شى جىنپىڭ 19-نۆۋەتلىك مەركىزىي ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتېتىنىڭ 5-ئومۇمىي يىغىنىدا مۇھىم سۆز قىلىپ مۇنۇلارنى تەكىتلىدى

پارتىيەنى ئومۇميۈزلۈك قاتتىق ئىدارە قىلىشنىڭ يېتەكلەش، كاپالەتلەندۈرۈش رولىنى تولۇق جارى قىلدۇرۇپ، «14-بەش يىل» مەزگىلىدىكى نىشان-ۋەزىپىلەرنى تولۇق ئەمەلىيلەشتۈرۈشكە ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىش لازىم

لى كېچياڭ، لى جەنشۇ، ۋاڭ ياڭ، ۋاڭ خۇنىڭ، خەن جېڭ يىغىنغا قاتناشتى، جاۋ لېجى رىياسەتچىلىك قىلدى

2021.01.25 19:23 مەنبە: خەلق تورى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 25-يانۋار بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتىنىڭ باش شۇجىسى، دۆلەت رەئىسى، مەركىزىي ھەربىي كومىتېتىنىڭ رەئىسى شى جىنپىڭ 22-يانۋار چۈشتىن بۇرۇن جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى 19-نۆۋەتلىك مەركىزىي ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتېتىنىڭ 5-ئومۇمىي يىغىنىدا مۇھىم سۆز قىلدى. ئۇ مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: بۇ يىل 14-بەش يىللىق يىرىك پىلان يولغا قويۇلىدىغان، ئومۇميۈزلۈك سوتسىيالىستىك زامانىۋىلاشقان دۆلەت قۇرۇش يېڭى مۇساپىسى باشلىنىدىغان تۇنجى يىل، بارلىق خىزمەتلەرنى ئىشنى ياخشى باشلاش، قەدەمنى ياخشى ئېلىشنى چۆرىدەپ قانات يايدۇرۇش كېرەك. پارتىيەنى ئومۇميۈزلۈك قاتتىق ئىدارە قىلىش فاڭجېنىنى چوڭقۇر ئىزچىللاشتۇرۇپ، پارتىيەنى ئومۇميۈزلۈك قاتتىق ئىدارە قىلىشنىڭ يېتەكلەش، كاپالەتلەندۈرۈش رولىنى تولۇق جارى قىلدۇرۇپ، سىياسىي يۆنىلىشنى مۇستەھكەملەپ، سىياسىي ئىرادىنى ساقلاپ، پوزىتسىيەنى ئۆزگەرتمەسلىك، ئىرادىنى بوشاشتۇرماسلىق، ئۆلچەمنى بوشاشتۇرماسلىقنى ئىشقا ئاشۇرۇپ، «14-بەش يىل»دا ئېلىمىز تەرەققىياتىنىڭ نىشان-ۋەزىپىلىرىنى ھەقىقىي ئەمەلىيلەشتۈرۈشكە ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىش كېرەك.

  جۇڭگو كومپارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بىيۇروسى دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزالىرىدىن لى كېچياڭ، لى جەنشۇ، ۋاڭ ياڭ، ۋاڭ خۇنىڭ، خەن جېڭ يىغىنغا قاتناشتى. جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بىيۇروسى دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى، مەركىزىي ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتېتىنىڭ شۇجىسى جاۋ لېجى يىغىنغا رىياسەتچىلىك قىلدى.

