باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
خەلق تورى>>مۇھىم خەۋەرلەر

شى جىنپىڭ رۇسىيە زۇڭلىسى مېدۋېدېۋ بىلەن كۆرۈشتى

2017.07.05 14:11   مەنبە: خەلق تورى

شى جىنپىڭ رۇسىيە زۇڭلىسى مېدۋېدېۋ بىلەن كۆرۈشتى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 4-ئىيۇل بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ 7-ئاينىڭ 4-كۈنى موسكۋادا رۇسىيە زۇڭلىسى مېدۋېدېۋ بىلەن كۆرۈشتى.

  شى جىنپىڭ مۇنداق دەپ كۆرسەتتى: ھازىر رۇسىيە ئىقتىسادىنىڭ تەرەققىياتى سىجىل ياخشىلىنىپ، جەمئىيىتى مۇقىم بولۇۋاتىدۇ. دۇنيا ئىقتىسادىنىڭ ئېشىشى ئاجىز، خەلقئارالىق سودا ۋە مەبلەغ سېلىش سۇسلىشىۋاتقان ۋەزىيەتتە، جۇڭگو بىلەن رۇسىيەنىڭ ئىقتىساد-سودا، مەبلەغ سېلىش قاتارلىق ساھەلەردىكى ئەمەلىي ھەمكارلىقى سىجىل كېڭىيىپ، مول نەتىجىلەر قولغا كەلدى. جۇڭگو رۇسىيە بىلەن بولغان ھەمكارلىقنى تەرەققىي قىلدۇرۇش ئىرادىسىدىن قەتئىي تەۋرەنمەيدۇ، رۇسىيە دائىرلىرى بىلەن دۇنياۋى خىرىسلارغا بىرلىكتە تاقابىل تۇرۇش ئىشەنچىسى تولۇق. جۇڭگو بىلەن رۇسىيە ئۆز ئارا قوللاش، ئۆز ئارا ئېچىۋېتىش، ھەمكارلىقنى كېڭەيتىشتە چىڭ تۇرۇپ، ئىككى دۆلەتنىڭ ئورتاق تەرەققىي قىلىشى، ئورتاق گۈللىنىشىگە ياخشى شارائىت يارىتىپ، دۇنيانىڭ تىنچلىقى، مۇقىملىقى، تەرەققىياتى ئۈچۈن كۈچلۈك ھەرىكەتلەندۈرگۈچى كۈچ ئاتا قىلىشى كېرەك.

  شىنجاڭ گېزىتى تەرجىمىسى

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ
مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

 سۈرەتلەر

  •  تەۋسىيە

    ·ئىچكىرىدىكى شىنجاڭ تولۇق ئوتتۇرا سىنىپلىرى، كەسپىي تېخنىكوم سىنىپلىرى ۋە تولۇقسىز ئوتتۇرا سىنىپلىرى…
    ·شەھەر-يېزا مەجبۇرىيەت مائارىپى ھەقسىز دەرسلىكلەر بىلەن تەمىنلىنىدۇ 
    ·ئادەتتىكى ئالىي مەكتەپلەرگە ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىش خىزمىتى 7- ئاينىڭ 5- كۈنى باشلىنىدۇ
    ·شىنجاڭدا بەش يىلدا 60 مىڭدىن ئارتۇق يېزا قوش تىل ئوقۇتقۇچىسى قوبۇل قىلىندى
    ·ئالىي مەكتەپ ئىمتىھان نەتىجىسى 24-ئىيۇن سائەت 22 دە (بېيجىڭ ۋاقتى) ئېلان قىلىنىدۇ
    ·مەركەز 72 مىليون 900 مىڭ يۈەن مەبلەغ سېلىپ، ئۈرۈمچى شەھىرىنىڭ ئوقۇش يېشىغا توشمىغانلار مائارىپى قوش…
    ·يالغان ئۇنىۋېرسىتېتلاردىن ئاگاھ بولۇڭ
    ·ئالىي مەكتەپ ئىمتىھان نەتىجىسى بۈگۈندىن باشلاپ ئارقا-ئارقىدىن ئېلان قىلىنىدۇ
    ·6-ئاينىڭ 21-كۈنى سائەت 12دىن (بېيجىڭ ۋاقتى) باشلاپ توردا ئالىي مەكتەپ ئىمتىھانى ئارزۇسىنى تولدۇرسا …
    ·ئەدلىيە مىنىستىرلىقى 7-ئاينىڭ 11-كۈنىدىن باشلاپ ئەدلىيە ئىمىتىھانىدا لاياقەتلىك بولغان ئوقۇش پۈتكۈز…