باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مۇھىم خەۋەرلەر

لى كېچياڭ: شەھەر-بازارلاردىكى ئىشچى-خىزمەتچىلەرنىڭ ئاساسىي كۈتۈنۈش سۇغۇرتىسى ئورۇنلىرىنىڭ ھەق تاپشۇرۇش نىسبىتىنى تۆۋەنلەتكەندە، جايلار %16كە چۈشۈرسە بولىدۇ

2019.03.06 14:33         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 6-مارت بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: 5- مارت چۈشتىن بۇرۇن، 13- نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيىنىڭ 2- يىغىنى خەلق سارىيىدا ئېچىلدى، يىغىندا گوۋۇيۈەن زۇڭلىسى لى كېچياڭنىڭ ھۆكۈمەت خىزمىتىدىن بەرگەن دوكلاتى ئاڭلاپ ئۆتۈلدى.

  لى كېچياڭ 2019- يىللىق ھۆكۈمەت خىزمىتى ۋەزىپىسىنى تونۇشتۇرغاندا، كارخانىلارنىڭ ئىجتىمائىي سۇغۇرتا ھەق تاپشۇرۇش يۈكىنى كۆرۈنەرلىك تۆۋەنلىتىش كېرەك، دېدى.

  شەھەر-بازارلاردىكى ئىشچى-خىزمەتچىلەرنىڭ ئاساسىي كۈتۈنۈش سۇغۇرتىسى ئورۇنلىرىنىڭ ھەق تاپشۇرۇش نىسبىتىنى تۆۋەنلەتكەندە، جايلار %16كە چۈشۈرسە بولىدۇ. ھازىر يولغا قويۇلۇۋاتقان يىغىش-تاپشۇرۇش ئۇسۇلىنى مۇقىملاشتۇرۇشتا، جايلار باج ئېلىش تۈزۈلمە ئىسلاھاتى جەريانىدا كىچىك ۋە مىكرو كارخانىلارنىڭ ئەمەلىي ھەق تاپشۇرۇش يۈكىنى ئاشۇرۇش ئۇسۇلىنى قوللىنىشقا بولمايدۇ، تارىخىي قەرز ھەقلىرىنى ئۆز ئالدىغا يىغىۋېلىشقا بولمايدۇ. ئىشسىزلىق ۋە ئىشتا يارىلىنىش سۇغۇرتىسىنىڭ ھەق نىسبىتىنى باسقۇچلۇق تۆۋەنلىتىش سىياسىتىنى داۋاملىق ئىجرا قىلىش كېرەك. بۇ يىل كارخانىلار، بولۇپمۇ كىچىك ۋە مىكرو كارخانىلارنىڭ ئىجتىمائىي سۇغۇرتا ھەق تاپشۇرۇش يۈكىنى ماھىيەتلىك تۆۋەنلىتىش كېرەك. كۈتۈنۈش سۇغۇرتىسىنى ئۆلكە دەرىجىلىك بىرتۇتاش غەملەش ئىسلاھاتىنى تېز ئىلگىرى سۈرۈپ، كارخانا ئىشچى-خىزمەتچىلىرىنىڭ ئاساسىي كۈتۈنۈش سۇغۇرتىسى فوندىنىڭ مەركەز تەڭشەش نىسبىتىنى داۋاملىق ئۆستۈرۈپ، بىر قىسىم دۆلەت كاپىتالىنى ئاجرىتىپ ئىجتىمائىي سۇغۇرتا فوندىنى تولۇقلاش كېرەك. بىز ھەم كارخانىلارنىڭ ھەق تاپشۇرۇش يۈكىنى يېنىكلىتىشىمىز كېرەك، يەنە ئىشچى-خىزمەتچىلەرنىڭ ئىجتىمائىي سۇغۇرتا تەمىناتىنى ئۆزگەرتمەسلىكىمىز، كۈتۈنۈش پۇلىنى مۇۋاپىق ئاشۇرۇپ، ھەم ۋاقتىدا ۋە تولۇق تارقىتىشىغا كاپالەتلىك قىلىپ، ئىجتىمائىي سۇغۇرتا فوندىنى ئىمكانىيەتلىك سىجىل قىلىپ، ئۇنىڭدىن كارخانا بىلەن ئىشچى-خىزمەتچىلەر تەڭ مەنپەئەتلىنىشى كېرەك.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: موللانىياز تۇنىياز

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت

${KEYWORD}

ئالاقىدار خەۋەرلەر