باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مۇھىم خەۋەرلەر

شى جىنپىڭ گېرمانىيە تاراتقۇلىرىدا ئىمزالىق ماقالە ئېلان قىلدى

2017.07.05 14:15         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 5-ئىيۇل بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ 7-ئاينىڭ 4-كۈنى گېرمانىيە فدىراتىپ جۇمھۇرىيىتىدە دۆلەت ئىشلىرى زىيارىتىدە بولىۋاتقان پەيىتتە، گېرمانىيەنىڭ ئاساسلىق تاراتقۇلىرىدا «تېخىمۇ گۈزەل دۇنيا ئۈچۈن» ناملىق ئىمزالىق ماقالىسىنى ئېلان قىلدى. ماقالىنىڭ قىسقىچە مەزمۇنى تۆۋەندىكىچە:

  تېخىمۇ گۈزەل دۇنيا ئۈچۈن

  جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ رەئىسى شى جىنپىڭ

  تومۇز پەسلىدە گېرمانىيەدە يەنە بىر قېتىم دۆلەت ئىشلىرى زىيارىتىدە بولغانلىقىم شۇنىڭدەك 20 دۆلەت گۇرۇھى رەھبەرلىرىنىڭ ھامبۇرگ باشلىقلار يىغىنىغا قاتناشقانلىقىمىدىن ئىنتايىن خۇشال بولدۇم.

  بۇ قېتىمقى زىيارىتىم دەل جۇڭگو بىلەن گېرمانىيەنىڭ دىپلوماتىك مۇناسىۋەت ئورناتقانلىقىنىڭ 45 يىللىقىغا توغرا كەلدى. 45 يىلدىن بۇيان، جۇڭگو-گېرمانىيە مۇناسىۋىتىنىڭ تەرەققىياتى ئومۇمىي جەھەتتىن ئوڭۇشلۇق بولدى ھەم ئەمەلىي ھەمكارلىقى ئۈزلۈكسىز چوڭقۇرلاشتى. مەن 2014-يىلى گېرمانىيەدە تۇنجى قېتىم دۆلەت ئىشلىرى زىيارىتىدە بولغان چېغىمدا، ئىككى تەرەپ ئىككى دۆلەت مۇناسىۋىتىنى ھەر تەرەپلىمە ئىستراتېگىيەلىك ھەمراھلىق مۇناسىۋىتى دەرىجىسىگە ئۆستۈرۈشكە بىردەك قوشۇلۇپ، جۇڭگو بىلەن گېرمانىيە مۇناسىۋىتىنىڭ يېڭى سەھپىسىنى ئاچقان ئىدۇق.

  —— جۇڭگو بىلەن گېرمانىيە مۇناسۋىتىنىڭ ئىستراتېگىيە دەرىجىسى ئۈزلۈكسىز يۇقىرى كۆتۈرۈلدى. ئىككى دۆلەت يۇقىرى قاتلىمىدىكىلەرنىڭ ئۆز ئارا زىيارەت قىلىشى كۆپىيىپ، ئۆز ئارا بىلىش، چۈشىنىش ۋە سىياسىي جەھەتتىكى ئۆز ئارا ئىشىنىش كۈچەيتىلدى. ئىككى تەرەپ 2014-يىلى «جۇڭگو-گېرمانىيە ھەمكارلىقىنىڭ ھەرىكەت پرۇگراممىسى: بىرلىكتە يېڭىلىق يارىتايلى» نى ئېلان قىلدى، بۇ ئىككى دۆلەت مۇناسىۋىتىنىڭ ئوتتۇرا، ئۇزاق مەزگىللىك تەرەققىياتىنىڭ پروگرامما خاراكتېرلىك ھۆججىتىگە ئايلاندى. ھازىر، ئىككى تەرەپ جۈملىدىن جۇڭگو بىلەن گېرمانىيە ھۆكۈمىتى كېڭەشكەن 70 نەچچە ئوخشاشمىغان قاتلام، دەرىجىدىكى سۆھبەتلىشىپ ھەمكارلىشىش مېخانىزمى، بولۇپمۇ جۇڭگو بىلەن گېرمانىيەنىڭ دىپلوماتىيە ۋە خەۋپسىزلىك ئىستراتېگىيەلىك سۆھبىتى، جۇڭگو-گېرمانىيە يۇقىرى دەرىجىلىكلەر مالىيە، مەدەنىيلىك، خەۋپسىزلىك سۆھبەت مېخانىزمى، جۇڭگو-گېرمانىيە ئىقتىساد مەسلىھەتچىلىرى كومىتېتى قاتارلىقلار ئارقا-ئارقىدىن يولغا قويۇلۇپ، جۇڭگو بىلەن گېرمانىيەنىڭ ھەر تەرەپلىمە ئىستراتېگىيەلىك مۇناسىۋىتىنىڭ مەزمۇنى تولۇقلاندى. جۇڭگو بىلەن گېرمانىيەنىڭ ھەمكارلىقىمۇ تەدرىجىي ھالدا ئالەم قاتنىشى، ئاۋىئاتسىيە، دېڭىز-ئوكيان، قۇتۇپ رايونى، ئالاقە تورى قاتارلىق بوشلۇقلارغىچە كېڭەيتىلدى.

  شىنجاڭ گېزىتى تەرجىمىسى

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

${KEYWORD}

ئالاقىدار خەۋەرلەر