  شى جىنپىڭ مۇنداق دەپ كۆرسەتتى: 2020-يىلى يېڭى جۇڭگو تارىخىدىكى ئىنتايىن ئالاھىدە بىر يىل بولدى. مۇرەككەپ خەلقئارا ۋەزىيەت، مۈشكۈل، ئېغىر ئىسلاھات، تەرەققىيات، مۇقىملىق ۋەزىپىسى، بولۇپمۇ تۇيۇقسىز پەيدا بولغان يېڭى تىپتىكى تاجسىمان ۋىرۇسلۇق ئۆپكە ياللۇغى يۇقۇمى ئالدىدا، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئۇلۇغ گۈللىنىش ئىستراتېگىيەسى ئومۇمىيىتى ۋە دۇنيادا 100 يىلدىن بۇيان كۆرۈلۈپ باقمىغان چوڭ ئۆزگىرىشنى بىر تۇتاش پىلانلاپ، پارتىيەنىڭ ئۆزى ئۈستىدە ئىنقىلاب قىلىشى ئارقىلىق ئۇلۇغ ئىجتىمائىي ئىنقىلابقا يېتەكچىلىك قىلىشتا چىڭ تۇرۇپ، قەتئىي تەۋرەنمەي پارتىيەنى ئومۇميۈزلۈك قاتتىق ئىدارە قىلىپ، پارتىيە ئىستىلى، پاكلىق قۇرۇلۇشى ۋە چىرىكلىككە قارشى تۇرۇش كۈرىشىنى قەتئىي تەۋرەنمەي ئىلگىرى سۈرۈپ، پارتىيەنى قەتئىي تەۋرەنمەي تېخىمۇ كۈچلۈك قىلىپ قۇرۇپ چىقتى. بىرىنچى، پارتىيە بايرىقىنى يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش-تىزگىنلەش كۈرىشى، ئومۇميۈزلۈك ھاللىق جەمئىيەت قۇرۇپ چىقىشتا ھەل قىلغۇچ غەلىبە قىلىش، نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىشتا ھەل قىلغۇچ جەڭ قىلىشتا جەۋلان قىلدۇردى، بارلىق خەلق ئاممىسى بوران-چاپقۇننىڭ ھۇجۇمىغا ئۇچرىغاندا، پارتىيەنىڭ كۈچلۈك رەھبەرلىكى، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ نوپۇزىنىڭ ئەڭ مۇستەھكەم يۆلەنچۈك ئىكەنلىكىنى چوڭقۇر ھېس قىلدى. ئىككىنچى، «ئىككىنى قوغداش»نى زىچ چۆرىدەپ، سىياسىي نازارەتچىلىكنى كۈچەيتىپ، پارتىيەنى ئومۇميۈزلۈك قاتتىق ئىدارە قىلىش تۈزۈمىنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، پارتىيە رەھبەرلىكى ۋە نازارەتچىلىكىنى كۈچەيتىپ، سىياسىي كۆزىتىشنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، پارتىيە ۋە دۆلەتنىڭ نازارەتچىلىك سىستېمىسىنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، پارتىيەنىڭ ئىنتىزام قۇرۇلۇشىنى ئومۇميۈزلۈك كۈچەيتىپ، «تۆت خىل ھالەت»نى قوللىنىشنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش-تىزگىنلەش ۋە ئىقتىساد، جەمئىيەت تەرەققىياتىنى بىر تۇتاش پىلانلاش، ئۈچ چوڭ ئۆتكەلگە ھۇجۇم قىلىش جېڭىنى ياخشى قىلىش، «ئالتىنى مۇقىملاشتۇرۇش» خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەش، «ئالتىگە كاپالەتلىك قىلىش» ۋەزىپىسىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈش قاتارلىق زور تەدبىر، ئورۇنلاشتۇرمىلارنى چۆرىدەپ نازارەت قىلىش، تەكشۈرۈشنى كۈچەيتتى. ئۈچىنچى، شەكىلۋازلىق، بىيۇروكراتلىقنى قەتئىي تۈگىتىپ، ئىستىل ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش ئارقىلىق نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىشنى ئىلگىرى سۈرۈپ، ئۆلچەمگە يېتىشنى تەكشۈرۈپ ئۆتكۈزۈۋېلىش جەريانىدىكى ساختىپەزلىك مەسىلىلىرىنى قاتتىق تەكشۈرۈپ بىر تەرەپ قىلىپ، ئاساسىي قاتلامنىڭ يۈكىنى يېنىكلىتىش خىزمىتىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ ۋە كېڭەيتىپ، راھەتپەرەسلىك، ئىسراپخورلۇق ناچار ئىستىلىنى داۋاملىق تۈزەپ، يېمەك-ئىچمەك ئىسراپچىلىق قىلمىشلىرىنى قەتئىي تۈزەتتى. تۆتىنچى، چىرىكلىككە قارشى تۇرۇش كۈرىشىنىڭ يېڭى ۋەزىيىتىنى چوڭقۇر ئىگىلەپ، چىرىكلىشىشكە جۈرئەت قىلالماسلىق، چىرىكلىشەلمەسلىك، چىرىكلىشىشنى ئويلىماسلىقنى بىرگەۋدىلەشتۈرۈپ ئىلگىرى سۈرۈپ، ئۆزىنى تارتمىغان، قولىنى يىغمىغان چىرىك ئۇنسۇرلارنى قەتئىي تەكشۈرۈپ بىر تەرەپ قىلىپ، دىققەتنى سىياسىي مەسىلە بىلەن ئىقتىسادىي مەسىلە گىرەلىشىپ كەتكەن چىرىكلىك دېلولىرىغا مەركەزلەشتۈرۈپ، پارتىيەگە سادىق بولمىغان، كۆرۈنۈشتە ئىتائەت قىلغان بولۇپ، ئاستىرتىن خىلاپلىق قىلىدىغان ئىككى يۈزلىمىچىلەرنى قاتتىق تەكشۈرۈپ بىر تەرەپ قىلىپ، سىياسىي-قانۇن سىستېمىسىدىكى چىرىكلىكنى قاتتىق جازالاپ، نامراتلارنى يۆلەش، خەلق تۇرمۇشى ساھەسىدىكى چىرىكلىك ۋە قارا جەمئىيەت، رەزىل كۈچلەرگە چېتىلىدىغان «مۇھاپىزەت كۈنلۈكى»نى ئاخىرغىچە تەكشۈردى. بەشىنچى، پارتىيە تەشكىلاتلىرىنىڭ سىياسىي ئىقتىدارى ۋە تەشكىلىي ئىقتىدارىنى كۈچەيتىپ، ئىدىيە، خىزمەت، ئىستىل، ئىنتىزامنى باشقۇرۇشتىن ئىبارەت قاتتىق باشقۇرۇش تۈزۈمىنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، كۈرەشنىڭ بىرىنچى سېپىدە كادىرلارنى تەكشۈرۈپ پەرقلەندۈرۈپ، ئالدىنقى سەپتە مۇنەۋۋەرلەرنى تەرەققىي قىلدۇرۇپ پارتىيەگە قوبۇل قىلدى. پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى پارتىيە ئىستىلى، پاكلىق قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىش ۋە چىرىكلىككە قارشى تۇرۇش كۈرىشىدە قولغا كەلتۈرۈلگەن نەتىجىلەردىن رازى.

