيدۇ، ئاساسىي قانۇن ۋە نېگىزلىك قانۇندا بېكىتىلگەن ئاساسىي قانۇنلۇق تۈزۈم تەرتىپىنى ئۈنۈملۈك قوغدىيالايدۇ، تۈرلۈك چوڭقۇر قاتلاملىق مەسىلىلەرنى ئۈنۈملۈك ھەل قىلالايدۇ، شياڭگاڭ ئەبەدىي ئەمىنلىكنى ئىشقا ئاشۇرالايدۇ ھەم جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئۇلۇغ گۈللىنىشىنى ئىشقا ئاشۇرۇشقا تېگىشلىك تۆھپە قوشالايدۇ.

  شى جىنپىڭ يەنە لىنجېڭ يۆئې ئارقىلىق ئامېرىكىنىڭ يولسىز جازاسىغا ئۇچرىغان شياڭگاڭ ئالاھىدە مەمۇرىي رايونلۇق ھۆكۈمەتنىڭ ئالاقىدار ئەمەلدارلىرىدىن سەمىمىي ھال سورىدى.

  لىنجېڭ يۆئې مۇنۇلارنى بىلدۈردى: مەركەزنىڭ شياڭگاڭغا كۆڭۈل بۆلگەنلىكى ۋە قوللىغانلىقىغا چىن كۆڭلۈمدىن رەھمەت ئېيتىمەن. مەن ئالاھىدە مەمۇرىي رايوننى باشقۇرۇش كوللېكتىپىنى يېتەكلەپ، پۈتۈن كۈچۈم بىلەن ھەسسىلەپ تىرىشىپ ئىشلەپ، قورقماستىن قىيىنچىلىقلارنى يېڭىپ، شياڭگاڭنى قايتىدىن سەپەرگە ئاتلاندۇرۇپ، ئالغا قاراپ ئىلگىرىلىشىگە تۈرتكە بولىمەن.

  خەن جېڭ، دىڭ شۆشياڭ، گو شېڭكۈن، يوۋ چۈەن، شيا باۋلۇڭ قاتارلىقلار يۇقىرىقى پائالىيەتكە قاتناشتى.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