- مۇھىم
- مەملىكەت
- شىنجاڭ
- خەلقئارا
شى جىنپىڭ 5- تۈركۈمدىكى مەملىكەتلىك كادىرلار تەربىيەلىنىش ۋە ئۆگىنىش دەرسلىكىگە كىرىش سۆز يېزىپ بەردى
شى جىنپىڭ كىرىش سۆزىدە، ماركسىزملىق ئۆگىنىشچان بىر سىياسىي پارتىيە ۋە ئۆگىنىشچان بىر چوڭ دۆلەت قۇرۇشنى ئىلگىرى سۈرۈش قەدىمىنى تېزلىتىشنى تەلەپ قىلدى
2019.03.01 14:57 مەنبە: خەلق تورى
خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 1- مارت بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: مەملىكەتلىك كادىرلار تەربىيەلىنىش ۋە ئۆگىنىش كۇرسى ئۈچۈن ھازىرلىنىپ، پات يېقىندا نەشر قىلىنىش ئالدىدا تۇرىۋاتقان 5- تۈركۈمدىكى دەرسلىككە ج ك پ مەركىزىي كومىتېتىنىڭ باش شۇجىسى، دۆلەت رەئىسى، مەركىزىي ھەربىي كومىتېتنىڭ رەئىسى شى جىنپىڭ كىرىش سۆز يېزىپ بەردى.
شى جىنپىڭ كىرىش سۆزىدە مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: پارتىيەمىز ئۆگىنىشكە تايىنىپ تارىخنى ياراتتى، كەلگۈسىگە يۈزلىنىشتە تېخىمۇ ئۆگىنىشكە تايىنىشى كېرەك. ماركسىزملىق ئۆگىنىشچان بىر سىياسىي پارتىيە ۋە ئۆگىنىشچان بىر چوڭ دۆلەت قۇرۇشنى ئىلگىرى سۈرۈش قەدىمىنى تېزلىتىپ، يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسىنى ئۆگىنىش ۋە ئىزچىللاشتۇرۇشنى مۇھىمنىڭ ئىچىدىكى مۇھىمى دەيدىغان يۈكسەك ئورۇنغا قويۇپ، نەزەرىيەنى ئەمەلىيەتكە بىرلەشتۈرۇشتە چىڭ تۇرۇپ، پىرىنسىپنى چۈشىنىپ، ھەقىقەتكە ئىنتىلىپ، ئىشنىڭ يولىنى بىلىپ،«تۆت ئاڭ»نى ئۈزلۈكسىز كۈچەيتىپ، «تۆت ئىشەنچ»تە چىڭ تۇرۇپ، «ئىككىنى قوغداش»نى ئىشقا ئاشۇرۇپ، كەڭ پارتىيە ئەزالىرى ۋە كادىرلارنى سادىقلىق بىلەن ۋە پاك ھالدا مەسئۇلىيەتچان بولۇش تەلىپى بويىچە ئۆزىنى يۈكسەلدۈرىدىغان قىلىپ تەربىيەلەپ ۋە شۇنىڭغا يېتەكلەپ، ئۇلارنىڭ كۈرەش روھىنى تىرىشىپ يېتىلدۈرۈپ ۋە كۈرەش ماھارىتىنى ئاشۇرۇپ، ئۇلارنى ئىدىيە، ئىقتىدار ۋە ھەرىكەت جەھەتتە پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ تەلىپىگە، ئۇيغۇنلىشالايدىغان، دەۋرنىڭ ئالغا ئىلگىرىلەش قەدىمىگە يېتىشەلەيدىغان ۋە ئىشلارنىڭ تەرەققىيات ئېھتىياجىدىن چىقالايدىغان قىلىپ تەربىيەلەپ چىقىش كېرەك.
كۆرۈپ بېكىتكۈچى: موللانىياز تۇنىياز
مەنبە: خەلق تورى
ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى
بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ
مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت
${KEYWORD}
ئالاقىدار خەۋەرلەر