  شى جىنپىڭ مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: پارتىيەنى ئومۇميۈزلۈك قاتتىق ئىدارە قىلىشتا ئالدى بىلەن سىياسىي جەھەتتىن قاراپ، سىياسىي ھۆكۈم قىلىش ئىقتىدارى، سىياسىي ئۆزلەشتۈرۈش ئىقتىدارى، سىياسىي ئىجرا قىلىش ئىقتىدارىنى ئۈزلۈكسىز ئۆستۈرۈش كېرەك. پارتىيە 18-قۇرۇلتىيىدىن بۇيان، پارتىيە ئىستىلى، پاكلىق قۇرۇلۇشى ۋە چىرىكلىككە قارشى تۇرۇش كۈرىشىدە تارىخىي مۇۋەپپەقىيەتلەر قولغا كەلتۈرۈلگەن بولسىمۇ، ئەمما ۋەزىيەت يەنىلا كەسكىن، مۇرەككەپ. شۇنى سەگەكلىك بىلەن كۆرۈش كېرەككى، چىرىكلىكتىن ئىبارەت پارتىيەنىڭ ھاكىمىيەت يۈرگۈزۈشىدىكى بۇ ئەڭ چوڭ خەۋپ-خەتەر يەنىلا مەۋجۇت، چىرىكلىك تېخى تەلتۆكۈس تۈگىتىلمىدى، يەنىلا يۈز بېرىپ تۇرۇۋاتىدۇ. سىياسىي مەسىلە بىلەن ئىقتىسادىي مەسىلە گىرەلىشىپ، پارتىيە ۋە دۆلەتنىڭ سىياسىي بىخەتەرلىكىگە تەھدىت سالماقتا. ئەنئەنىۋى چىرىكلىك بىلەن يېڭىچە چىرىكلىك گىرەلىشىپ، چىرىكلىك قىلمىشلىرى تېخىمۇ يوشۇرۇن ۋە مۇرەككەپ بولماقتا. چىرىكلىك مەسىلىسى بىلەن ناتوغرا ئىستىل گىرەلىشىپ، «تۆت ناتوغرا ئىستىل» چىرىكلىكنىڭ ئەۋج ئېلىشىدىكى بۆشۈككە ئايلانماقتا. چىرىكلىك ۋە چىرىكلىككە قارشى تۇرۇش كۈرىشى ئۇزاققىچە مەۋجۇت بولۇپ تۇرىدۇ، سەللا بوشاڭلىق قىلساق، قىلغان ئەجرىمىز بىكارغا كېتىشى مۇمكىن، چىرىكلىككە قارشى تۇرۇشتا تاللاش يولى يوق، قىيىنچىلىقتىن قورقماي ئالغا ئىلگىرىلەش كېرەك.

