خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 21- فېۋرال بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: ج ك پ مەركىزىي كومىتېتىنىڭ باش شۇجىسى، دۆلەت رەئىسى، مەركىزىي ھەربىي كومىتېتىنىڭ رەئىسى شى جىنپىڭ 20-فېۋرال چۈشتىن كېيىن بېيجىڭ خەلق سارىيىدا، ئاينى تەكشۈرۈش قۇرۇلۇشى «چاڭئې تۆتىنچى» ناملىق سۈنئىي ھەمراھ ۋەزىپىسىنى ئورۇنداش تەتقىقاتى ۋە سىنىقىغا قاتناشقان خادىملار ۋەكىللىرى بىلەن كۆرۈشتى. ئۇ مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: ئالەم بوشلۇقىدا ئىزدىنىشنىڭ چېكى يوق. دۆلىتىمىزدىكى كەڭ پەن- تېخنىكا خىزمەتچىلىرى، ئالەم قاتنىشى خىزمەتچىلىرى ئاينى تەكشۈرۈش قۇرۇلۇشى باش نىشانىنى ئەمەلگە ئاشۇرۇش ئۈچۈن غەلىبىسېرى ئالغا ئىلگىرىلەپ، دۇنيا ئالەم قاتنىشى ئىشلىرىنىڭ تەرەققىياتىنى داۋاملىق ئىلگىرى سۈرۈش ئۈچۈن تىرىشىپ، ئىنسانلارنىڭ ئالەم بوشلۇقىدىن تىنچ پايدىلىنىشى، ئىنسانىيەت تەقدىرى ئورتاق گەۋدىسى بەرپا قىلىشى ئۈچۈن تېخىمۇ كۆپ جۇڭگو ئەقىل-پاراسىتى، جۇڭگو لايىھەسى، جۇڭگو كۈچىنى قوشۇشى لازىم.
ج ك پ مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بىيۇروسى دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى لى كېچياڭ، لى جەنشۇ، ۋاڭ ياڭ، ۋاڭ خۇنىڭ، جاۋ لېجى، خەن جېڭ كۆرۈشۈشكە قاتناشتى.
خەلق سارىيىنىڭ ئالتۇن رەڭلىك زالىدا چىراغلار چاقناپ، ئىللىق مېھىرغا تولغان ئىدى. چۈشتىن كېيىن سائەت ئۈچتىن 30 مىنۇت ئۆتكەندە، شى جىنپىڭ قاتارلىق پارتىيە ۋە دۆلەت رەھبەرلىرى تەتقىقات ۋە سىناققا قاتناشقان خادىملارنىڭ ۋەكىللىرى ئارىسىغا كەلگەندە، پۈتۈن مەيداندا قىزغىن ئالقىش ياڭرىدى. شى جىنپىڭ كۆپچىلىك بىلەن قىزغىن قول ئېلىشىپ كۆرۈشۈپ، سەمىمىي پاراڭلاشتى، ئۇلارنىڭ خىزمەت ۋە تۇرمۇش ئەھۋالىنى سورىدى ھەمدە كۆپچىلىك بىلەن خاتىرە سۈرەتكە چۈشتى.
شى جىنپىڭ قىزغىن ئالقىش ساداسى ئىچىدە مۇھىم سۆز قىلدى. ئۇ ئالدى بىلەن ئېلىمىزنىڭ ئالەم قاتنىشى ئىشلىرىنىڭ تەرەققىياتىغا تارىخىي تۆھپە قوشقان بارلىق يولداشلاردىن سەمىمىي ھال سورىدى، «چاڭئې تۆتىنچى» ناملىق سۈنئىي ھەمراھ ۋەزىپىسىنىڭ مۇۋەپپەقىيەتلىك بولۇشى ئۈچۈن گەۋدىلىك تۆھپە قوشقان تەتقىقات ۋە سىناققا قاتناشقان بارلىق خادىملارنى قىزغىن تەبرىكلىدى. شى جىنپىڭ مۇنۇلارنى بىلدۈردى: سىلەر پەن-تېخنىكىنىڭ يۇقىرى پەللىسىگە چىقىش، ئالەم سىرى ئۈستىدە ئىزدىنىش جەھەتتە قالتىس تۆھپە ياراتتىڭلار، بۇ پۈتۈن پارتىيە، پۈتۈن ئارمىيە، پۈتۈن مەملىكەتتىكى ھەر مىللەت خەلقىنى يېڭى دەۋردە كۈرەش قىلىپ، يېڭى مۇساپىنى باشلاشقا ئىلھاملاندۇرۇشتا مۇھىم ئۈلگىلىك ئەھمىيەتكە ئىگە. ۋەتەن ۋە خەلق سىلەرگە رەھمەت ئېيتىدۇ.
كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر
مەنبە: خەلق تورى