مۇھىم خەۋەرلەر

سۈرەتلىك خەۋەرلەر

 پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

  2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ 2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ

◀ ئاساسىي قاتلام ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ ۋاقتى نەگە كەتتى؟

شى جىنپىڭ بېلارۇسىيە زۇڭتۇڭى لۇكاشېنكو بىلەن تېلېفونلاشتى

2021.01.27 18:27 مەنبە: خەلق تورى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 27-يانۋار بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ 1-ئاينىڭ 26-كۈنى كەچتە بېلارۇسىيە زۇڭتۇڭى لۇكاشېنكو بىلەن تېلېفونلاشتى.

  شى جىنپىڭ مۇنداق دەپ كۆرسەتتى: جۇڭگو بىلەن بېلارۇسىيە دىپلوماتىك مۇناسىۋەت ئورناتقاندىن بۇيان، ئىككى تەرەپنىڭ مۇناسىۋىتى ئۈزلۈكسىز راۋاجلاندى. يېڭى تىپتىكى تاجسىمان ۋىرۇسلۇق ئۆپكە ياللۇغى يۇقۇمى يەر شارىدا كەڭ تارقالغان ئەھۋالدا، ئىككى تەرەپ يۇقۇمغا تاقابىل تۇرۇشتا قويۇق ھەمكارلىقنى قانات يايدۇردى، ھەر قايسى ساھەلەردىكى ئەمەلىي ھەمكارلىقتا مۇقىملىق ئاساسىدا ئىلگىرىلەش ياخشى ۋەزىيىتىنى ساقلىدى. بۇ يىل − جۇڭگو «14-بەش يىل»لىق پىلاننى يولغا قويۇشنىڭ باشلىنىش يىلى، جۇڭگو يېڭى تەرەققىيات ئەندىزىسىنى بەرپا قىلىپ، تېخىمۇ يۇقىرى باشلانمىدا ئىسلاھات، ئېچىۋېتىشنى ئىلگىرى سۈرۈپ، بېلارۇسىيەنى ئۆز ئىچىگە ئالغان دۇنيادىكى ھەر قايسى دۆلەتلەرنى تېخىمۇ كۆپ تەرەققىيات پۇرسىتى بىلەن تەمىنلەپ، تېخىمۇ كەڭ ھەمكارلىق بوشلۇقى ئاچىدۇ. ئىككى تەرەپ «بىر بەلباغ، بىر يول»نى تەڭ قۇرۇش ھەمكارلىقىنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىغا تۈرتكە بولۇپ، جۇڭگو-بېلارۇسىيە سانائەت باغچىسى قۇرۇلۇشىنى پۇختا ئىلگىرى سۈرۈپ، يۇقۇمغا تاقابىل تۇرۇش، ئىقتىساد-سودا، مائارىپ، پەن-تېخنىكا، مەدەنىيەت، يەرلىك قاتارلىق ساھەلەردە تېخىمۇ كۆپ ھەمكارلىقنى قانات يايدۇرۇشى كېرەك. مەن ئىككى تەرەپ ئۆزئارا ئىشىنىش، ھەمكارلىشىپ تەڭ پايدا ئېلىش روھىدا چىڭ تۇرسىلا، جۇڭگو-بېلارۇسىيە ئومۇميۈزلۈك ئىستراتېگىيەلىك ھەمراھلىق مۇناسىۋىتىنىڭ چوقۇم تېخىمۇ زور تەرەققىياتقا ئېرىشىدىغانلىقىغا ئىشىنىمەن.

  شى جىنپىڭ مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: جۇڭگو بېلارۇسىيەنىڭ ئۆز دۆلىتىنىڭ ئەھۋالىغا ئۇيغۇن كېلىدىغان تەرەققىيات يولىدا مېڭىشىنى قوللايدۇ، بېلارۇسىيەنىڭ سىياسىي ۋەزىيىتىنىڭ مۇقىملىقى ۋە جەمئىيەتنىڭ تىنچ-ئامانلىقىنى ساقلىشىنى ئۈمىد قىلىدۇ، بېلارۇسىيەنىڭ ئىقتىساد، جەمئىيەت تەرەققىياتىغا چامىنىڭ يېتىشىچە ياردەم بېرىشنى خالايدۇ. ئىككى تەرەپ داۋاملىق ئۆزئارا قوللاپ، تەرەققىي قىلىۋاتقان دۆلەتلەرنىڭ ئورتاق مەنپەئەتى، خەلقئارا ئادىللىق، ھەققانىيەتنى قوغدىشى كېرەك.

  لۇكاشېنكو مۇنۇلارنى بىلدۈردى: مەن جۇڭگونىڭ يېڭى تىپتىكى تاجسىمان ۋىرۇسلۇق ئۆپكە ياللۇغى يۇقۇمىغا تاقابىل تۇرۇش، ئىش ۋە ئىشلەپچىقىرىشنى ئەسلىگە كەلتۈرۈش، نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش، ئاي شارىنى تەكشۈرۈش قۇرۇلۇشى جەھەتتە كۆرۈنەرلىك، زور مۇۋەپپەقىيەتلەرنى قولغا كەلتۈرگەنلىكىگە چىن كۆڭلۈمدىن قايىلمەن ھەم قىزغىن تەبرىكلەيمەن. جۇڭگونىڭ بېلارۇسىيەنىڭ يۇقۇمغا تاقابىل تۇرۇشى ۋە ئىقتىساد، جەمئىيەت تەرەققىياتىنى قىممەتلىك قوللىغانلىقىغا رەھمەت ئېيتىمەن. بېلارۇسىيە بىلەن جۇڭگو ئومۇميۈزلۈك ئىستراتېگىيەلىك ھەمراھلار، بېلارۇسىيە شياڭگاڭ، تەيۋەن، شىنجاڭ قاتارلىق جۇڭگونىڭ يادرولۇق مەنپەئەتىگە چېتىلىدىغان مەسىلىلەردە جۇڭگو بىلەن قەتئىي بىر سەپتە تۇرىدۇ، سىرتنىڭ بارلىق ئارىلىشىشىغا قەتئىي قارشى تۇرىدۇ. بېلارۇسىيە جۇڭگو بىلەن «بىر بەلباغ، بىر يول»نى بىرلىكتە قۇرۇش ۋە بېلارۇسىيە-جۇڭگو سانائەت باغچىسى قۇرۇلۇشىنى پائال ئىلگىرى سۈرۈپ، ئىقتىساد-سودا، يەرلىك قاتارلىق ھەر قايسى ساھەلەردىكى ھەمكارلىقنى كۈچەيتىشنى خالايدۇ. جۇڭگو خەلقىنىڭ چاغىنىنى مۇبارەكلەيمەن، گۈللىنىشى، ئامان-ئېسەن بولۇشىغا تىلەكداشمەن.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى
مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