  شى جىنپىڭ مۇنداق دەپ كۆرسەتتى: پارتىيە ئىستىلى، پاكلىق قۇرۇلۇشى مەڭگۈ داۋاملىشىدۇ، چىرىكلىككە قارشى تۇرۇش كۈرىشى مەڭگۈ داۋاملىشىدۇ. پارتىيەمىز 100 يىللىق چوڭ پارتىيە بولۇش سۈپىتى بىلەن ئىلغارلىقى ۋە ساپلىقىنى، ھاياتىي كۈچىنى مەڭگۈ ساقلاش ئۈچۈن پارتىيە ئىستىلى، پاكلىق قۇرۇلۇشى ۋە چىرىكلىككە قارشى تۇرۇش كۈرىشىنى بىر مىنۇتمۇ توختاتماي ئىلگىرى سۈرۈشى كېرەك. ھەر دەرىجىلىك رەھبىرىي كادىرلار، بولۇپمۇ ئاساسلىق مەسئۇل يولداشلار جەزمەن پارتىيەنى باشقۇرۇش، پارتىيەنى ئىدارە قىلىش سىياسىي مەسئۇلىيىتىنى ھەقىقىي زىممىسىگە ئېلىپ، باشتىن-ئاخىر سەگەك بولۇپ، «چىرىتىش»، «ئوۋلىنىپ قېلىش»قا بولغان ھوشيارلىقىنى ساقلاپ، قاتتىق بولۇش ئاساسىي رىتىمىنى ئۇزاققىچە داۋاملاشتۇرۇپ، سىستېمىلىق ئىدارە قىلىش، ھادىسىدىنمۇ، ماھىيەتتىنمۇ تۈزەش ئىدىيەسى ئارقىلىق ئىستىلنى توغرىلاپ، ئىنتىزامنى چىڭىتىپ، چىرىكلىككە قارشى تۇرۇپ، پارتىيەنىڭ ئۆزىنى ساپلاشتۇرۇش، ئۆزىنى مۇكەممەللەشتۈرۈش، ئۆزىنى يېڭىلاش، ئۆزىنى يۈكسەلدۈرۈش ئىقتىدارىنى داۋاملىق كۈچەيتىپ، تۈزەش، قالايمىقانلىشىش، گۈللىنىش، خارابلىشىشتەك تارىخىي دەۋرىيلىكىدىن ھالقىپ چىقىپ، جۇڭگوچە سوتسىيالىزمدىن ئىبارەت ھەيۋەتلىك غايەت زور پاراخوتنىڭ مۇقىم، ئۇزاققىچە ئىلگىرىلىشىگە يېتەكچىلىك قىلىشى ۋە كاپالەتلىك قىلىشى كېرەك.

  شى جىنپىڭ مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: كۈچلۈك سىياسىي نازارەتچىلىك ئارقىلىق پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ مۇھىم تەدبىر، ئورۇنلاشتۇرمىلىرىنىڭ ئىزچىل ئەمەلىيلىشىشىگە كاپالەتلىك قىلىش كېرەك. پارتىيەنىڭ يېڭىلىق يارىتىش نەزەرىيەسىنى ئۆگىنىش، چۈشىنىش، ئۆزلەشتۈرۈش، ئەمەلىيەتتىن ئۆتكۈزۈشتە چىڭ تۇرۇپ، پارتىيە قۇرۇلغانلىقىنىڭ 100 يىللىقىنى تەبرىكلەشنى پۇرسەت بىلىپ، پارتىيە ئەزالىرى، كادىرلارنى پارتىيەۋىلىك جەھەتتىن چېنىقىش، پارتىيەۋىلىك جەھەتتىن تەربىيەلىنىشنى كۈچەيتىپ، غايە-ئېتىقادىنى چىڭىتىپ، ئۆز ئىشىنى ئېگىلمەي ـ سۇنماي ياخشى قىلىشقا يېتەكلەش؛ پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ زور تەدبىر-ئورۇنلاشتۇرمىلىرىنى ئىزچىللاشتۇرۇشنى نازارەت قىلىپ تەكشۈرۈش، مەسئۇلىيىتىنى سۈرۈشتۈرۈش مېخانىزمىنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، يېڭى تەرەققىيات ئىدىيەسىنى ئىزچىللاشتۇرۇش، يېڭى تەرەققىيات ئەندىزىسى بەرپا قىلىش، يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتنى ئىلگىرى سۈرۈش قاتارلىق تەدبىر-ئورۇنلاشتۇرمىلارنىڭ ئەمەلىيلىشىش ئەھۋالىنى نازارەت قىلىپ تەكشۈرۈشنى كۈچەيتىش كېرەك. پارتىيە ئەزالىرى، كادىرلار ئىدىيەۋى مۇداپىئە سېپىنى مۇستەھكەملەپ، ھەر ۋاقىت ئۆزىنى قەدىرلەپ، ئۆزى ئۈستىدە ئويلىنىپ، ئۆزىنى ئاگاھلاندۇرۇپ، ئۆزىنى رىغبەتلەندۈرۈپ، ئۆز ئالدىغا ئىش قىلغاندا، كىچىك ئىشلاردا باشتىن ئاخىر ئېھتىياتچان بولۇپ، سىياسىي ئېتىقادى مۇستەھكەم، قائىدە-ئىنتىزامغا رىئايە قىلىدىغان زېرەك ئادەم بولۇشى كېرەك.

