باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مۇھىم خەۋەرلەر

2017-يىللىق ئالتۇن كېسەك دۆلەتلەر تەنھەرىكەت مۇسابىقىسى گۇاڭجۇدا باشلاندى

2017.06.19 15:36         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 19- ئىيۇن بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: 2017-يىللىق ئالتۇن كېسەك دۆلەتلەر تەنھەرىكەت مۇسابىقىسى 17-ئىيۇن كەچتە گۇاڭجۇدا باشلاندى. دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ تەبرىك خېتى ئەۋەتىپ تەنھەرىكەت مۇسابىقىسىنىڭ باشلانغانلىقىنى قىزغىن تەبرىكلىدى، تەنھەرىكەت مۇسابىقىسىگە قاتناشقان ھەر قايسى دۆلەتنىڭ مېھمانلىرى، تەنھەرىكەتچىلەر، تىرېنېرلارنى سەمىمىي قارشى ئالىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

  شى جىنپىڭ مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: ئالتۇن كېسەك دۆلەتلەرنىڭ تەنتەربىيە ئىشلىرىنىڭ تەرەققىياتى ئۆزگىچە ئالاھىدىلىككە ئىگە. بۇ نۆۋەتلىك تەنھەرىكەت مۇسابىقىسى تەنھەرىكەتچىلەرنىڭ تېخنىكا ساپاسىنى ئۆستۈرۈش، ئەنئەنىۋى تەنتەربىيە تۈرلىرىنى ئومۇملاشتۇرۇش، تەنتەربىيە ئىشلىرىنىڭ تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرۈش، خەلقنىڭ دوستلۇقىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇش جەھەتتە ئىجابىي رول ئوينايدۇ. تەنھەرىكەتچىلەرنىڭ ئۆز ئۇسلۇبى، سەۋىيەسىنى ياخشى جارى قىلدۇرۇپ، ياخشى نەتىجىنى قولغا كەلتۈرۈشىنى ئۈمىد قىلىمىز.

  2017-يىللىق ئالتۇن كېسەك دۆلەتلەرنىڭ تەنھەرىكەت مۇسابىقىسى 17-ئىيۇندىن 21-ئىيۇنغىچە ئۆتكۈزۈلىدۇ، بىرازىلىيە، رۇسىيە، ھىندىستان، جەنۇبىي ئافرىقا ۋە جۇڭگودىن كەلگەن 300 گە يېقىن تەنھەرىكەتچى مۇسابىقىگە قاتنىشىدۇ، مۇسابىقىدە ۋاسكىتبول، ۋالىبول ۋە چامباشچىلىقتىن ئىبارەت ئۈچ چوڭ تۈر، 10 كىچىك تۈر تەسىس قىلىندى. جۇڭگو 32 تەنھەرىكەتچىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان 53 كىشىلىك ئۆمەكنى بارلىق تۈردىكى مۇسابىقىگە قاتنىشىشقا ئەۋەتتى.

  شىنجاڭ گېزىتى تەرجىمىسى

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مۇستافا شاۋكەت

${KEYWORD}

ئالاقىدار خەۋەرلەر