  شى جىنپىڭ مۇنداق دەپ كۆرسەتتى: چىرىكلىككە قارشى تۇرۇش كۈرىشىنى قەتئىي تەۋرەنمەي ئىلگىرى سۈرۈپ، چىرىكلىشىشكە جۈرئەت قىلالماسلىق، چىرىكلىشەلمەسلىك، چىرىكلىشىشنى ئويلىماسلىق بىر گەۋدىلەشكەن ئىستراتېگىيەلىك نىشاننى ئۈزلۈكسىز ئىشقا ئاشۇرۇش كېرەك. ئىستىلنى توغرىلاش، ئىنتىزامنى چىڭىتىش، چىرىكلىككە قارشى تۇرۇش بىلەن ئىسلاھاتنى چوڭقۇرلاشتۇرۇش، تۈزۈمنى مۇكەممەللەشتۈرۈش، ئىدارە قىلىشنى ئىلگىرى سۈرۈشنى تۇتاشتۇرۇپ، «تۆت خىل ھالەت»نى ياخشى قوللىنىپ، جازالاش ئارقىلىق چۆچۈتۈش، جازالاش ئارقىلىق قۇتقۇزۇش، تەربىيەلەش ئارقىلىق ئاگاھلاندۇرۇش ئۈنۈمىنى ئۇنىۋېرسال جارى قىلدۇرۇش كېرەك. پۇل مۇئامىلە باشقۇرۇش تارماقلىرى، نازارەت قىلىپ باشقۇرۇش ئاپپاراتلىرى ۋە يەرلىك پارتكوم، ھۆكۈمەتلەرنىڭ سۇبيېكتلىق مەسئۇلىيىتىنى داۋاملىق چىڭىتىپ، پۇل مۇئامىلىدە چىرىكلىككە قارشى تۇرۇش بىلەن پۇل مۇئامىلە خەۋپ-خەتىرىنى بىر تەرەپ قىلىشنى بىر تۇتاش پىلانلاشنى ياخشى جىپسىلاشتۇرۇپ، پۇل مۇئامىلە ساھەسىنى نازارەت قىلىپ باشقۇرۇش ۋە ئىچكى قىسىمنى تۈزەشنى كۈچەيتىش كېرەك. چىرىكلىشىشنىڭ ئالدىنى ئېلىش تەدبىرلىرى بىلەن ئىسلاھات تەدبىرلىرىنى تەڭ پىلانلاپ، تەڭ ئورۇنلاشتۇرۇپ، تەڭ ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، نۇقتىلىق ساھەلەردىكى نازارەتچىلىك مېخانىزمى ئىسلاھاتىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، تۈزۈمدىكى كەمتۈكلۈكلەرنى قاراتمىلىق ھالدا تولۇقلاش كېرەك. ھەر دەرىجىلىك رەھبىرىي كادىرلار پارتىيە ئىنتىزامى، دۆلەت قانۇنىغا باشلامچىلىق بىلەن رىئايە قىلىپ، ئىمتىياز ئىدىيەسى، ئىمتىياز ھادىسىسىگە ئاڭلىق قارشى تۇرۇپ، ئائىلىسىنى باشلامچىلىق بىلەن پاك باشقۇرۇپ، ئائىلە تەۋەلىرى، پەرزەنتلىرى ۋە ئەتراپىدىكى خىزمەتچىلەرنى قاتتىق باشقۇرۇشى كېرەك. ھەر دەرىجىلىك پارتكوملار رەھبىرىي كادىرلارنىڭ شەخسىي ئىشلىرىنى دوكلات قىلىش ئەھۋالىنى تەكشۈرۈشنى كۈچەيتىشى كېرەك.

  شى جىنپىڭ مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: «تۆت ناتوغرا ئىستىل»نى قىلچە بوشاشتۇرماي تۈزىتىپ، شەكىلۋازلىق، بىيۇروكراتلىقنىڭ پەيدا بولۇشى ۋە يامرىشىنىڭ قەتئىي ئالدىنى ئېلىش كېرەك. پارتىيەنىڭ ئېسىل ئەنئەنىسى ۋە ئىستىل تەربىيەسىنى چوڭقۇر قانات يايدۇرۇپ، ئىستىل قۇرۇلۇشىنىڭ ئۇزاق ئۈنۈملۈك مېخانىزمىنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، ياخشى ئەنئەنىنى يېڭى مۇساپىگە باشلاپ كىرىپ، ياخشى ئىستىلنى يېڭى دەۋردە ئەۋج ئالدۇرۇش كېرەك. ئومۇميۈزلۈك قاتتىق بولۇش، ئاخىرىغىچە قاتتىق بولۇشتا چىڭ تۇرۇپ، ئاممىنىڭ ئىنكاسى كۈچلۈك بولغان ھۆكۈمەت پۇلىغا يەپ-ئىچىش، يېمەك-ئىچمەك ئىسراپچىلىقى قاتارلىق ناچار ئادەتلەرگە باش كۆتۈرگەن ھامان زەربە بېرىش، قايتا-قايتا زەربە بېرىش كېرەك. شەكىلۋازلىق، بىيۇروكراتلىققا قىلچە مۇرەسسە قىلماي ئومۇميۈزلۈك تەكشۈرۈپ، نىشانلىق تۈزىتىپ، ئاساسىي قاتلامنىڭ چەكلىمىسىنى داۋاملىق بوشىتىپ، يۈكىنى يېنىكلىتىپ، ئەمەلىي ئىشلەشكە، ئەمەلىي نەتىجىگە ئەھمىيەت بېرىدىغان ئادەم ئىشلىتىش يۆنىلىشىنى تۇرغۇزۇپ، پۈتۈن پارتىيەنىڭ مەسئۇلىيەتنى زىممىسىگە ئېلىشى، ئىگىلىك تىكلىشىگە ھەيدەكچىلىك قىلىش كېرەك.

  شى جىنپىڭ مۇنداق دەپ كۆرسەتتى: ئاممىنىڭ ئەتراپىدىكى چىرىكلىك ۋە ئىستىل مەسىلىلىرىنى داۋاملىق تۈزەپ، ئاممىنىڭ چىرىكلىككە قارشى تۇرۇشتىكى ئېرىشىش تۇيغۇسىنى كۈچەيتىش كېرەك. سىياسىي-قانۇن سېپىدىكى ئىنتىزامغا، قانۇنغا خىلاپ مەسىلىلەرنى قەتئىي تۈزەپ، خەلق ئاممىسىغا ھەر بىر ئەدلىيە دېلوسىدىن ئادىللىق، ھەققانىيلىقنى تىرىشىپ ھېس قىلدۇرۇش كېرەك. قارا-رەزىل كۈچلەرنى تازىلاشنى دائىملاشتۇرۇشنى ئىلگىرى سۈرۈپ، قارا-رەزىل كۈچلەر ۋە «مۇھاپىزەت كۈنلۈكلىرى»گە قەتئىي زەربە بېرىپ، ئۇلارنىڭ پۇقرالارغا يەنە زىيان يەتكۈزۈشىگە ھەرگىز يول قويماسلىق كېرەك. دىققەتنى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ خەلققە نەپ يەتكۈزۈش، خەلقنى بېيىتىش، ئورتاق بېيىشنى ئىلگىرى سۈرۈش سىياسەتلىرىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈشكە قارىتىپ، مائارىپ، داۋالاش، كۈتۈنۈش، ئىجتىمائىي كاپالەت، نامراتلارنى يۆلەش، مۇھىت ئاسراش قاتارلىق ساھەلەردىكى چىرىكلىك ۋە ناتوغرا ئىستىللارنى داۋاملىق تۈزىتىپ، ئاممىنىڭ «جىددىي، قىيىن ئىشلىرى، غەم-ئەندىشىسى ۋە ئارزۇ-ئۈمىدى» مەسىلىسىنى ياخشى ھەل قىلىپ، خەلق ئاممىسىغا ئادىللىق ۋە ھەققانىيلىقنى ھېس قىلدۇرۇش كېرەك.

  شى جىنپىڭ مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: پارتىيە ۋە دۆلەتنىڭ نازارەتچىلىك سىستېمىسىنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، نازارەتچىلىكنى «14-بەش يىل» قۇرۇلۇشىغا سىڭدۈرۈش كېرەك. نازارەت قىلىشنى پارتىيەنىڭ ئىقتىساد، جەمئىيەت تەرەققىياتىغا رەھبەرلىك قىلىشنىڭ پۈتكۈل جەريانىغا سىڭدۈرۈپ، ھوقۇق يۈرگۈزۈش ۋە نازارەت قىلىش، چەكلەش مېخانىزمىنى مۇكەممەللەشتۈرۈشنى يىرىك پىلاننى يولغا قويۇشتىكى ئۇل قۇرۇلۇش قىلىپ، ئومۇميۈزلۈك قاپلىغان مەسئۇلىيەت تۈزۈمى ۋە نازارەت قىلىش تۈزۈمىنى بەرپا قىلىش كېرەك. پارتكوم، پارتگۇرۇپپىلار سۇبيېكتلىق مەسئۇلىيىتىنى ئادا قىلىشى، شۇجىلار بىرىنچى مەسئۇل كىشى بولۇش سۈپىتى بىلەن ھەقىقىي تۇتۇشقا، باشقۇرۇشقا جۈرئەت قىلىشى، ئىنتىزام تەكشۈرۈش، رېۋىزىيە ئورگانلىرى نۇقتىلىق كىشىلەر، نۇقتىلىق ئىشلارغا دىققەت قىلىشى كېرەك. پارتىيە ۋە دۆلەتنىڭ نازارەتچىلىك سىستېمىسىنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، پارتىيە ئىچىدىكى نازارەتچىلىكنى يېتەكچى قىلىپ، ھوقۇقنى نازارەت قىلىش تۈزۈمى ۋە ئىنتىزام، قانۇن ئىجراسى سىستېمىسىنى ئۈزلۈكسىز مۇكەممەللەشتۈرۈپ، تۈرلۈك نازارەتچىلىكنى ماسلاشتۇرۇپ ۋە راۋانلاشتۇرۇپ، دائىملىق، ئۇزاق ئۈنۈملۈك نازارەتچىلىك بىرىكمە كۈچىنى شەكىللەندۈرۈش كېرەك. نازارەت قىلىشنىڭ ئاساسىي قاتلامنى ئىدارە قىلىشتىكى رولىنى تولۇق جارى قىلدۇرۇپ، نازارەت قىلىشنى ئەمەلىيلەشتۈرۈشنى ئىلگىرى سۈرۈپ، ئاممىنى نازارەت قىلىشقا قاتناشتۇرۇش كېرەك.

  شى جىنپىڭ مۇنداق دەپ كۆرسەتتى: ئىنتىزام تەكشۈرۈش، رېۋىزىيە ئورگانلىرى پارتىيەنىڭ سىياسىي قۇرۇلۇشىنى باشلامچىلىق بىلەن كۈچەيتىپ، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ نوپۇزى ۋە پارتىيەنىڭ ئىتتىپاقلىقى، بىرلىكىنى قەتئىي قوغداپ، زامانىۋىلاشتۇرۇش قۇرۇلۇشى ئومۇمىيىتىنى چۆرىدەپ نازارەت قىلىش، ئىجرا قىلىشقا كاپالەتلىك قىلىش، تەرەققىياتنى ئىلگىرى سۈرۈش ۋە مۇكەممەللەشتۈرۈش رولىنى جارى قىلدۇرۇپ، مەسئۇلىيەتنى قەلبىگە پۈكۈپ، مەسئۇلىيەتنى زىممىسىگە ئېلىپ، مەسئۇلىيىتىنى ئادا قىلىش كېرەك. ھەر دەرىجىلىك پارتكوملار ئىنتىزام تەكشۈرۈش، رېۋىزىيە خىزمىتىگە بولغان رەھبەرلىكنى كۈچەيتىپ، ئىنتىزام تەكشۈرۈش، رېۋىزىيە كادىرلىرىنى يېتىشتۈرۈش، تاللاپ ئۆستۈرۈش، ئىشقا قويۇشنى بىر تۇتاش پىلانلاش مەسئۇلىيىتىنى ئۈستىگە ئېلىپ، ئىنتىزام تەكشۈرۈش، رېۋىزىيە كادىرلىرى قوشۇنىغا ئەلالىرىنى تاللاپ، كۈچلۈكلىرىنى سەپلىشى كېرەك. ئىنتىزام تەكشۈرۈش، رېۋىزىيە ئورگانلىرى ئەڭ قاتتىق چەكلىمە ۋە نازارەتچىلىكنى قوبۇل قىلىپ، قاتتىق باشقۇرۇش، قاتتىق ئىدارە قىلىش، ئۆزىنى پاكلاش سالمىقىنى ئاشۇرۇپ، ئۆز ھوقۇقىنىڭ ھەرىكەت مېخانىزمى ۋە باشقۇرۇش، نازارەت قىلىش سىستېمىسىدىكى ئاجىز ھالقىلارغا قارىتا تۈزۈم قەپىزىنى چىڭىتىپ، «چىراغ تۈۋى قاراڭغۇ» بولۇشنىڭ قەتئىي ئالدىنى ئېلىپ، سىياسىي ساپاسى يۇقىرى، سادىق، پاك، مەسئۇلىيەتچان، كەسىپلەشكەن ئىقتىدارى كۈچلۈك، كۈرەش قىلىشقا جۈرئەت قىلالايدىغان كۈرەش قىلىشقا ماھىر ئىنتىزام تەكشۈرۈش، رېۋىزىيە پولات قوشۇنىنى تىرىشىپ قۇرۇپ چىقىپ، ئەلا نەتىجىلەر بىلەن پارتىيە قۇرۇلغانلىقىنىڭ 100 يىللىقىنى تەبرىكلىشى كېرەك.

  جاۋ لېجى يىغىنغا رىياسەتچىلىك قىلغاندا مۇنداق دەپ كۆرسەتتى: باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ مۇھىم سۆزىدە ئۆتكەن بىر يىلدا پارتىيەنى ئومۇميۈزلۈك قاتتىق ئىدارە قىلىشتا قولغا كەلتۈرۈلگەن يېڭى زور نەتىجىلەر تولۇق مۇئەييەنلەشتۈرۈلۈپ، پارتىيەنى ئومۇميۈزلۈك قاتتىق ئىدارە قىلىش يېڭى ۋەزىيىتى، يېڭى ۋەزىپىسى چوڭقۇر شەرھلەندى، پارتىيەنى ئومۇميۈزلۈك قاتتىق ئىدارە قىلىشتا ئالدى بىلەن سىياسىي جەھەتتىن قاراپ، سىياسىي ھۆكۈم قىلىش ئىقتىدارى، سىياسىي ئۆزلەشتۈرۈش ئىقتىدارى، سىياسىي ئىجرا قىلىش كۈچىنى ئۈزلۈكسىز ئۆستۈرۈپ، پارتىيە ئىستىلى، پاكلىق قۇرۇلۇشى ۋە چىرىكلىككە قارشى تۇرۇش كۈرىشىنى بىر مىنۇتمۇ توختاتماي ئىلگىرى سۈرۈپ، كۈچلۈك سىياسىي نازارەتچىلىك ئارقىلىق «14-بەش يىل» مەزگىلىدىكى نىشان-ۋەزىپىلەرنى دەل جايىدا ئەمەلىيلەشتۈرۈشكە كاپالەتلىك قىلىش تەكىتلەندى. سۆز يۇقىرى قاتلامدىن ئېيتىلغان، ئىدىيەسى چوڭقۇر، مەزمۇنى مول بولۇپ، پارتىيەنى ئومۇميۈزلۈك قاتتىق ئىدارە قىلىشنىڭ چوڭقۇر تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرۈشتىكى مۇھىم قوللانما. ھەر دەرىجىلىك پارتىيە تەشكىلاتلىرى ۋە پارتىيەلىك كادىرلار باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ مۇھىم سۆزىنىڭ روھىنى چوڭقۇر ئۆگىنىپ ۋە ئىزچىللاشتۇرۇپ، «تۆت ئاڭ»نى كۈچەيتىپ، «تۆت ئىشەنچ»نى چىڭىتىپ، «ئىككىنى قوغداش»نى ئىشقا ئاشۇرۇپ، ئومۇمىي يىغىننىڭ ئورۇنلاشتۇرمىلىرىنى ئەستايىدىل ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، قاتتىق ئاساسىي رىتىمنى ئۇزاققىچە داۋاملاشتۇرۇپ، چىرىكلىشىشكە جۈرئەت قىلالماسلىق، چىرىكلىشەلمەسلىك، چىرىكلىشىشنى ئويلىماسلىقنى بىر گەۋدىلەشتۈرۈپ ئىلگىرى سۈرۈش ئىستراتېگىيەلىك نىشانىنى ئۈزلۈكسىز ئىشقا ئاشۇرۇشى كېرەك.

  جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بىيۇروسىنىڭ ئەزالىرى، مەركىزىي كومىتېت شۇجىچۇسىنىڭ شۇجىلىرى، مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئالاقىدار رەھبەرلىرى، دۆلەت كومىسسارلىرى، ئالىي خەلق سوت مەھكىمىسىنىڭ باشلىقى، ئالىي خەلق تەپتىش مەھكىمىسىنىڭ باش تەپتىشى، مەملىكەتلىك سىياسىي كېڭەشنىڭ ئالاقىدار رەھبەرلىرى ۋە مەركىزىي ھەربىي كومىتېتىنىڭ ئەزالىرى يىغىنغا قاتناشتى.

  مەركىزىي ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتېتىنىڭ ئەزالىرى، مەركەز ۋە دۆلەت ئورگانلىرىدىكى تارماقلار، خەلق تەشكىلاتلىرىنىڭ ئاساسلىق مەسئۇللىرى، ئارمىيەدىكى ئالاقىدار ئورۇنلارنىڭ ئاساسلىق مەسئۇللىرى قاتارلىقلار يىغىنغا قاتناشتى. يىغىن تېلېۋىزىيەلىك تېلېفون يىغىنى شەكلىدە ئېچىلدى، ھەرقايسى ئۆلكە، ئاپتونوم رايون، مەركەزگە بىۋاسىتە قاراشلىق شەھەرلەر ۋە شىنجاڭ ئىشلەپچىقىرىش- قۇرۇلۇش بىڭتۈەنى ۋە ئارمىيەدىكى ئالاقىدار ئورۇنلاردا شۆبە يىغىن مەيدانى تەسىس قىلىندى.

  جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى 19-نۆۋەتلىك مەركىزىي ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتېتىنىڭ 5-ئومۇمىي يىغىنى 22-يانۋار بېيجىڭدا ئېچىلدى، مەركىزىي ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتېتى دائىمىي كومىتېتى يىغىنغا رىياسەتچىلىك قىلدى. 22-يانۋار چۈشتىن كېيىن جاۋ لېجى مەركىزىي ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتېتى دائىمىي كومىتېتىغا ۋاكالىتەن «يېڭى دەۋردىكى ئىنتىزام تەكشۈرۈش، رېۋىزىيە خىزمىتىنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، ئەلا نەتىجىلەر بىلەن جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى قۇرۇلغانلىقىنىڭ 100 يىللىقىنى تەبرىكلەيلى» دېگەن تېمىدا خىزمەت دوكلاتى بەردى.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى

  
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